قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 788|ئىنكاس: 5

ناقىس لىرىكىلىرىدىكى «12 مۇقام» تەسۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

231

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 12:21:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                       ناقىس لىرىكىلىرىدىكى «12 مۇقام» تەسۋىرى
                                                         غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر




        ناقىس (1843 — 1922) تەخەللۇسلۇق شائىرنىڭ تولۇقنامى موللا سابىر بىننى ئابدۇقادىر يېڭىسارى. ئۇ ناقىس (كەمتۈك) دېگەن تەخەللۇستىن باشقا ئۆز يۇرتىنىڭ ئىسمى «يېڭىسار» دېگەن سۆزنىمۇ تەخەللۇس قىلغان. ناقىس ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئۆتكەن داڭلىق شائىرلاردىن بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، مۇسقا (مۇزىكا)، مۇقامدىن خەۋىرى بار، ھەتتا مۇقام مۇزىكىلىرىنى توپلاش، رەتلەش، مۇقام تېكىستلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلىپ مۇئەييەن ئۇتۇق قازانغان مەدەنىيەت ئەربابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «12مۇقام»نىڭ زامانىمىزغا تولۇقى بىلەن يېتىپ كېلىشىدە ناقىسنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مەقسىتىدە مەزكۇر ماقالىنى يېزىپ چىقتىم.
       ناقىس شېئىرىيەت ۋە مۇسىقا ساھەسىدە مۇھىمئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى چوڭقۇر تارىخىي ئاساسۋە قويۇق مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە. يەنى ناقىس (سابىر) يېڭىسار ناھىيە بازىرىدىكىمەكتەپ – مەدرىسلەر ئۇرون ئالغان مەدرىس كۆل بېشى مەھەللىسىدە بىر مەرىپەتپەرۋەرئائىلىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ يېڭىسار ناھىيە بازىرىدىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ، ئوتتۇرادەرىجىلىك مەلۇماتنى ئالغاندىن كېيىن، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 1867 – يىلىدىن 1877 –يىلىغىچە كاشىغەر شەھىرى ئەتراپىدىكى ئاپپاق خوقا مەدرىسىدە ئوقۇغان. 1877 – يىلى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1881 –يىلىدىن 1884 – يىلىغىچە كاشىغەر شەھىرىدىكى خانلىق مەدرىستە ئوقۇغان. ئۇ بۇجەرياندا ئىسلامىيەت ئىلمى، ئىلمىي تەقۋىم (كالېندارچىلىق)، ئەرەب، پارس تىللىرى،ئەرەب، پارس ئەدەبىياتى بويىچە مۇنتىزم بىلىم ئالغان ھەمدە ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۇلارنىڭ تەسىرىدە شېئىرىي ئىجادىيەتكەكىرىشىدۇ. ناقىس (سابىر)نىڭ كاشىغەر شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلى چوڭ بىر داۋالغۇش يىللىرىغا توغرا كەلگەن، يەنى چەت ئەل باسقۇنچىلىرىدىن ياقۇپبەگ جەنۇبىي شىنجاڭغاباستۇرۇپ كىرىپ، ئاتالمىش «يەتتە شەھەر خانلىقى» (1864 — 1877) نى تىكلىۋېلىپ،زورلۇق – زۇمبۇلۇق قىلىۋاتقان، دىنىي ئەسەبىيلىكنى بازارغا سېلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىنى قۇرۇقدىتىپ قويۇشقا يۈزلەنگەن، دىنىي ئەسەبىيلىكنى بازارغا سېلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىنى قۇرۇقدىتىپ قويۇشقا يۈزلەنگەن، بۇنىڭ تەسىرىدە، خوجىلارنىڭ ئىشانلىق مەزھىپى ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى ئۈزۈكسىززورايتىپ، قوشلاپ روھىي ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان بىر چاغدا توغرا كەلدى. مەلۇمكى بىر قىسىم تەقۋادار روھانىي كۈچلەر ۋە خوجا، ئىشانلار خەلقنىڭ مۇسىقا كۈيلىرى،نەغمە – ناۋالىرىغا قىزىقىپ كەتمەيتتى . ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئامالنىڭ بارىچەمۇسىقا – مۇقاملارغا چەكلەش پوزىتسىيەسىنى تۇتاتتى ياكى ھاپىزلار ۋە مۇقامچىلارغاسوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى چەتكە قاقاتتى، يەنە زىيانكەشلىكمۇ قىلاتتى. ناقىس(سابىر) تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مەھەللە مەدرىست كۆل بېشى مەھەللىسى بىلەن مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكا (1881 — 1956)نىڭ دادىسى تەۋەككۈل ئاخۇن ياشلىق دەۋرىدەئولتۇراقلاشقان ئوردا ئالدى مەھەللىسى بىلەن قوشنا مەھەللە بولۇپ، بۇ ئىككى مەھەللىدە ماكان تۇتقان ناقىس (سابىر) بىلەن تەۋەككۈل ئاخۇن تەڭتۈش بولۇپ قالماستىن، ئۇلار يەنە نەغمە – ناۋا، جۈملىدىن مۇسىقا – مۇقامغا ھېرىسمەن ئادەملەردىن بولغان. مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان تەۋەككۈل ئاخۇن ھەم ئىقتىدارلىق مۇقامچى ئىدى. كاسىپ ئۆز كەسپىنى قەدىرلەيدۇ دېگەندەك،تەۋەككۈل ئاخۇن ئاتا – بوۋىلىرىدىن مىراس شەكلىدە داۋام قىلدۇرۇلۇۋاتقان مۇقامچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۇنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق قايغۇرۇۋاتقان چاغلاردا،ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان ناقىس (سابىر) بۇرادىرى بىلەن بىرلىكتە، مۇقامنىڭ ئىستىقبالى توغرۇلۇق ئويلانغان. بولۇپمۇ ناقىس (سابىر) يۇقىرى دەرىجىلىك مەدرىس تەربىيەسى كۆرگەن، ئەدەبىياتقا قىزىققان، شېئىرىي ئىجادىيەتتەئۇتۇق قازانغان ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدى بىلەن ئوي – پىكرىنى ئۆزىگەتارتقان نەرسە مۇقامنىڭ تېكىستلىرى بولغان. چۈنكى ئۇ مۇقام تېكىستلىرىنى ئوقۇپ تولۇق چۈشىنەلەيدىغان ئادەم ئىدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ناقىس مۇقام تېكىستلىرىنى رەتلەشتە تەۋەككۈل ئاخۇنغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان. بەزىلەرنىڭ يېقىنغىچە ھايات بولغان ناقىس (سابىر)نىڭ مۇقامچىلىق ساھەسىدىكى شاگىرتلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، تۇردى ئاخۇن ئاكا دادىسى تەۋەككۈل ئاخۇندىن ئۆگىنىپ ساقلاپ قالغان «12 مۇقام» تېكىستلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ناقىس (سابىر)رەتلىگەن. بىزگە مەلۇمكى، يەكەن خانلىقى (1514 — 1680) دەۋرىدە ئاماننىساخان ۋەقىدىرخانلار تەرىپىدىن بىر قېتىم رەتلەنگەن مۇقام تېكىستلىرىنىڭ بەزى ئاپتورلىرى ئاماننىساخانا ۋە قىدىرخانلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ياكى زامانداش شائىرلاردىن بولغان بولسا، بەزى تېكىستلەرنىڭ ئاپتورلىرى 17 -، 18 -، 19 – ئەسىرلەردە ئۆتكەن شائىرلارھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى، يەكەن خانلىقى دەۋرىدىن كېيىن ئۆتكەن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مۇقام تېكىستلىرىگە قانداق قىلىپ، كىملەر تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرۇلۇق ئۇچۇر يوق ئىدى. ناقىسنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر بۇ مەسىلىگەمۇئەييەن دەرىجىدە جاۋاب بېرىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى. بۇنىڭغا: بىرىنچىدىن،ناقىس (سابىر)نىڭ «12 مۇقام»دىن خەۋىرى بارلىقى؛ ئىككىنچىدىن، شېئىرىيەتكەقىزىققانلىقى ۋە بۇ ساھەدە مول