- تىزىملاتقان
- 2013-4-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 502
- نادىر
- 0
- يازما
- 55
ئۆسۈش
  0.4%
|
ئەرەپ تىلى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى تونۇمايدىغان ئورۇنلاردا بىرلىككە كەلگەن لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىشنى قوللايدىغانلارغا مەن قوللىنىپ ئۈنىمىنى كۆرگەن بىر ئۇسۇلنى دەپ بېرەي، سىز ئۈندىدار ياكى چ چ دا پاراڭلاشقاندا قارشى تەرەپكە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى،يېزىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى، بۇنى ھەرگىز يېزىق ئۆزگەرتىشكەن دەپ چۈشىنىۋالماسلىقنى بۇنى پەقەت ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى تونۇمايدىغان ئورۇنلاردىلا ئىشلىتدىشانلىقىمىزنى ھەمدە 32 ھەرىپتىمۇ بىرلىككە كېلەلمىگەن مىللەت چوڭ ئىشلاردا قانداق بىرلىككە كەلمەكچى دەپ بۇ يېزىقنى مۇناسىپ ئورۇنلاردا ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىر قۇر چۈشەندۈرۋېتىپ ئاندىن ئېلىپپە جەدۋىلىنى ئەۋەتىپ بېرىپلا ئاداش يازالمىساڭمۇ ھېچ بولمىغاندا ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغىن دەپ ، ئاندىن مەن شۇنداق ئۆلچەملىك يېزىپپ كۆنەپ قاپتىمەن دەپ ئۆزىڭىز ئۆلچەملىك يېزىۋىرىڭ، ئۇ خاتا يازىمۇمەيلى كارىڭىز بولمىسۇن،پەقەت سىز توغرا ياززىىڭىزلا ئۇمۇ دەسلەپتە ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ، كېيىن ئاستا ئاستا ئىدىيىسىدىن ئۆتەپ ئۆزىمۇ ئۆلچەملىك يازىدىغان بولىدۇ، مەن شۇنداق قىلىپ چ چ ئۈندىداردىكى ھەممىسنىڭ وقۇشتىن ساۋادىنى چىقىرۋەتتىم، دەسلەپتە ئىدىيەسىدىن ئۆتمەي قارشى تۇردىغنلار ھازىر ئۆزى تەشۋىقىلىدىغان بولۇپ كەتتى.
گەپ سىز قارشى تەرەپكە چۈشەندۈرۈشكە ئېرىنمىسىڭىزلا ئۇلارمۇ ئالدىرىماي ئۆگىنىپ قالىدىكەن، ھازىرچە يېزىشقا كۆندۈرەلمىسەكمۇ ئۆزىمىز ئۆلچەملىك يېزىپ ئوقۇشقا كۆندۈرىلى، يا ئوقۇيالماي سىز بىلەن پاراڭلاشماس بولىدۇ، يا ئوقۇشنى ئۆگىنىدۇ، مېنىڭ دوسلىرىمنىڭ ھەممىسى ئوقۇشنى ئۆگەندى، خېتىڭنىي ئوقۇيالمىدىم دەپ مەن بىلەن پاراڭلاشماي تاشلاپ قاچقىنى يوق. |
|