- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
  0%
|
1. ھەي موشۇ شەھرى قومۇلدا ئارغامچىدەك ئۇزۇن بىنالار سېلنىۋاتىدۇ ، بىر يىلغا قالماي پۇتۇۋاتىدۇ ، قومۇل كۈتۇپخانا قۇرلۇشى نىمانداق پۇتمەيدىغاندۇ ، جانغا ئەسقاتمايدىغاندۇ ؟ نەچچە يىل بولدىكىن تاڭ ھېچ پۇتمەستە قالدى .
2.مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم ، ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى ئادەملەر پايدىلنىدىغان قۇرلۇشلار شۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلسا كېرەك ، دىمىسىمۇ كۈتۇپخانىغا كىرىپ كىتاپ ئوقۇيدىغانلار قومۇل شەھەرنىڭ شەھەر ئاھاللىرى ، قارىغاندا موشۇ شەھرى قومۇلدا باشلىق تائىپىسىدىن كىتاپ ئوقۇيدىغانلار ، كىتاپقا كۆڭۇل بۆلىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ .
3. راستىنى ئېيتسام قومۇل كۇتۇپخانىسى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئاممۋى پايدىلىنىدىغان قۇرۇلۇش بولغاچقا مەن تولىمۇ قىزىقىمەن .قاچان ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇپ بىرەر ، ئۇيغۇرچە كىتاپلار قانچىلىك نسىبەتتە قويۇلار ، كۇتۇپخانا 24 سائەت ئېچىۋېتىلەرمۇ يوق ،دىگەندەك مەسەللەرگە تولىمۇ كۆڭۇل بۆلىمەن .
4. قومۇل ۋاڭ ئوردا كۇتۇپخانىسىنىڭ يەتت كىچە كۇندۇز كۆيگەن يالقۇنى تېخىچە قومۇلدىكى كونىلارنىڭ ئاغزىدا پاراڭ تىمىسى بولۇشتىن قالغىنى يوق . بۇ يەردە كۈتۇپخانا توغۇرلۇق گەپ بولىنىۋاتقاچقا مەن يەنە ئاشۇ ئەينى يىللىرى كۆيدۇرۋېتىلگەن ئوردا كۇتۇپخانىسىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۇرۇپ بىرىش تۇغۇرلۇق تەكلىپ بىرىمەن ، دۇرۇس قومۇل ۋاڭ ئوردىسى ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى ، ئەمما قومۇل ۋاڭ ئوردىسىدىكى ئەڭ ياخشى قۇرلۇش ئوردا كۇتۇپخانىسى ھېچكىمنىڭ يادىغا كىلىپمۇ قويمىدى .
5. ھەر قېتىم شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى تەرپىدىن لاھىلەنگەن قومۇل كۇتۇپخانىسىنىڭ قورشالغان قۇرلۇشىدىن ئۆتۇپ قالسام ئىچىم بەكمۇ پۇشۇپ كىتىدۇ ، ئەل ئۇچۇن دىگنىڭلار راست بولسا ،قېنى بۇ قۇرلۇشنى ئەڭ تىز سۇرئەتتە ئەلگە تەغدىم ئىتىڭلار . |
-
|