قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4183|ئىنكاس: 14

راس بولغان ۋە بولىدىغان ۋەقەلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

2

دوست

4865

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 699
تۆھپە : 1081
توردىكى ۋاقتى: 330
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 00:27:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                           
                           راس بولغان ۋە بولىدىغان ۋەقەلەر



    مېنىڭ بىر دوستۇم بار- دە، ھاۋادا ئۇچىدىغان ئەمما ئۇچۇشنى بىلگەن بىلەن چۈچۈشنى ئويلىمايدىغان.
    نىمىلەر دېگەن بىلەن بۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرى، كۆرگەن-بىلگەنلىرى كۆپ. ئىرادىسىدىن قايتمايدۇ، ئەقىدىسىدىن يانمايدۇ. ھەممە قازانداقايناپ باققان، نەزىرىيە بىلەن ئانچە خۇشى يوق. خېلىلا جىگىرى بار، گەرچە تاققا-تۇققۇ سۆزلەپ قويسىمۇ ئەقلى، ھوشى جايىدا ھەر ھالدا بولىدىغان نەرسە. شۇڭا بەزىدەئۇچۇرۇشۇپ قالساق ئىچىنى بوشاتقىلى ئېلىپ ماڭىدۇ. مەنمۇ ئونىڭ مىجەزىنى بىلگەچكەتۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا ماڭىمەن.
    بىر كۈنى تازا چىڭقى چۈش ۋاقتى، ئونىڭ بىلەن رەستىنىڭ دوقمۇشىدا ئۇچرۇشۇپ قالدۇق. ئۇ سالامدىن كېيىنلا، ماڭە ئاداش ئىچىمنى بىربوشۇتۇۋالاي دەپ ئېلىپ ماڭدى. مەنمۇ ئونىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە بولىدۇ دېگىنىمچەدوقمۇشتىن قايرىلىپ ئۆتۈپ، تار كوچا ئىچىدىكى توختى تاكىراڭنىڭ ئاددىغىنەئاشخانىسىغا كىرىپ بىر بۇلۇڭغا بېرىپ ئولتۇردۇق. ئۇ لەغمەندىن ئىككىنى بۇيرۇتىۋەتكەندىن كېيىن بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە سۆزىنى باشلىدى.
    ماڭ قارا ئاداش، تۈنۈگۈن ناماز شام ئارلاش بىزنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىدىلا جېدەل چىقىپ كەتتى. مەنمۇ تالاغا ماڭغىلىۋاتقان ئىدىم. ئىشىكتىن چىقىپقارىسام 20-22 ياشلاردا بار ئىككى ياش بىردەمدىلا ئاغزى بۇرنىنى قان قىلىپ بولۇشۇپتۇ. خوشنىلارمۇ ئۈلگۈرۈپ كېلىپ، بۇلارنى ئايرىۋەتتۇق. قارىسام بۇرۇتلىرى خەت تارتقان، ئەقلى، ھوشى جايىدا ياشلار ئىكەن. جەدەلنىڭ سەۋەبىنى سوراپ ئۇقسام،ئاخشام ياققان يامغۇردا يول پاتقاق بولۇپ كەتكەن ئىكەن. بىرسى يولنىڭ چېتىدەمېڭىپتۇ. يەنە بىرسى ۋېلىسپىت بىلەن كېلىپ، ئۆزىنى پاتقاقتىن قاچۇرۇپ، ئا چەتتەمېڭىپ كېلىۋاتقان بالىنىڭ يېنىدىن ئۆتكىچە، ئۇ بالىنىڭ كىيىمىگە پاتقاقچاچىرتىۋېتىپتۇ. بولغان ئىشنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىكەن. شۇنىڭ بىەن بىر- بىرىگە گىپىنى ئۇقتۇرۇپ بولالماي بىردەمدىلا قان بولۇشۇپتۇ.
    بۇنىڭ مىجەزى ھېلىقى سودىگەر تونۇشۇمغا بىر ئاز ئوخشاپمۇقالاتتى. ئۇ پىيالىسىدىن بىر يۇتۇم چاي ئىچىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
