- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6423
- نادىر
- 5
- يازما
- 236
ئۆسۈش
  100%
|

ئۇچار تاش(Asteroid) ۋېستا ۋولقان ئېغىزلىرىنىڭ تۇزلىشى ئېنىق بولدى.
تاشپولات روزى
ناسا، Dawn ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچار تاش ۋېستا ۋولقان ئېغىزلىرىنى رەسىمگە ئالغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئېرىشكەن رەڭلىك رەسىملەرنى ئېلان قىلدى. رەسىم ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن.
Dawn ئالەم كېمىسى 2009-يىلى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇچار تاشلارنى تەكشۈرىدىغان ناسانىڭ ئالەم كېمىسى بولىدۇ. بۇ ئۇچار تاش ۋېستا يۇپىتېر بىلەن مارىسىنىڭ ئارىلىقىدا مەۋجۇت بولغان ئاساسلىق بەلۋاغ دەپ ئاتىلىدىغان ئۇچار تاشلار بەلۋېغىدىكى 4- چوڭ ئۇچار تاش بولۇپ، 2011-يىلى 7-ئايدىن 2012-يىلى 9-ئايغىچە تەكشۈرۈلۈپ كۆپلىگەن رەسىملەرگە ئېرىشكەن. گېرمانىيە Max Plank قۇياش سىستېما تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، Dawnغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەنزىرە تاللاش كامېراسى ئارقىلىق، مۇمكىن بولغان يورۇقلۇقىدىن يېقىن ئىنفرا قىزىل نۇرغىچە بولغان 7 خىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقتىكى رەڭلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، Dawn يۈزىدىكى رەسىملەرنىڭ رەڭلەشتۈرۈلىشىنى ئېلىپ بارغان.
بۇ رەڭلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، ۋېستانىڭ جەنۇبى كەڭلىك 14 گرادۇس ئېتىراپىغا ئورۇنلاشقان ۋولقان ئېغىزىنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى ناھايىتى گۈزەل ئەكس ئەتكەن. رەسىمدىكى بىر نۇقتا 60 مېتىر بولۇپ، ۋولقان ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 4.3 كىلومېتىر ئىكەن. ئۇنۇڭ مەركىزىدىن ئېقىپ چىققاندەك ئىزنىڭ بولۇش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
Qawn ئالەم كېمىسى ھازىر، 2-نىشانى بولغان ئاساسلىق بەلۋاغدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچار تاش Ceres قاراپ ئۇچۇۋېتىپتۇ. 2015-يىلى 2-ئايدا ئۇ ئۇچار تاشقا يېتىپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ھەم رەسىملەرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.
http://www.nasa.gov/jpl/dawn/ast ... x.html#.UrPPx7SkOSr
|
|