يالغانچىلىقنى بىلىۋالىدىغان ماشىنا ئادەم
يوھان يېڭى نەرسىگە بەكلا ھېرىسمەن كىشى بولۇپ ، سەللا يېڭىلىق بىلىنگەن نەرسە ئۇچرىسىلا سېتىۋالاتتى.بۆگۈن ئۇنىڭغا يەنە بىر يېڭى نەرسە " يالغانچىلىقنى بىلىۋالىدىغان ماشىنا ئادەم " ئۇچرىدى ، ئۇ دەرھاللا سېتىۋېلىپ ،ئۆيگە ئەكىلىپ سىناپ باقماقچى بولدى. دەل شۇ كۈنى كەچتە ، يوھاننىڭ 11 ياشلىق ئوغلى تام مەكتەپتىن ئىككى سائەت ئەتراپىدا كىچىكىپ قايتتى .يوھان كۆڭلىدە ئەسۋاپنى سىناپ بېقىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى كەلدى دەپ ئويلىدى دە ،ئۇنى ئوغلىغا قارىتىپ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويدى ۋە – -نەگە باردىڭ دەپ سورىدى. تام دەرھاللا: – -كۈتۈپخانىغا باردىم. دىيىشىگە ماشىنا ئادەم ئورۇندۇقنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ "پاققىدە" بىرنى سېلىپ تامنى ئورۇندۇقتىن چۈشۈرۋەتكىلى تاسلا قالدى. ھەقىقەتەن قالتىسكەن! يوھان ئوغلىغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ: – -ماڭا قارا تام ، بۇ يالغانچىلىقنى ئۆلچەيدىغان ماشىنا ئادەم . ھازىر سەن ئاپاڭ ئىككىمىزگە راستىڭنى ئېيىت، مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن نەگە باردىڭ؟ – دىدى. تام بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ؛ – پاوبىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كىنو كۆردۇق –دىدى. يوھان مەغرۇرلانغان ھالدا ئايالىغا قاراپ قويۇپ سۇئال سوراشنى داۋاملاشتۇردى. – -قانداق كىنو كۆردۈڭلار؟– تام سەل ئىككىلەنگەندەك قىلىپ: – -كارتون فىلىم –دىيىشىگە ماشىنا ئادەم ئۇنى يەنە "پاققىدە" بىرنى قويدى. تام بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ بوش ئاۋازدا: – -كەچۈرگىن ، مەن يالغان سۆزلىدىم. ئەمەلىيەتتە بىز "جەزىبدار خانىش" دىگەن سىنئالغۇ فىلىمىنى كۆرگەن ئىدۇق. يوھان ئاچچىغلاپ: – -مەن سەندىن بەكلا ئۈمۈتسىزلىنىۋاتىمەن. مەن سەنچىلىك ۋاقتىمدا ئەزەلدىن ئاتا ئانامغا يالغان سۆزلەپ باقمىغان – يۇھاننىڭ سۆزى تۈگىشىگە ماشىنا ئادەم ئۇنى بىرنى ئۈرۈپ ئورۇندۇقتىن ئۇچۇرۋەتكىلى تاس قالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئايالى ماشا كۈلۈپ تېلىقىپ قالدى ۋە : –سۆيۈملىگۈم ،ئەسلى سىزمۇ كىچىگىڭىزدە يالغانچى ئىكەنسىز دە ؟ بولدىلا تامغا بۇنچىۋالا ئاچچىغلاپمۇ كەتمەڭ ، ئۇ بەرىبىر ئۆز ئوغلىڭىزغۇ!– بۇ ۋاقىتتا ماشىنا ئادەم ئايلىنىپ كىلىپ، ماشانىڭ مۈرىسىگە "ۋاڭڭىدە" بىرنى ئۈرۈپ ،ئۇنى شىرەنىڭ تېگىگە كىرگۈزىۋەتكىلكى تاس قالدى...
خەنزۇچە "ھىكايىلەر" دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى |