بۇ تېمىنىڭ خەنزۇچىسىنى كۇرۇپ «كائىنات»قا قىسقىچە مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىغان ئىدىم.سىزنىڭ بېۋاستە ئىنگىلىز تىلىدىن تەييارلىغان بۇ تېمىڭىزنىڭ يوللىنىشى بەك ياخشى بولدى.مەن بۇ تېمىدىن باشقىچىرەك ھاسىلاتلارغا ئىرىشتىم.بۇ بىر تەقلىدى ئالەم،دەۋرى ئالەم ئىدىيىلىرىگە پايدىلىق بايقاشمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.مىنىڭ خىياللىرىم سەل تەتۆررەك.لىكىن نەتىجە ئوخشاش.مەن بىر ئاز قولۇم بۇشىغاندا ئويلىغانلىرىمنى ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قالدۇرۇمەن.خەنزۇچىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنى قالدۇردۇم،خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا ئاگاھلاندۇرغايسىز،مانا:
ئالەم - ئۈچ ئۆلچەملىك گولۇگىراپىك پىرويىكسىيە
ئالەم ئۈچ ئۆلچەملىك گولۇگىراپىك پىرويىكسىيە(تەسۋىر،سۆرەت) نەزەريىسىنىڭ قارىشىچە ئالەمدىكى تارتىش كۈچى تىنمسىز تەۋرىنىپ تۇرىدىغان"تار"لاردىن شەكىللەنگەن.بۇ تارلارتۇز(تەكشى-ت)،ئاددى بولغان ئالەمدە يۇز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ گولۇگىراپىك سۆرىتىدىن ئىبارەت.

ياپۇنىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھېساپلاش نەتىجىسى بۇ خىل گولۇگىراپىك تەسۋىر نەزەريىسىنىڭ توغرا بولۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۇرسەتتى
بۇ نەزەريىچە بولغاندا سىز كۇرىۋاتقان بارلىق نەرسىلەر ،ھەتتا مۇشۇ ماقالىنىڭ ھالىتى،سىزنىڭ يېنىڭىزدىكى ھەممە نەرسىلەربىر ئىستىرونۇمىتىرىيىلىك پىرويىكسىيەدىن ئىبارەت.
بۇ خىل نەزەريىنىڭ يىلتىزى 1997-يىلى نەزەريە فىزىكا ئالىمى جۇئان مالداسېنا(Juan Maldacena) ئوتتۇرىغا قويغان بىر مودىلغا چېتىلىدۇ.بۇ نەزەريە ئاڭلىماققا بەكمۇ ئۇزگىچە بىلىنسىمۇ ،لىكىن،ھازىرغىچە ھەرقانداق بىر تەكشۆرۆش ئۆتكىلىدىن ئۆتمىگەن.پەقەت يېقىندىكى بىر ماتىماتىكىلىق مودىلدىن قولغا كەلتۆرۆلگەن نەتىجە بۇ فىزىكىلىق مودىلنىڭ ئەمەليەت بولۇشى مۇمكىنلىگىنى كۇرسەتتى.
بۇگۆن تارقىتىلىدىغان"تەبىئەت"ژورنىلىدا ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ گولۇگىراپىك تەسۋىر نەزەريىسىنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلىشى مۇمكىن بولغان ماتىماتىكىلىق ئىسپاتقا ئالاقىدار ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
|