قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ablimitt

يىشىل ئۈندۈرمە ئىشلەپچىقىرىش سىزنىڭ قۇلىڭىزدىنمۇ كىلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

4

دوست

5115

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6282
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 731
تۆھپە : 1089
توردىكى ۋاقتى: 457
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 23:20:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
قىش كۈنلىرىغۇ ئۆي ئىچىدە قىلامىز...ياز كۈنلىرى ئاپتاپ چۈشۈپ
تۇرىدىغان يەر بولسىمۇ  بۇلاۋىرەمدۇ...؟

14

تېما

13

دوست

6153

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 1810
توردىكى ۋاقتى: 558
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 08:13:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
babak يوللىغان ۋاقتى  2013-12-22 23:20
قىش كۈنلىرىغۇ ئۆي ئىچىدە قىلامىز...ياز كۈنلىرى ئاپتاپ چ ...

ئاپتاپتا يىشىل رەڭگە كىرىپ قالىدۇ، بۇنىڭ تەركىۋى ئۆزگىرىپ كىتىشى مومكىن.
ئىنتىل ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىنى چىقىرىپ قۇياي.
ئەسلى ئىنتىل ئەپەندى بۇنىڭغا ئەتراپلىق تەييارلىق قىپتىكەن.
توردىن يىغقان بۇ مەزمۇننى بۇنىڭغا قوشۇپ قوياي

پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى تاللىغاندا
ئالدى بىلەن يىلتىزىغا قارايمىز ، ئۈندۈرمە قانچە ئۇزۇن بولسا يىتلىزىمۇ شۇنچە ئۇزۇن بۇلىدۇ، قۇشۇلما ماددا بىلەن تېز ئۈندۈرگەن پۇرچاق ئۈندۈرمىسنىڭ يىلتىزى بولمايدۇ، بولسىمۇ ئىنتايىن قىسقا بۇلىدۇ، ئاندىن بەرگىگە قارايمىز ، نورمال سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ سېرىق پۇرچاق بەرگى ئايرىلغان بۇلىدۇ، مەسىلە بار پۇرچاق ئۈندۈرمىسى بىر - بىرىگە چاپلىشۋالغان بۇلىدۇ.

كىيىنكى قەدەمدە رەڭگىگە قارايمىز ، مەسىلە بار پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ رەڭگى زىيادە ئاق بۇلىدۇ، نورمال پۇرچاق ئۈندۈرمىسنىڭ رەڭگى سەل بوز رەڭ ناۋاترەڭ كىلىدۇ، ئاخىرىدا بارمىقىمىزغا يۆگەپ باقىمىز، ياخشى پۇرچاق ئۈندۈرمىسى بىلەن يىلىتىزى تەبىئىي ئۇزۇن ، ئېلاستىكىلىق ياخشى بۇلىدۇ، ئۇنى بارماققا ئىككى ئۈچ قەۋەت يۆگىسىڭىزمۇ سۇنمايدۇ، لىكىن مەسىلە بار پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قىسقا بۇلىدۇ، ئۇنى باماققا شۇنداقلا يۆگىسە سۇنۇپ كىتىدۇ،

مۇتەخەسىسىلەر مۇنداق دېيىشتى ؛ پۇرچاق ئۈندۈرمىسى بىر سۇڭ ئۇزۇنلۇقتا ئۆسكەندە ، ئۇزۇقلۇق قىممتى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇزىراپ كەتكەنسىرى ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋە نلەيدۇ، ئۈچ سۇڭدىن ئاشقاندا ۋېيتامىن ئوزۇقلۇق قىممىتى نۆلگە يېقىنلىشىدۇ.

مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى ؛ پۇرچاق ئۈندۈرمىسى سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ۋە ماش ئۈندۈرمىسىگە ئايرىلىدۇ، ماش ئۈندۈرمىسىنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ، زەھەرنى پارچىلاش رولى بار، بېسمى يۇقىرى ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەرگە ماش ئۈندۈرمىسى ماس كىلىدۇ. لىكىن ئۇنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق بولغاچقا . ئاشقازان ۋە تال ئاجىز كىشلەرگە زىيان قىلىدۇ، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى تۆت پەسىلىنىڭ ھەممىسدا ئىستىمال قىلىشقا بۇلىدۇ، ئۇنىڭدا كاناماش ئېزوفلاۋۇن مىقدارى يۇقىرى ، كىماتىرىيە دەۋرىدىكى ئالامەتنى يەڭگىللىتىشكە ، سۈت بېزى راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق .

پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ شىپالىق رولى

پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، تېرىنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە.
1. سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسى يۇقۇملىنىش
سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسى يۇقۇملانغۇچىلاردا، سۈيدۈك قىستاش، پات-پات سىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسىدىن 500 گىرام تەييارلاپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن، يانجىپ سۈيىنى چىقىرپ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ، چاينىڭ ئورنىدا ئىچىپ بەرسە كېسەللىك ئەھۋالى پەسىيىدۇ.
2. كانايچە ياللۇغى
يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسىدىن 100 گىرام، يۇمغاق سۈتتىن 20 گىرام تەييارلاپ، قوي ئۆپكىسى بىلەن بىرگە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا، كانايچە ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
3. قەۋزىيەت
250 گىرام يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن، سۇدا قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ، تۇز، تېتىتقۇ قوشۇپ، تاماق بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ.
4. بوۋاسىر
250 گىرام يېشىل پۇرچاق، 25 گىرام لامنارىيە، 30 گىرام ساڭرام قۇلاقنى پاكىزيۇيۇپ، قازانغا قويۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ۋە تەم تەڭشىگۈچلەرنى قويۇپ قاينىتىپ شورپا قىلىپ، ئىستىمال قىلىپ بەرسە بوۋاسىر كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ.
5. يۆتەل ۋە سېرىق بەلغەم
ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل بولۇپ قېلىپ، سېرىق بەلغەم تۈكۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، 500 گىرام سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، 10-15 گىرام ئاپلىسىن پوستى تەييارلاپ، مۇۋاپىق مىقدار سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە سېرىق بەلغەمگە پايدا قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى

پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئىسسىقنى ھەيدەپ ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ
  سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى بىلەن ماش ئۈندۈرمىسى ئىسسىقنى ھەيدەپ ، ھۆللۈك يەتكۈزۈش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ، بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاش رولىغا ئىگە . سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ ھۆللۈك يەتكۈزۈش ئۈنۈمى  ، ماش ئۈندۈرمىسىنىڭ ئىسسىقلىقنى ھەيدەش رولى كۆرۈنەرلىك . ئەگەر سۆڭەك شورپىسىغا سېرىق پۇرچاق ياكى ماش ئۈندۈرمىسى سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلسا ، ئىسسىقلىقنى ھەيدەپ ھۆللۈك يەتكۈزۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ

داغلىما پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەييارلاش ئۇسۇلى
خۇرۇچلار:كۆك ماش ئۈندۈرمىسى100گىرام،ئازراق تېتىقۇ،بىر تالدىن كۆك قىزىل لازا،مۇۋاپىق مىقداردا تۇز،سۇ يېغى،زەنجىۋېل،سۇڭپىياز بىر تال،سامساق بىر باش،ئازراق ئاچچىقسۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:بىرىنجى.كۆك ماش ئۈندۈرمىسىنى پاكىزە يۇيۇپ تازلاپ قايناقسۇغا بېسىۋېتىپ سۇغۇق سۇ بىلەن چايقاپ سۇۋۇتىلىدۇ.
ئىككىنجى.كۆك قىزىل لازىلارنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ پاكىزە يۇيۇپ ئىنچىگە توغراپ ئۈندۈرمىلەر بىلەن ئارلاشتۇرلىدۇ.
ئۈچۈنجى.سۇڭپىياز،سامساق،زەنجىۋېللەرنى يۇمشاق چاناپ ئۇنىڭغا تۇز،ئاچچىقسۇ،تېتىتقۇلارنى قۇشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ 7-8دەرىجە قىززىغان ياغ بىلەن داغلاپ تەخسىدىكى سەينىڭ ئۈستىگە سېپىلىدۇ.
ئالاھىدىلكى:رەڭدار كۆركەم،تەمى ئاچىچىق-چۈچۈك ،يېيىشلىك
قۇتلان تېلفۇنلىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )