- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19367
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
23.42%
|
| 11-يانۋار، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتېس بىلەن كۆرۈشتى. ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلىي فوتوسى)
| شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 11-چېسلا چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتېس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ساغلام، مۇقىم بولغان ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتى 21-ئەسىردىكى پائال ھەمكارلاشقان، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ «ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، باپباراۋەر بولۇش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش» پىرىنسىپى ئاساسىدا، سۆھبەت-ئالاقىنى كېڭەيتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىستىراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم ئىشلاردا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، ساغلام، مۇقىم بولغان ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.(لى جۇڭفا، خاۋ يالىن خەۋىرى؛ )
مەنبە؛ خەلق تورى |
|