ئىجادىي ئەمگەك قالدۇرغانلىقى، جۈملىدىن، مۇقام تېكىستلىرىگە شېئىرلىرى تاللانغان شائىرلارنى ئوبدان چۈشىنىدىغانلىقى؛ ئۈچىنچىدىن،تەۋەككۈل ئاخۇن، تۇردى ئاخۇن ئاكىلارنىڭ شەخسىي ھاياتى، جەمەتنىڭ ئەنئەنىسىگەئاساسلانغاندا، بۇ جەمەت ئاساسەن مۇقام كۈيلىرىنى يادلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەكتەپ– مەدرىسلەردە كۆپ تەربىيە كۆرمەي، ئەسكە ئالغان مۇقام تېكىستلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىغانلىقىدەك ئەھۋال بارلىقى؛ تۆتىنچىدىن، ناقىس(سابىر)نىڭ يېڭىسار ناھىيە بازىرىدىكى مەدرىستە مۇددەرس بولۇپ ئىلىم – مەرىپەتبىلەن تالىپلارنى تەربىيەلىگەندىن باشقا، بىر قىسىم ياشلارنى مۇقامچى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى؛ بەشىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شائىرلىرى ئىچىدە «12 مۇقام»ناملىرىنى ئۆز شېئىرلىرىدە ئەڭ كۆپ ۋە تولۇق تىلغا ئالغان يېگانە شائىر بولغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەردىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
        ناقىس (سابىر)نىڭ «12 مۇقام» تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى مۇقام ناملىرىنى تارىخنىڭ باش – ئاخىرىغا ماسلاشقان ھالدا شېئىرىي ئەسىرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى ھەم ئۇنىڭ ئۆلچەملىك تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ بەرگەنلىكى ساھەسىدە گەۋدىلىك ھالدا كۆرۈلىدۇ.
        مۇقام ناملىرىنى تارىختا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەت مۇئەللىپلىرى ھەر خىل شەكىلدە تىلغا ئېلىپ، خاتىرىگە چۈشۈرگەن. مەسىلەن، ئەلفارابى (870 — 950) نىڭ شاگىرتى ئىبىنسىنا (981 — 1037) مۇقام ساھەسىدە 12 كۈيشەكلى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامى مۇنداق بولغان:
1) رەماۋى، 2) ھۈسەينى، 3) راست، 4) ھىجاز، 5)ئابۇچەشمە، 6) بۈزرۈك، 7) ئىراق، 8) ئىسفۇئان، 9) ناۋا، 10) ئۇششاق، 11) زەنگۈلە،12) سەلىقە.
13 – ئەسىردىكى سەفىيئۇددىن دەۋرىدىكى مۇقام ناملىرىمۇنداق بولغان:
1) ناۋا، 2) ئۇششاق، 3) ئىراق، 4) رەماۋى، 5)ھۈسەينى، 6) راست، 7) ھىجاز، 8) ئابۇچەشمە، 9) بۈزرۈك، 10) ئىسفۇئان، 11) زەنگۈلە،12) سەلىقە.
تۆمۈرىلەر خانلىقى (1370 — 1507) دەۋرىدە ئۆتكەنسەنئەتكار ۋە مۇئەللىپ ئابدۇقادىر مەرغالى «مەقاسىددۇل ئەلخۇئان» (ناخشا –مۇسىقىنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى، 1418 – يىلى يېزىلغان) ناملىق ئەسىرىدە تۆمۈرىلەرئوردىسىدا ئورۇندىلىپ تۇرغان «12 مۇقام»نىڭ ناملىرىنى مۇنداق يازغان:
1) ئۇششاق، 2) ناۋا، 3) بۇسەلىك، 4) راست، 5)ھۈسەينى، 6) ھىجاز، 7) رەماۋى، 8) زەنگۈلە، 9) ئىراق، 10) ئىسفۇئان، 11)زىرئەفكەند، 12) بۈزرۈك.
ئەلىشىر نەۋائى (1441 — 1501) غەزەللىرىدە مۇقامنىڭبۇنداق ناملىرى تىلغا ئېلىنغان:
1) راك، 2) راست، 3) ھۈسەينى، 4) ھىجاز، 5) بايات،6) ئىراق، 7) ئەجەم، 8) نەۋرۇز، 9) ئۇششاق، 10) ناۋا.
بايا رېھىم مەشرەپ (1640 — 1711) شېئىرلىرىدامۇقامنىڭ مۇنداق ناملىرى تىلغا ئېلىنغان.
1) بايات، 2) چەببىيات، 3) ئابۇچەشمە، 4) ناۋا، 5)ھۈسەينى، 6) ئەجەم، 7) پەنجىگاھ، 8) ئۇششاق، 9) راك، 10) مۇشاۋىرەك.
ھىندىستاننىڭ مۇستاپا ئاباد شەھىرىدە غىياسىدىنبىننى شېرىپىدىن تۈركىي تىلدا 1823 – يىلى تۈزگەن «غىياسۈللۇغەت» ناملىق كىتابتامۇنداق تىزىملىك بېرىلگەن:
1) رەماۋى، 2) ھۈسەينى، 3) راست، 4) ھىجاز، 5)كۈچەك، 6) بۈزرۈك، 7) ئىراق، 8) ئىسفۇئان، 9) ناۋا، 10) ئۇششاق، 11) زەنگۈلە، 12)بۇسىلىك.
خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن مۇئەللىپ ئىسمەتۇللا بىننىموللا نىمەتۇللا مۇجىزى 1854 – يىلى يازغان «تەۋەرىخىي مۇسقىييۇن» ناملىق ئەسىرىدەخاتىرىلەنگەن مۇقام ناملىرى مۇنداق:
1) راك، 2) چەببىيات، 3) چارىگاھ، 4) پەنجىگاھ، 5)ئۆزھال، 6) ئەجەم، 7) ئۇششاق، 8) بايات، 9) ناۋا، 10) سىگاھ، 11) ئىراق، 12)دۇگاھ، 13) ۋىسال، 14) ئىشرەت ئەنگىز.
ناقىس (سابىر) 1894 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدەتوپلام قىلغان «دىۋانى ناقىس»قا كىرگۈزۈلگەن «مۇغەننى چەك مەقامى راكنى بەزم ئىچرەمەستانە»، «راك ئىلە چەببىياد داغى سىگاھ» ناملىق شېئىرلىرىدا تىلغا ئالغان مۇقامناملىرى مۇنداق:
1) راك، 2) سىگاھ، 3) چەببىيات، 4) ئۇششاق، 5)چارىگاھ، 6) پەنجىگاھ، 7) بايات، 8) ناۋا، 9) ئەجەم، 10) ئىراق، 11) ئۆزھال، 12)نىشى ئاۋىرەك.
تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلاپ قالغان «ئابۇچەشمە» ناملىقمۇقام ئارىيەلىرى تىزمىسىدا تۆۋەندىكى مۇقام ناملىرى كۆرسىتىلگەن:
مۇشاۋرەك، پەنجىگاھ، چەببىيات، ئۇششاق، ئۆزھال، راك،ناۋا.
تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلىغان ۋە 1950 — 1955 – يىللىرىئېيتىپ بېرىپ لېنتىغا ئېلىنغان مۇقام تېكىستلىرى مۇنداق:
1) راك، 2) چەببىيات، 3) مۇشاۋرەك، 4) چارىگاھ، 5)پەنجىگاھ، 6) ئۆزھال، 7) ئەجەم، 8) ئۇششاق، 9) بايات، 10) ناۋا، 11) سىگاھ، 12)ئىراق.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيالىق شائىرمۇھەممەد خارەزمى «مۇھەببەتنامە» (1353 — 1354 – يىللىرى يېزىلغان) ناملىقئەسىرىدە، سەئىد ئەھمەد ئىبىن مىرانشاھنىڭ «تەئەششۇقنامە» (1435 — 1436 – يىللىرىيېزىلغان) ناملىق ئەسىرىدە مەۋلانە لۇتفى (1366 — 1465)، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى(1676 — 1755) قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە «12 مۇقام»نىڭ تولۇق بولمىغانناملىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.
        يۇقىرىدا بىر – بىرلەپ ساناپ ئۆتۈلگەن مۇقام ناملىرى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، بۈگۈنكى قاراش بويىچە ئۇلارنىڭ توغرا –خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت كېيىنكىلەرنىڭ ئۇلارنى مۇۋاپىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى دەپ بىلىشكىلا بولىدۇ. ناقىس (سابىر) تىلغا ئالغان مۇقام ناملىرى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىزىملىك مۇجىزى 1854 – يىلى تۇرغۇزغان تىزىملىك بىلەن تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلاپ قالغان تىزىملىكتىكى ناملارنىڭ تولىمۇ ماس بولغالىقى جەھەتتىن قىممەتلىك ئۇچۇر ھېسابلىنىشى كېرەك. مۇجىزى«تەۋارىخىي مۇسقىييۇن» دا «ۋىسال» بىلەن «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنى قىدىرخان بىلەن ئاماننىساخان ئىجاد قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، بۇلاردىن باشقا مۇقاملارتەركىبىدە «12 مۇقام» نامى قالغان بولىدۇ. مۇجىزى خاتىرىلىگەن نۇسخا بىلەن تۇردىئاخۇن ئاكا ساقلىغان نۇسخىدىكى «مۇشاۋرەك» دېگەن نامنى ناقىس «نىش ئاۋرەك» دەپ ئاتىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق ساقلىنىپ قالغان مۇقام ناملىرى ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ تەرتىپىدىمۇ خېلىلابىردەكلىك ئىپادىلەنگەن. بۇ ھال «12 مۇقام»نىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا 19 –ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى، 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە زور دەرىجىدەقېلىپلىشىش، سىستېمىلىشىش، ئۆلچەملىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ. 