- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
  9.02%
|
مانا مەنمۇ ئەشۇ «ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى» نىڭ بىرسى. ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپ پۈتكۈزۈپ كېلىپ بىرقانچە يىلغىچە ئازغىنە مائاش بىلەن ئەشۇنداق ئىشلىدىم. ئاقىۋەت تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چىقىپ كەتتىم.
ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق كەسىپ، شۇ ۋاقىتلاردا مەن كۆپ قىسىم ئوت يۈرەكلەرگە ئوخشاش شۇ ئازغىنە ئىش ھەققىنىمۇ تۆۋەن كۆرمەي، ھەقىقىي جاپالىق شۇ كەسىپنىمۇ جاپالىق بىلمەي، كېچىنى- كۈندۈزگە ئۇلاپ، ھاردىم- تالدىم دېمەي ئىشلىگەن. 2011- يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ بېرىدە دەل مۇشۇ ماڭا ئوخشاش ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەنلەرنى ئېنىقلايدىغان ئىش چىقىپ، ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم تەكرار- تەكرار ئېنىقلاشلار بولدى. «مانا- ھېلى» دەپ يۈرۈپ ھازىرغا قەدەر ئېنىق، قايىل قىلارلىق جاۋاب يوق (مەن بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنىمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن). |
|