- تىزىملاتقان
- 2013-10-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 925
- نادىر
- 0
- يازما
- 96
ئۆسۈش
  85%
|
دائىم سۆرەتلىك خەۋەرلا يوللالاۋەرمەي، بەك تېما يازغىڭىز كېپ كەتسە، ھازىرقى زاماندا، ھازىرقى شارائىتتا، دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئەرلىرىمىز نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ؟ ۋە كېيىن نىمە ئىشلارنى قىلالايدۇ؟ مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىمىزچۇ؟..............ئۇيغۇر مەدىنىيىتى بىلەن مۇسۇلمان بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە تەرەققىياتقا بولغان تەسىرىچۇ؟..................دىگەندەك ئەمىلىي تېمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەمىلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، بىر تېمىلار يېزىپ باقمامسىز.
نىمىشقا دىسىڭىز، رەسىمگە خەۋەرگە قاراپلام، يۈزەكى چۈشۈنىۋاپ، دورامچىلىق قىلغاندەك، پەقەت باشقىلارغا كۆرسۈتۈش ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيدىغان، باشقىلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈنلا، ھەتتا تېخى ئەرگە تېگىۋېلىش ئۈچۈنلا كىيىم-كېچەكتە ئورىنىۋالغانلار كۆپەيسە ياخشىمۇ(ھازىر شۇندالار كۆپىيىپ قالدى) ياكى تېگىدىن چۈشۈنۈپ، قەلبىنى پاكلاپ، قەلبىدىن ئوراشتىن باشلانغانلار كۆپەيسە ياخشىمۇ؟
كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولغان قىزلار زادى دىنىي بىلىملا ئېلىشى كېرەكمۇ ياكى ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، پەننىي بىلىملەرنىمۇ ئېلىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قەيەردىن قەيەرگىچە؟
مانا مۇشۇندالار توغرىسىدىمۇ ئىزدىنىپ تېما يېزىپ باقمامسىز.
شۇنداق قىلسىڭىز كۈندە تور ئاختۇرۇپ، رەسىملىك سۆرەت، رەسىملىك سىن ئىزلەشلەرگە كەتكەن ۋاقتىڭىزنى تەپەككۇرغا، ئىزدىنىشكە چىقىرالاايسىز. |
|