- تىزىملاتقان
- 2011-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7607
- نادىر
- 0
- يازما
- 310
ئۆسۈش
  52.14%
|
<< سادامغا بولغان مۇھەببەت ۋە نەپرەت>> تېمىسى ئاستىدىكى مۇنبەر مۇنازىرىسى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى تورداشلار ئەڭ ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىگە قانچىلىك ئازار بىرەلىسە، شۇنچىلىك مۇۋەپەقىيەتكە ئىرىشكەندەك ھسىياتتا ھەر-كىم ئۆزىنىڭ مەمنۇنلۇقىنى ئىپادىلەيتتى.
‹‹ ئۇلۇقدۈر›› نامىدىكى تورداش بىلەن ‹‹نازاكەت ›› نامىدىكى ئىككى نەپەر تورداش، ئۆز ئىنكاسلىرىدا بىر-بىرىنى تىللىشىپ ، زادىلا پۇخادىن چىقمىدى-دە ئەتە سائات بىردە،ياق بۈگۈنلا چۈشلۈك دەم ئېلىشتا شەھەر مەركىزىدىكى گۈللۈكتە ئۇچۇرشىدىغان بولۇپ كىلىشتى.
نازاكەت 19 ياشلىق قىزلارغا ياراشمايدىغان بىر خىل جاسارەت بىلەن ،تەيارلىنىپ يولغا چىقتى.ھەر ئېھتىمالغا قارىشى تازا تەنبەل ئوغۇل ساقداشلىردىن ئۈچ نەپىرىنى تولۇق‹‹قوراللاندۇرۇپ›› ھەربى ھالەتتە كەينىدىن يوشۇرۇن مېڭىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشتى . ئاللىقاچان گۈللۈك ئەتراپىغا كىلىپ ،رەقىبىنى ساقلاۋاتقان نازاكەت ،قولىغا بەلگە سۈپىتىدە قىزىل كۈنلۈك ئېلىۋالغان كىشىنىڭ ئۆزى تەرەپكە يېقىنلىشىۋاتقانلىغىنى كۆردى.
_ يائاللا ! بۇ دادم ئەمەسمۇ؟!!!
ئۇ ئىسىگە كەلگەن چاغدا ئۆزىنىڭ ھوجۇرسىدا ئولتۇراتتى.نېرىقى ئۆيدىن، دادىسىنىڭ _ ‹‹نامەرت شوۋۇچى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي كەلمەي قويدى،بولمىسا بىرە يىرىنى مېيىپ قىلماي تۇرۇپ،قويۇپ بەرمەيتتىم›› دىگەن گىپى ئاڭلاندى.
|
|