1850 – يىللاردىن 1950 – يىللارغىچە بولغان 100 يىل ئىچىدە مۇقامدىن خەۋىرى بار بۇ ئۈچ ئەربابنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە مۇقام ناملىرىغا دائىرتىزىملىكتىكى ئاجايىپ چوڭ، ئوخشاشلىق ھادىسىنىڭ كۆرۈنۈشىنى مانا مۇشۇنداق مۇقام تەرەققىياتىنىڭ توغرا ئىنكاسى دېيىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە، ناقىس شېئىرلىرىدائىپادىلەنگەن «12 مۇقام» تەسۋىرى مۇجىزىنىڭ 1854 – يىلى خاتىرىگە چۈشۈرگەن نۇسخابىلەن تۇردى ئاخۇن ئاكا 1950 — 1955 – يىللىرى لېنتىغا بېرىپ قالدۇرغان نۇسخىنى بىر – بىرىگە باغلاشتا قىممەتلىك ماتېرىيال. ئۇ مۇقام تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا،ئۇنىڭدىكى ئىزچىللىق ۋە بىردەكلىك مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمىگە قويۇشتا پايدىسى چوڭ.
           يېڭىسار ناھىيەسى مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن ئاكابىلەن ئۇنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد مۇقامچى ئاتا – بوۋىلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغان تەۋەررۈك يۇرت. ئۇنىڭ «12 مۇقام»نى مۇكەممەل ئىگىلەپ، يادقا ئېلىشىدا دادىسى تەۋەككۈل ئاخۇن قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى چوڭ بولغاندىن باشقا، ناقىس (سابىر)نىڭ تەسىرىمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ناقىس (سابىر)يېڭىسار ناھىيەسىدە سەيدىن ئاخۇن، ۋارىس ئاخۇن، سەلەي قازى، يۇنۇس ئاخۇن، شېرىپ ئاخۇن، ھېلىم ئاخۇن، تۇردى ئاخۇن (ئۇچار يېزىسىدىن) قاتارلىق مۇقامچىلارنى(بۇلاردىن ھېلىم ئاخۇن ئۆلىما، شائىر ئادەم بولغان) تەربىيەلەپ چىققان يەردەمۇقامچى تەۋەككۈل ئاخۇننىڭ ياخشى بۇرادەرلىرىدىن بولغان ناقىسنىڭ تۇردى ئاخۇنغىمۇمۇقام مۇزىكىلىرى، بولۇپمۇ مۇقام تېكىستلىرىنى توغرا يادقا ئېلىش جەھەتتە ياردەم قىلمىغان دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ناقىس مۇددەرس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدىكى كۆزگە يېقىن باشلارنىڭ ياخشى ۋە ئىقتىدارلىق بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگەكۆڭۈل بۆلمەسلىكى ئەقىلگە دېگەندەك سىغمايدۇ.
           ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ناقىس (سابىر)نىڭ مۇقاملارنىڭتىزىملىكى توغرىسىدىكى بىرقانچە پارچە شېئىرى، 10 نەچچە خىل چالغۇ ئەسۋابىنىڭنامىنى تىلغا ئېلىپ يازغان شېئىرلىرى، «گۈلزارى بىنىش» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ساتار، دۇتار، مەبۇر، راۋاب، نەي چالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيتقان بايانلىرى، باربەد ئىسىملىك بىر (سازەندىنىڭ) نامىنى تىلغا ئالغانلىقى، مۇقامچى شاگىرتلارنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار، ئۇنىڭ مۇقامدىن خەۋەردار ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى مۇقام ناملىرى «12 مۇقام» نىڭ توغرا نامىنى تىكلەشكە زۆرۈرىي ياردەم كۆرسىتىپ، مۇقام تارىخىنىڭ ئىزچىللىقىنى،ۋارىسچانلىقىنى، تارقىلىش ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتىنى ئۆگىنىشكە ياردىمى بولىدۇ.يەنە مۇقامچى تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە شەخسىي ھاياتىنى ئۆگىنىشكىمۇپايدىسى تېگىدۇ. مانا بۇلار، ناقىسنىڭ «12 مۇقام» ناملىرىنى تەسۋىرلەپ يازغان شېئىرلىرىدىن ئىلھاملىنىپ يېزىلغان قىسقىچە مۇلاھىزە بولۇپ، كەسىپداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
