- تىزىملاتقان
- 2013-4-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 935
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
  87%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم! مىلادىيە يېڭى يىلىغا مەرھابا! مانا 21-ئەسىردە ياشاۋاتقىنىمىزغىمۇ 13يىل بوپتۇ، ئۆتكەن ئەسىردە(50 يىل بۇرۇن) قەۋمىمىزنى ھەر ۋاقىت يۇتۇۋېلىشنىڭ پېيىدا يۈرگۇچىلەر ۋە ئۆزىنىڭ (ئۇيغۇر)قەۋمىدىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن ئاز بىر قىسىم ئازغۇنلار، «ئۇيغۇر قەۋمى يېرىم ئەسىردىن كېيىن يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟.......» دەپ پىتنە تارقىتىپ يۈرەتتى، ھالبۇكى مانا تارىخ 2014-يىلىغا قەدەم قويۇش ھارپىسىدىمۇ « يىقىلغاندا باش ئەگمىگەن، يىقىتقاندا دەسسىمىگەن ئەركەك بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتى»لىرى نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئەجداتلىرىنىڭ ئىزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئانا يۇرتى يەرشارىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە يۇلتۇزدەك تارىلىپ «مەن ئۇيغۇر» دەپ ياشاۋاتماقتا! مەرھابا مىلادىيە يېڭى يىلى !مەرھابا ئۇيغۇر!
«بالىلىرىم قۇلۇقۇڭلاردا دائىم جاراڭلاپ تۇرسۇنكى: ئىنسان ئۈمۈت بىلەن كۆكلەيدۇ، ئۈمۈتسىز ئىنسان ئاسانلا نىشانىدىن ئادىشىپ باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ؛ ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ »
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى بىرتۈگىمەس بايلىق، ئۇيغۇرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەمدى يەنە قايتىدىن ئاچىلىۋاتىدۇ! قاراڭلار 2013-يىلىكى دۇنيا سەھنىسىگە، نەچچە يۈزلىگەن «ئۇيغۇر چەۋانداز»لىرى دۇنيا ئىلىم ئەھلىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ يېڭىدىن يېڭى ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتە، دۇلدۇلىنىڭ تۇياقلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ ، دۇنياغا ئۇيغارلىقىنى جاكارلىماقتا! چاپقىن چەۋاندازلىرىم چاپقىن ! ئىلمۇ -ئىرپان داۋانلىرىدىن ئاشقىن،پەلەكىيات ساھىلىغا يەتكىن! 21-ئەسىر سېنىڭ باغاشلىشىڭنى كۈتۈپ ئىللىق قوينىنى كەڭ ئاچماقتا!
ئاللاھقا چەكسىز شۈكرىلەر بولسۇنكى ئۇلۇق ئاللاھىم بىزلەرنى نائۈمۈد قويمىغىن،بىزلەرنى توغرا يولغا باشلىغىن! ئامىن! |
|