- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3859
- نادىر
- 0
- يازما
- 244
ئۆسۈش
  61.97%
|
مۇشۇ 80- يىللار مىللىي مەدەنىيەت- سەنئىتىمىزنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىمىكىن دەيمەن. چۈنكى شۇ يىللاردا «ئارتىس بولمايدىغان قىز»، «غېرىپ- سەنەم»، «مەھەممەت ھەققىدە پاراڭ»، «نەسىردىن ئەپەندى».... قاتارلىق كۆپلىگەن نادىر فىلىملەر ئىشلەنگەن بولۇپ، باشقىسىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن، بىراق «مەھەممەت ھەققىدە پاراڭ» ناملىق فىلىم شۇ زاماندا ھەتتا خەلقئارالىق كىنو فېستۋالىدا ئەڭ كاتتا شەرەپكە نائىل بولغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلېۋىزىيە تىياتىرى، درامما، ناخشا- ئۇسۇل قاتارلىق سەنئەت ساھەسىنىڭ باشقا تۈرلىرىدىمۇ كۆزنى چاقناتقۇدەك، ئادەمنى ھاياجانغا سالغۇدەك ئاجايىپ ئېسىل دۇردانىلەر مەيدانغا كەلگەن. ئەشۇ قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدە شۇنچىۋالا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن مىللىي مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا نېمە ئۈچۈنكى، مەيلى سان ياكى سۈپەتتە بولسۇن ۋاقىت پەرقى ھېسابىدا ئۇنچىلىك داغدۇغىلىق نەتىجە يوق دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، بۇ قارىشىم بەلكىم سەل بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپمۇ قالغاندۇ، بىراق كۆپچىلىككىمۇ ئايان ئەشۇ يىللاردا ئىشلەنگەن خېلى كۆپ ساندىكى كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى، ئورۇندالغان ناخشا- ئۇسۇللارنى ھازىر قانچە- قانچە قېتىملاپ كۆرسەكمۇ يەنىلا كۆرگىمىز كېلىدۇ، كۆرۈپ قىلچە زېرىكىشلىك ھېس قىلمايمىز. ھالبۇكى ھازىرقى ئىشلىنىۋاتقان بىرقىسىم مەدەنىيەت- سەنئەت ھاسىلاتلىرىنى بىرلا قېتىم كۆرسەك شۇلا كۇپايىلىنىدۇ (ئەلۋەتتە، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش كېرەك ئەمەس، شۇ دەۋردىن كېيىنمۇ خېلى ياخشى ئەسەرلەر مەيدانغا چىقتى، بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ). |
|