قوشۇمچە:
ناقىسنىڭ «12 مۇقام»نىڭ ناملىرى تىلغا ئېلىنغانئىككى پارچە شېئىرنىڭ تېكىستى:
مۇغەننى چەك مەقامى راكنى بەزم ئىچرە مەستانە،
ساچىپ ئەربابى مەئىنى لەفرىدىن مەجلىسىغە دۇردانە.
سېنى ياد ئەيلە بەن مۇڭلۇغ كۆڭۈللەر ئەسرۇمەھزۇندىن،
كى سەن ھەم ياد ئېتىپ تۈز چەببەيادىڭ، بولمە بىگانە.
چىقىپ قاتىپ نەقەس چىقماقغە بائىس بىلمەسەك نېدۇر،
تەرەننۇم قىل سىگاھ ئاھاڭگى بىرلە نەغمە زىندانە.
كۆڭۈل چۈن مۇز تەربىدۇر تۆرت مەزھەبدىن نىدۇرمەقسەد،
ئىشتگىل چارىگاھنى فەھىم قىلغىل سىررى مەيخانە.
كۆڭۈل مۈلكىنى شاھىنشاھى ئىشقىڭ چۈن مەقام ئەتتى،
ئاچىپ يۈز پەنجىگاھ نەققارەسىن ئۇرغۇلكى فەرزانە.
ئىرور ئىشىق ئەھلى كۆپ مەھزۇن باقىپ پەرگارىلەئىلىڭغە،
چېكىپ ئۇششاق ناخۇن بىرلە قىلغىل راست دىۋانە.
زىلەيخائى جۈنۈن لەشكەر چىكىپ ئەيلەر سىياسەت كۆپ،
بەياد ئاھەڭگىدىن تاشلارمۇ سەن كۆڭلۈمنى زىندانە.
بۇ بەزىم ئەھلىگە غەفلەت لەشكەرى يەغما تەرەننۇمدۇر،
كېرەك نىش ئاۋرەك تېغى بىلەن چەۋلانى مەردانە.
تەكەللۇم ئىستەبان شېرىن لەبىڭدىن بىنەۋا بولغاچ،
كۆيەرمىز بىر نەۋا ئۈممىدىدە بىر جەمئى پەرۋانە.
دېسۇن كۆڭلۈم مەقامى ئەجر ئارا ئۈزھالىنى، ناقىس،
ئەجەم بىرلە ئىراقى ئەھلى بۇ سىرنى بىلمەسۇن يانە.
راك ئىلە چەببەياد غداغى سىگاھ،
بىر تۈزۈپ قىلماغىل ھەزەر ھەرگىز.
داغى ئۇششاق ئىلە بەياد ئايتۇر،
قاچمە، ئەي چارىگەھ – نەۋا، ھەرگىز.
پەنجىگاھۇ نىش ئاۋەرەك تۈزسەڭ،
بارمۇ ئۆز ھالىدىن غەنا ھەرگىز،
كىم ئەجەم مۈلكىنى ئىراق دېسۇن،
قىلمايىن ئۆزلۈكىن فەنا ھەرگىز.
پايدىلانمىلار
△ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قوليازمىلىرى كاتولوگى»، ش ئۇ ئا ر مۇزېيغاتەييارلىق قىلىش باشقارمىسى 1957 – يىلى باستۇرغان.
△ «دىۋانى ناقىس» ي. ئىمىن، ت. تۇراخۇنلار تەييارلىغان «بۇلاق» ژۇرنىلى 1988 –يىللىق 1 -، 2 – سانلار.
△ «دىۋانى ناقىس» (م. مىرزىئەخمەت تەييارلىغان) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995 –يىلى نەشرى.
△ ئا. م. ئىمىن «ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى ‹12 مۇقام› ھەققىدە» مىللەتلەرنەشرىياتى 1980 – يىلى نەشرى.
△ جۇۋ چىڭباۋ «جۇڭگو ئۇيغۇرمۇقاملىرىنىڭ بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىش تارىخى ھەققىدە قىسقىچە بايان»،«ئۇيغۇر 12 مۇقامى ھەققىدە» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىتەرىپىدىن، 1992 – يىلى ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىدا نەشر قىلىنغان.
△ ئا. م. ئىمىن «ئۇيغۇر مۇقامخەزىنىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997 – يىلى نەشرى.
① △  ئابلىز مەسۈم «ئەدىب ناقىسنىڭ تەسەبى توغرىسىداقىسقىچە بايان»؛
② ئابدۇسەمەتئىسمائىل «12 مۇقام تېكىستىنى ئاخىرقى قېتىم رەتلەپ يۈرۈشتۈرگەن ئەدىب ۋەسەنئەتكار»؛
③ ئەدىب ناقىستۇغۇلغانلىقىنىڭ 155 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى يېڭىسارناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەنبە: شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ2004-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
  