    ئۆزەڭمۇ بىلىسەن ئاداش، مەن ئانچە كۆپ ئوقۇيالمىغان ئەمماشۇنداق بولسىمۇ ياخشى كىتاپلار بولسا ئوقۇپ تۇرىمەن، شارائىتىم بولسىلا ھەر خىلخەۋەرلەرنى قاچۇرمايمەن. بىز ھەقىقەتەن قىززىققان مىللەت ئىكەنمىز، ئىمانىمىزمۇئۆزىمىز بىلىپ- بىلمەي سۇسلاپ كېتىپتۇ، ئۆز ئارا مىھرى- مۇھەببەت ئاجىزلاپكېتىپتۇ. دۇنيادا نى، نى ئۆزگۈرۈشلەر بولۇۋاتىدۇ، بىر- بىرىنىڭ تىلىنىبىلمەيدىغانلارمۇ، بۇرۇندىن تارتىپ بىر- بىرىگە دۈشمەن بولغانلارمۇ ئوتتۇرسىدىكى مەسىلىلەرنى چىرايلىق ئولتۇرۇشۇپ، ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىشىۋاتىدۇ. ئەمما مەن ھەممە ئىشلار مۇشۇنداق سۆھبەت بىلەن ھەل بولىدۇ دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن بىزبولساق مۇشۇنداق يامان ئادەتلەرنى ھازىرغىچە سۆرەپ يۈرۈيمىز.
    تامىقىمىزنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،
    - دوستۇم، مەن ساڭا ئوقۇغان نەرسىلىرىمدىن يادىمدا قالغانلىرىدىن بىر، ئىككىنى سۆزلەپ بىرەي. بىر ئايال ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش سائىتى كەلگىچە بىرپارچە گېزىت ۋە بىر خالتا گازىر ئېلىپ، ئۇرۇندۇقتا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرغان بىرئادەمنىڭ يېنىدىكى بوش يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، سومكىسى بىلەن گازىر خالتىسىنى يېنىغا قويۇپ، بىر باشتىن گازىر چاققاش گېزىت ئوقۇشقا باشلاپتۇ. قارىسا ھېلىقى يېنىدىكى ئادەممۇ ئۇ ئايالنىڭ خالتىسىدىكى گازىردىن ئېلىپ، تەپ تارتماي چېقىپ ئولتۇرغان. ئايالنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كېلىپ، ئالىيىپ بىر قاراپ قويۇپتۇ. ئەمما ئۇئادەمدە ھىچ تارتىنىش دېگەن نەرسە يوق. شۇنىڭ بىلەن ئايال خالتىسىدىن بىرقانچە تال گازىر ئېلىپ ئەتەي ئۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ ئاچچىق بىلەن ئاغزىغا ئېتىپتۇ.ئايالنىڭ نىيىتى بۇ گازىر مېنىڭكى، سەن نىمە دەپ مېنىڭ گازىرىمدىن ئالىسەن؟دېمەكچى ئىكەن. ئەمما ئۇ ئادەمنىڭ پەرۋايى پەلەك. ئايال ئاچچىقىدا يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتىپتۇ. ئايرۇپىلان سائىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى مىكروپۇندىن ئاڭلىغان ئايال ئاچچىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ پاسپورت كونتۇرول نۇقتىسىغا بېرىپ، پاسپورتىنى ئالغىلى سومكىسىغا قارىسا ئاغزى ئېچىلمىغان ئۆزىنىڭ گازىرى سومكىسىدا تۇرماسمۇ.ئايال نىمە قىلىشىنى بىلمەي نۇمۇستىن قىزىرىپ كېتىپتۇ. ئەمما ۋاقتى، سائىتى ئۆتكەن- دە.
    بىر باشلىق تەكلىپ بىلەن ئۇزاقتىن كېلىپ بىر يىغىنغاقاتنىشىپتۇ. بۇ باشلىقنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان ئىككى كىشى يىغىن باشلىنىپ تاكى ئاياغلاشقىچە ئۆز ئارا سۆزلىشىپ چىقىپتۇ. بۇ باشلىقنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كەپتۇ.نەچچە قېتىم ئارقىسىغا قاراپ، بىرنەرسە دېمەكچى بولغان بولسىمۇ يىغىنغا تەسىريېتىپ قېلىشىنى ئويلاپ ناھايىتى تەستە ئۆزىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ. يىغىن تۈگىشى بىلەنلا ئۇ باشلىق يىغىن باشقۇرغۇچىدىن، ئۇ ئىككى ئادەمنىڭ بۇ يىغىندا نېمە ئىشى بار دەپ سوراپتۇ. يىغىن باشقۇرغۇچى باشلىققا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بىرسىنى بىز باشقا بىر دۆلەتتىن تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. يىغىن زالىنىڭ مىھمانلارئۈچۈن تەرجىمە قىلىش ئەسلىھەلىرى بولمىغاچقا تەرجىمان يېنىدا ئولتۇرۇپ چەتئەلدىن كەلگەن مىھمانغا پۈتۈن يىغىن جەريانىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
