- تىزىملاتقان
- 2013-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6153
- نادىر
- 0
- يازما
- 650
ئۆسۈش
23.06%
|
ھازىرقى تۇرمۇش رىتىمىغا نىسبەتەن ، ئەر-ئايال ئىككىلىسى خىزمەتكە چىقىدىغانلارغا ئۆيدە تاماق يىيىش سەل قۇلايسىز بۇلۇپ، ئايال يىغىن ياكى مەلوم سەۋەپ بىلەن ۋاختىدا ئىشتىن چۈشەلمىسە تاماقنى سىرىتتا يىيىشكە تۇغرا كىلىدۇ،كۆپرەك داۋاملاشسا بىر تەرەپتىن ئۆيدە تاماق يىيىش ھۇزورىدىن قۇرۇق قالسا(مايلىق) يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى زىيان، ئىقتىساتنىڭ زىيىنىمۇ بۇپتۇ، ئەڭ يامىنى ئەر-ئايالنىڭ گەرچە بىر يەردە تاماق يىسىمۇ، بىر-بىرىگە بولغان ئارلىقى يەنىلا يىراقلاپ قالىدۇ. ھەممە تاماق ياكى سەيلەرنى تەييارلاپ تۇڭلاتقۇدا قاتتىق توڭلىتىپ ساقلاپ يىگىلى بولمايدۇ.ھەممىمىز بىلىمىز، سۇيۇق تاماقمۇ ھىچقانداق ھاۋا بولمىغان مۇھىتتا ئۆزگىرىپ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ. ۋاكۇئوملۇق قاپلاش ماشنىلېرى ھازىر باشقا ئۆلكىلەردە خېلىلا ئۇموملىشىپ قالدى، شۇڭا باھاسىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئەرزان بۇپ كىتىپتۇ(ئەلۋەتتە بەك ئەرزانلېرىنى پۇلىغا چۇشلۇق ئىشلەتكىلى بولماسلىقى مومكىن).
بۇنىڭ نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنلىكلېرىگىچە باركەن،رەسىمدىكى سائىتىگە 200-500 قىتىمغىچە دىگىنى سائىتىگە شۇنچىلىك خالتىلىق يىمەكلىكنى ۋاكۇئوملۇق مۇھىتتا يەملەيدۇ دىگىنى، شارائىتى بارلار ئۆزى تەييارلاپ، ساتسىمۇ ھەم بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ تەييارلىغان يىمەكلىكىنى قاپلاپ بېرىشنىمۇ يولغا قويسا بەلگىلىك ئىقتىسادى كىرىگە ئىگە بۇلالايدۇ.
خىزمەتچىلەرمۇ دەم ئىلىش كۈنلېرى ھەپتىلىك يىمەكلىكنى تەييارلىۋىلىپ ، (خام ياكى پىششىق بولسىمۇ بۇلىدۇ) تۇڭلاتقۇنىڭ توڭلىمايدىغان بۈلىكىدە ساقلاپ ئىستىمال قىلسىمۇ ئالى دەرىجىلىك تەييار يىمەكلىكلەردىن قىلىشمايدۇ ھەم چاشقان گۆشلۈك نەرسە يەۋالغاندىمەنمۇ دەيدىغان ئەندىشىمۇ بولمايدۇ...
ھەممە يەردە بولسا يىڭى قاچىلىغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئىلىۋالسىڭىز ، خىزمىتى ئالدىراشلار، دائىم سەپەرگە چىقىدىغانلار، بۇلۇپمۇ مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار يوق يەرلەرگە بارىدىغانلار (پىشۇرۇلغان گۆش ياكى يىمەكلىكلەرنى قاپلىسىمۇ بۇلىدۇ) كىچىك بىر قازانلىق توك ئۇچىقىنى قۇشۇپ ئىلىۋالسا بەك قۇلاي...
مەن مۇنبەردىن پايدىلىنىپ سودا قىلمايمەن. بۇ تىمىلارنى باشقىلارغا قۇلايلىق يارىتىش ۋە ئىش ئورنى يارىتىشتا پايدىسى بۇپ قالار دەپ يوللىدىم.
|
|