7

تېما

5

دوست

3250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 797
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 20:55:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇر ۋە تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۇر!

نادىر تېما...........
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

69

دوست

6677

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2006
توردىكى ۋاقتى: 438
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 21:08:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇھىم يازمىكەن تارىخى ئىسپاتلار تولۇقتۇ ھە !ئىنشا ئاللاھ! مۇھىم ماتىريالكەن،چوقۇم ياخشى ساقلاشقا تىگىشلىك .ئۇيغۇر پەن-تىخنىكا تۈرىگە ئائىت تارىخى يازما ئىسپاتلار بولغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە

0

تېما

2

دوست

2737

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9400
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 269
تۆھپە : 695
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 23:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەم ھەم نامى بار ئولىماكەنتۇق

0

تېما

3

دوست

3928

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 1236
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 23:11:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقىدۇر مۇقام دىگەن سۆز ماڭا سەلبىي مەنىدە ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى، خۇددى «توقام» دىگەندەك.

0

تېما

0

دوست

6417

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8426
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 741
تۆھپە : 1502
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 11:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈملۈك مۇقام مىللىتىمىزنى نادانلىققا بۇزۇقچىلىققا ئەكىرگەن مۇقام ..بىز  پەقەت  سەنئەت بىلەنلا ۋەيران بولىمىز ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )