ئۇماچ تەقسىم قىلىش
يەتتە ئادەم بىر يەردە تۇرىدىكەن، ئۇلارغا ھەر كۈنى پەقەت بىر چىلەك ئۇماچلا بېرىلىدىكەن. ئۇماچنىڭ ئازلىقىغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۇنى قانداق تەقسىم قىلىشمۇ باش قاتۇرۇىدىغان مەسىلە ئىكەن. ئۇلار بىر مەزگىل چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇماچ ئۇسۇش نۆۋىتىنى بېكىتش چارىسىنى قوللۇنۇپ كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. نەتىجىدە ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۇماچ ئۇسۇش نۆۋىتى كەلگەن كۈنىلا، ھەپتىدە پەقەت شۇ بىر نۆۋەتلا تويىدىغان بوپتۇ. كېيىن، ئۇلار ئەخلاق-پەزىلىتى ھەممدىن ئۈستۈن بىرسىنى ھەركۈنى ئۇماچ ئۇسۇپ بېرىشكە بېكىتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن چىرىكلىك پەيدا بولۇپتۇ. باشقىلىرى ھېلىقى ھوقۇقدارغا ياخشىچاق بولۇشقا، پارە بىرىشكە باش قاتۇرىدىغان بولۇپتۇ، كىچىككىنە بىر توپ مالىماتاڭ بولۇشقا باشلاپتۇ. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ كۆپچىلىك ئۈچ كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۇماچ تەقسىم قىلىش كومېتىتى، تۆت كىشىدىن تەركىپ تاپقان باھالاش كومېتىتى تەشكىللەپتۇ، بۇ ئىككى كومېتىتنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تالاش-تارتىش ئۆكسۈمەي، ئۇماچ ئېغىزغا بارمايلا سوۋۇيدىغان بولۇپتۇ. ئۇلار ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ مۇنۇ چارىنى تېپىپتۇ : ئۇماچنى يەنىلا نۆۋەتلىشىپ ئۇسۇيلى، ئۇماچ ئۇسۇپ بەرگۈچى ئېشىپ قالغان قاچىدىكى ئۇماچنى ئىچسۇن. شۇنداق قىلىپ، بۇ چارە يولغا قويۇلۇپتۇ. ئۇماچ ئۇسۇش نۆۋىتى كەلگەن كىشى ئۆزىگە ئەڭ ئاز ئۇماچ بار قاچا قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇماچنى ھەرقايسى قاچىلارغا ئوخشاش ئۇسۇشقا بەك-بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپتۇ. كۆپچىلىك بۇ چارىدىن مەمنۇن بولۇشۇپتۇ، بىربىرى بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپتۇ. قاراڭ، ئوخشاشلا يەتتە ئادەم بولسىمۇ ، تەقسىمات تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئوخشىمىغان كەيپىيات بارلىققا كەلگەن. ئەگەر بىر ئورۇننىڭ خىزمەت كەيپىياتىدا مەسىلە بولىدىكەن، بۇ جەزمەن مېخانىزىم مەسىلىسى، جەزمەن باراۋەر، ئادىل، ئاشكارا بولۇنمىغانلىق مەسىلىسى، قاتتىق بولغان مۇكاپاتلاش، جازالاش يوقلۇقى مەسىلىسى. ھەربىر رەھبەر قانداق قىلىپ مۇشۇنداق بىر بەلگىلىمە تۈزۈپ يولغا قويۇشنى ئويلىنىشقا تېگىشلىك.
مەنبە : 励志一生 哲学故事
|