    مەن دوستۇمنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدىم. ئۇ سۆزىنى توختۇتۇپ، ئاش سۈيىدىن بىر يۇتۇم ئىچىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ شۇنداق دېدى،
    ئۇ ئايال دىققەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن گازىرنىڭ ئىگىسى بولغان، تۇنۇمايدىغان ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىر ئۆمۈر ئەيىپلىشى مۇمكىن.ئاۋۇ باشلىقمۇ ئويلانماستىن بىكارلا 2-3 سائەت ئۆزى بىلەن ئۆزى ئاچچىق يۇتۇپ ئولتۇرغان.  ئەسلىدە مەسىلىلەر شۇنداق ئاددى ياكى ئاددى بولۇشى مۇمكىن.ئەمما بىز بولساق بىر ئىشنى نىمىشقىكىن ئويلانماستىن ياكى بەك چۇڭقۇر ئويلۇنۇپكېتىپ، ھە دېگەندە پىرىنسىپقا كۆتۈرۈۋالىمىز- دە، ئاشۇنداق ئاددى ئىشلار بىلەنبىر- بىرىمىزگە دۈشمەن بولىمىز.
    مەن دوستۇمدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىزلا كۆلۈپ تاشلىدىم. ئۇ مېنىڭ كۈلۈشۈمنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدى بولغاي، ئېغىر بىر ئۇھسىنغاندىن كېيىن شۇنداق دېدى،
    - ھەر كاللىدا بىر خىيال. ئەمدى نېمە دەيمەن، دەپ، خۇرسىنىپ قويۇپ، سۆزىنى داۋام قىلدى. سەن ھازىر ئەتراپىڭدا بولۇۋاتقان خىلمۇ- خىل گەپ، سۆز،بولۇۋاتقان ئۆزگۈرۈش ۋە ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاددى ئىشلار دەپ ئويلايدىكەنسەن دېمەكچى بولىۋاتىسەن، ئەمما مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، مەن ھەممە ئىشنىڭ بىر يولى بار دېمەكچىمەن. مەن ساڭا يېنە بىر ئەھۋالنى ئېيتىپ بىرەي دەپ، دوستۇم يېنە يېڭى گەپ باشلىدى.
   خەلقىرادا نامى چىققان داڭلىق بىر ماشىنا زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر چوڭ شىركەت قىممەت باھالىق ماشىنىنىڭ بىر زاپچىسىنى قۇتىغاقاچىلايدىغان ئىشنى ئاپتۇماتىكلاشتۇرۇپتۇ. بۇ يېڭى تەرەققىيات بىلەن ئۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشىمۇ تىزلەشكەندىن باشقا نۇرغۇن ئىقتىسادى ئۆنۈمگە ئىرىشىدىكەن.ئەمما بىرمەزگىلدىن كېيىن خېرىدارلاردىن قۇتىنىڭ ئىچى قۇرۇق بولغانلىقى توغرۇلۇق شىكايەتلەر كېلىشكە باشلاپتۇ. شىركەت رەھبەرلىرى باشتا ئانچە دىققەت قىلمىغانبولسىمۇ كېيىنچە تەكشۈرۈپ كۆرۈش نەتىجىسىدە راستىنلا ئاپتۇماتىك قاچىلاش جەريانىدا2-3 مىڭ قۇتىدىن بىر قۇتىغا قاچىلانماي قالىدىغانلىقىدەك ئەھۋالنىڭ بارلىقىنىبايقاپتۇ. شىركەت رەھبەرلىرى ئويلۇشۇپ يەنە بىر چوڭ شىركەت بىلەن ئەسۋاپقاچىلانماي قالغان قۇتىنى، قۇتىلارغا ئەسۋاپ قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بىرەرمېتىر ئارلىقتا بىردىن كېلىدىغان، ئايلىنىپ تۇرىدىغان  تاسمىنىڭ ئۈستىدىنئۆتىۋاتقان ۋاقىتتا دەرھاللا بايقىۋالالايدىغان بىر ماشىنا ياساپ بىرىش توغرۇلۇق 2مىليون دوللارغا توختام تۈزۈپتۇ.
