- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8369
- نادىر
- 0
- يازما
- 481
ئۆسۈش
  67.38%
|
توختى باقى ئارتىشى ئەپەندى ۋە ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىلەر 1951-يىلى بېيجىڭغا مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى بىلەن بارغىنىدا،ئۇ يەردە ‹‹ئىپارخاننىڭ غەزىپى››،‹‹ئىپارخاننىڭ ئۆچ ئېلىشى››تىياتىرلىرى ئوينىلىۋاتقان بولۇپ،بۇ تىياتىرلارنى قايتا-قايتا كۆرگەندىن كېيىن،ئۇيغۇر تارىخشۇناس جىيەن بوزەن بىلەن ئۈچەيلەن بىرلىكتە چىيەنلوڭ خانغا خوتۇن بولۇشنى رەت قىلىپ،ئۆلۈم يولىنى تاللىغان بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ تىياتىردىكى ‹‹شىياڭفېي››دېگەن ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قانداق ئىپادىلەش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن ۋە ‹‹ئىپارخان››دەپ ئىپادىلەش قارارىغا كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئىسىم ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇلغان. ئىپارخاننىڭ ئەسلى ئىسمى --مەمۇرە ئەزىزە خېنىم.ھەربى سەركەردە خوجا جاھانغا ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىسمى بولسا---- نۇرئەلانۇرخېنىم.
ئىپارخاننىڭ ھەقىقى ئوبرازىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان شۇ تىياتىرلارنىڭ كۆرۈرمىنى ۋە ئۇنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرىمۇ دەل مۇشۇ كىشى ئىدى. |
|