- تىزىملاتقان
- 2012-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1252
- نادىر
- 0
- يازما
- 72
ئۆسۈش
  25.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-20 12:01
يازما ئىگىسى:
‹‹ئىستىقبال سەھنىسى››نى تاقىلىپ قالسۇن دېسىڭىز مۇشۇنداق <<ئېسىل>> تەكلىپتىن كۈندە نەچچە ئوننى قۇيۇۋېرىڭ، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز تولىمۇ كۆپ بولغاندىن كېيىن.
بىر بوۋاقمۇ تۇغۇلۇپ نۇرغۇن جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق، ياشانغانلىق دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. ھازىرقى ‹‹ئىستىقبال سەھنىسى››مۇ دەل شۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئوخشايدۇ. بەلكىم كۈنلەرنىڭ بېرىدە سىزنىڭ تەلىپىڭىزدىكىدەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھازىرچە ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىپ، ئالامباي ئوينامسىز، گاگا ئوينامسىز، نېمە قىلسىڭىز مەيلى، ئەمما ئىشنىڭ بىسمىللاسىدىلا بۇنداق تۈك ئۈندۈرمەڭ!
‹‹ئىستىقبال سەھنىسى›› ئەمدىلا 2 سان قۇيۇلدى. يەنە بىر نەچچە سان قويۇلسا بەزى كارخانىلار خىزمەتچىلەرگە تويۇنۇپ ئۆزلىكىدىنلا بۇ سەھنىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ. شۇ چاغدا ئورنىغا باشقا كارخانىلار ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار كىرىشى مۇمكىن.
يەنە بىرسى سىز ئاۋال تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى، پىروگراممىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتىنى %20 چۈشىنىپراق تەكلىپ قۇيارسىز.
سىز بۇرۇن بىرەر قېتىم بولسىمۇ مۇشۇنداق بىر پىروگراممىنىڭ يولغا قۇيۇلىشى ھەققىدە تەكلىپ قويۇپ باقققانمۇ؟ ‹‹ئىستىقبال سەھنىسى››نىڭ يولغا قۇيۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يوقۇرىغا قانچىلىك قاترىغانلىقىنى، قانچىلىك ئېغىز ئۇپرىتىپ ئاران ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقىنى چۈشىنەمسىز؟
مۇكەممەللىككە يېتىش ئۈچۈن قەدەمنى ئاستا-ئاستا ئېلىش كېرەك. بىراقلا چوڭ چامدايمەن دېسىڭىز ئىشتاننىڭ ئېغى يىرتىلىپ كۈلكىگە قالىسىز. |
|