    بۇ ماشىنا لازىر نۇرلۇق ماشىنا بولۇپ، نەچچە ئونمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاسمىدىن ئۇ قۇتىلار كېلىۋاتقاندا، ئەگەر ئىچى قۇرۇق قۇتابولۇپ قالسا، ئالدىغا كەلگەن ھامان بايقىۋېلىپ، دەرھال سىگنال بېرىدىكەندە،كونتۇرول نۇقتىسىدا تۇرىدىغان كۈزەتكۈچى خادىم ئۇ بوش قۇتىنى تاسمىدىن ئېلىۋېتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ چوڭ شىركەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تامامەن ئىلغارماشىنلاشقان، زامانىۋى شىركەتكە ئايلىنىپتۇ. ئارىدىن بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇشىركەت ئۆزىنىڭ قانچىلىك تەرەققى قىلغان شىركەت ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇچۇچىلىرىدىن 15- 20 ئوقۇغۇچىنى شىركىتىگە زىيارەتكەتەكلىپ قىپتۇ. شىركەت باشلىقى ۋە ئىنژىنىر، مۇتەخەسسىسلەر ئوقۇغۇچىلارنى بىرەرقۇرئايلاندۇرۇپ ھېلىقى تاسمىنىڭ ئالدىدىكى لازىر نۇرلۇق ماشىنا ئورنۇتۇلغان ئاخىرقى كۈزۈتۈش نوقتىسىغا كەلگەندىن كېيىن، شىركەت باشلىقى ئوقۇغۇچىلارغا ئىچى قۇرۇق قۇتائەھۋالىنى بىرەرقۇر ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئەگەر ئاشۇنداق بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندەسىلەر قانداق قىلىسىلەر دەپ سوراپتۇ.
    بۇ سۇئالنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرسى ئالدىغاچىقىپ، كۈزەتكۈچى خادىم ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇق بىلەن ئۇ خادىمنىڭ ئالدىدىكى، شىرەئۈستىدە تۇرغان  20 دوللارلىق كىچىك شامالدۇرغۇچنى ئېلىپ ھېلىقى لازىر نۇرلۇق ماشىنىنىڭ يېنىغا ئورۇندۇقنى قويۇپ، ئۈستىگە شامالچىنى ئايلىنىپ تۇرىدىغان تاسمىغاقارىتىپ قويۇپ قويۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن شىركەت باشلىقى ۋە بۇ شىركەتنىڭ ئالىم،ئىنژېنىرلىرى بىر- بىرىگە قاراشقىنىچە ھاڭۋېقىپ، تۇرۇپ قېلىشىپتۇ.
    دوستۇم پىيالىسىدا قالغان ئاخىرقى ئاش سۈيىنى ئىچىپتۈگەتكەندىن كېيىن ماڭا قاراپ، ئەھۋال مانا مۇشۇنداق. ئاددى ئىشلارنىمۇ تولائويلاپ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتسە 20 دوللار بىلەن ھەل بولىدىغان ئىشقا 2 مىليون دوللارسەرپ قىلىپ قاراپ تۇرىدىغان گەپ. مەن بۇنى دېمەكچى. "ساتمىدا سوققان چوت سارايدا كارغا كەلمەپتۇ" دەيدىغان گەپ بار. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمىلى شارائىتىگە قاراپ ئىش تۇتسا توغرا بولىدۇ دېمەكچىمەن. بىكاردىن، بىكارلا تولائويلاپ ئادەتتىكى بىر ئىشنىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەندە يا باشقىلارغا ئوخشاپ بۇلالماي ياكى بولمىسا ئۆزىمىز ياشاۋاتقان رىيال دۇنياغا قايتىپ كېلەلمەي،كىچىككىنە ئىشنى يوغان تىۋېتىپ، ئاددى بىر مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىپ، بۇئىشنىڭ ئىچىدىن چىقالماي، ياكى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئىشەنچ قىلالماي نەتىجىدە ئاددى ئىشلاردىمۇ باشقىلارنىڭ قولىغا قارايدىغان بولۇپ قالىمىز!. مەن ساڭا بۇنى دېمەكچىمەن دېدى. مەن دوستۇمنىڭ سۆزىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. ئويلاپ باقسام بۈگۈن دوستۇم ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بۇ ئەھۋاللار مەندىمۇ تازا باركەن. ئىختىيارسىز ھالدائاغزىمدىن ئىسىىىىىىت دېگەن سۆز چىقىپ كەتتى. مەن ئىتتىك بېشىمنى كۆتۈرۈپ دوستۇمغاقارىسام ھېلىمۇ ياخشى ئاڭلىماپتۇ. ئاڭلاپ قالغان بولسا نىمە دەپ قالار ئىدى،ھەييييي.
    تار كوچىدىكى بۇ ئاشخانا خېرىداسى ئانچە كۆپ بولمىغان،ئادەتتىكى ئادەملەر كېلىدىغان ئاشخانا بولغاچقا پات- پات كىرىپ تۇراتتۇق. ئاشخانائىگىسى بىزنى تۇنىغاچقا بۇنداق ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالساقمۇ خاپا بولماستىن ھۆرمىتىمىزنى قىلاتى. شۇنداق قىلىپ ئاشخانىدىن چىقىپ، دوستۇم بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئايىغى چىقماس خىياللار ئىچىدە ئىنسان دېڭىزىغا ئايلانغان بۇ چوڭ شەھەردىكى ئىنسانلار ئارىسىغا قوشۇلۇپ كۆزدىن غايىپ بولدۇم.

مەنبەسى، ئۆز قەلىمىم.


1

تېما

4

دوست

2099

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10177
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 298
تۆھپە : 454
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 16:02:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددىغىنە ھەممە ئادەم قۇبۇل قىلالايدىغان تەۋسىيەكەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئۇ ئۇخلىمايدۇ ھەم ئۇخلاتمايدۇ

1

تېما

0

دوست

1112

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19483
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 328
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 17:39:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنسى بەك چۇڭقۇركەن . ھەقىقەتەن مول ھىسياتقا بايكەنسىز .

0

تېما

0

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23452
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 23:57:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاغدىن باغدىن، مەنسى ئېسىل ئىكەن سۇلياۋ باكتىكى ياغدىن.

0

تېما

1

دوست

578

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22328
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 21:13:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ يېڭى ھېكايىسىنى ئوقۇغاندەك تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.

0

تېما

0

دوست

1070

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17306
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 21:58:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىشلىق ئەسەر بولدى ،

1

تېما

1

دوست

1319

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15229
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 12:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەمىلى نەپ ئالغىلى بولىدىغان يازما ئىكەن .

1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 16:29:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ياخشى چىقىپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )