قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3000|ئىنكاس: 25

ئوغلانى : ئادەم بولغان ئىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

دوست

1462

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17880
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 496
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 16:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                                        
       

ئادەم بولغان ئىت

                                                         
          مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى


   (ھېكايە)


   
         
            مېڭىشتىن ئاۋال ھاجەتخانىغا كىرىپ  ئەينەككە بىر قاراپ ياسىنىپ ماڭىدىغان ئادىتىم بار ئىدى ، ئۆزۈمنىڭ شۇنچە كىلىشكەن ھالىتىمگە قاراپ زوقۇم كىلەتتى ،چاچلىرىم شۇنچىلىك رەتلىك تۇرسىمۇ يەنە ئوڭغا بەشنى ،سولغا بەشنى  تاراپ باقاتتىم . بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويىچە چاچلىرىمنى بىر قۇر قاتۇردۇم ، ئۆزۈمگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،كۆڭلۈمگە بىر خىل خۇشاللىق يۈگۈرۈپ كۈلۈمسىرىدىم .
   ئىشىكتىن چىقىپ مەيدەمنى كۆتۈرۈپ ، بېشىمنى باشقا تەرەپكە بۇراپمۇ قويماي يولغا كۆزۈمنىڭ قىرىدا قاراپ قويۇپ مېڭىۋاتاتتىم .
   ئالدىمدىكى بىر توكۇر كىشىگە كىشىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ، ئۇ ئىككى ھاسا بىلەن ئاران -ئاران مېڭىۋاتاتتى ، مۇشۇنداق توكۇرلارنى كىشىلەر ئۇنداق ياخشى يەي ،مۇنداق ياخشى يەي دىيىشىدىكەن ، نىمىسى ياخشى بۇ خەقنىڭ ؟ پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيتتى ،مىنىڭچە بولغاندا بۇنداقلار  جەميەت ئۈچۈن بىر يۈك ئىدى ، ھەمىشە شۇ كوچىلاردىكى تىلەمچىلەرنى كۆرگىنىمدە پۇل بەرمەي  ئۇلارنىڭ كۆزىگە بىردىن ئالىيىپ قويۇپ ئۆتۈپ كىتەتتىم ، ھەممىسى كۆزۈمگە كىرەكسىز كۆرۈنەتتى .  مۇشۇلار بولمىغان بولسا جەميەتتە بىر ساق كىشىنىڭ ياشىشىغا بوشلۇق بىكار بولاتتى ،ساقلار كۆپ بولسا جەميەت تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلاتتى ،ئىچ ئاغىرتىشنىڭ نىمە ھاجىتى بۇ خەقكە.
__ ھەي ئۇكام ، مىنى يۆلەپ تۇرامسىز ، مەن ماۋۇ ئىتقا بىرنىمە بېرىۋالاي .
مەن ئۇنى تىز -تىز يانداپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىز  كەلگەن بۇ ئاۋازدىن ئارقامغا بۇرۇلدۇم ، ھېلىقى توكۇر كىشى ئىدى .
__ ھە ،نىمە دەيسە ؟! —دېدىم جەھلىم بىلەن  .
__ ۋوي بۇنداق قوپاللىق قىلماڭ ئۇكام ، ماۋۇ بىچارە ئىتقا قاراڭە ، بىرنىمە يىمىگەن ئوخشايدۇ . ئازراق بىرنىمە سەپ بىرەي دىسەم بۈگۈن تازا مىجەزىم يوق .
بېشىمنى بۇراپلا ماڭاي دىدىميۇ ، بۇ توكۇرنى تازا بىر ئەخمەق قىلىشنى ئويلاپ قالدىم .
__ ماقۇل ،لىكىن بىر شەرتىم بار . __ دېدىم ئۇنىڭ يېنىغىراق كىلىپ .
__ شەرت ؟ __ ئۇ ھەيران قالدى .
__ ھەئە ، مىنى دىباغا يۈدۈپ ئاپارساڭ سېنى يۆلەيمەن .__ شۇ گەپنى دەۋېتىپ قاتتىق كۈلۈپ كەتتىم .
__ توكۇر بولغاندىكىن ئۆيەڭدە ياتساڭ بولمامدۇ  بۇ لالمىلارنى باقىمەن دىگۈچە ؟ كوچىدا تىلەمچىلىك قىلساڭمۇ ئازراق كىرىم قىلىسەن ،__ دېدىم ئۇنىڭغا ئاليىپ .
__ ئۇكام بۇ ...،__  ئۇ قىزىرىپ كەتتى ، __ ياردەم قىلمىساڭ باشقىلارنى زاڭىق قىلما ، سېنىڭ سالايىتىڭمۇ توشمايدۇ __ دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن .
__ ۋاي سەن دىگەن يامان ، توكۇر پادىشاھ ، ھالىنى ماۋۇ توكۇرنىڭ .__ دېدىم مەنسىتمگەن ھالدا،
__ ھۇ ساپاسىز  لامزەللە  ، __ دېدى ئۇ يەنە ئاچچىقلاپ .
ماۋۇ ئاران تۇرغان توكۇرنىڭ تىللىرى ماڭا تىگىپ كەتتى .بېرىپ ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتتۇم ،
__ يەنە بىر دىگىنە ، چۈپرەندە  ، نىمە بىلەن خوشۇم يوق سەن بىرنىمىلەر بىلەن خوشۇم يوق ، كىرەكسىز بىرنىملەر .
__ چۈپرەندە دىگەن سەن ،ھۇ ئەسلىنى ئۇنۇتقان توڭگۇز ، سەندەك نۇمۇسسىز توڭگۇزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ، ھۇ ھايۋان .
ئاچچىقىم بېشىمغا چىقتى ، نىرۋام جىددىيلىشىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتتىم ، لىكىن ئۇ بىر ئېغىز ۋايجان دىمىدى ، ئۇنى يەنە كۆتۈرۈپ چىملىققا قارىتىپ ئاتتىم ، ئۇنى ئۇرساملا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك كۆرۈنەتتى . ئۇنىڭ يەرگە چۈشۈپلا ئىنجىقلاپ كەتكەن ئىدى . دەل مۇشۇ چاغدا ئويلىمىغان بىر مەنزىرە پەيدا بولدى .
    ئىككى ئىت ئۇنىڭ تۈۋىگە كىلىپ قاۋاپ كەتتى ، بىردەمدىلا ئۈچ ئىت ئارقامدىن ،ئىككى ئىت ئالدىمدىن پەيدا بولۇپ ئىتلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىندىم ، بۇ ئىتلارنىڭ جۇغى خېلى يوغان ئىدى . بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ قالدىم .  ئاستا مېڭىپ قېچىشقا تەمشىلىۋىدىم ، ئىتلار مىنى چىشلەشكە باشلىدىم . ئىككى ئىت ئىككى پۇتۇمنى چىشلەپ ئارقىغا تارتتى ، مەن بۇ كۈچنىڭ تەسىرىدە يەرگە يىقىلدىم ، ئىتلار قوللۇرۇم ، قورسۇقۇم ۋە پۇتلىرىمدىن بىر دىن چىشلىدى ۋە بىر چىشلەمدىن گۆشۈمنى يۇلۇۋالدى ، ئاغرىقتىن چىرقىراپ كەتتىم .بىر چوڭ ئىت ئاستا كىلىپ يۈزۈم تەرەپنى يوغان ئېغزىغا ئېلىپ بىرنى چىشلىدى .
__ يا ......ق !!!!!! __ ئاۋازىم پۈتۈپ قالغۇدەك ۋرقىرىغان ئىدىم .
   قارىسام كارۋاتتا ياتاتتىم ، كۆڭلۈم تەستە جايىغا كىلىپ ،يۈزلۈرۈمنى سىلاشقا باشلىدىم . قوللۇرۇمغا تۈكلەر ئۇرۇلدى ، ھەيران قالدىم ، ۋارقىراي دىۋىدىم ئاۋازىم چىقمايۋاتاتتى . يوتقاننى قەرىپ قاراپ ئايىلىنىپ كىتىشتىن ئاران ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم . ئىككى پۇتۇم ،قولۇم ،ھەممىسى بەدىنىمدىن تارتىپ ئىتنىڭ بەدىنى ئىدى ، ئۆزەمنى تاتلاپ باقتىم ئاغرىدى ،دىمەك چۈشۈم ئەمەس ئىدى ، كارۋاتتىن چۈشۈپ ئۆرە تۇرالمىدىم . ئاستا پۇتلۇرۇم ، ياق ،توغرىسىنى دىگەندە ئىت پۇتلۇرۇم مېنى كۆتۈرەلمىدى ، يىقىلىپ كەتتىم . ئاستا ئۆمىلەپ بېرىپ ئىشكاپنىڭ يېنىدىكى ئەينەكنى ئېلىپ قارىدىم ، ئەينەكتە بىر قاپقارا ئىت تۇراتتى .قورقۇپ كىتىپ ئەينەكنى تاشلاپ چېقىۋەتتىم . ئاستا مېڭىپ مىھمانخانا ئۆيدىكى ئەينەككە قارىدىم ، "ئاھ خۇدا ..." ئەينەكنىڭ يېنىدا يەنە شۇ قارا ئىت قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ قاراپ تۇراتتى ، يېقىن يىراق بولۇپ ھەركەتلەرنى چىقىرىۋىدىم ، ھەممىسى مەن بىلەن ئوخشاش ئىدى .
   تۇيۇقسىز چىراق يېقىلدى ، دادام ھاجەتخانىغا چىققان ئىدى، ئۇ كۆزلىرىنى تاتلاپ تۇرۇپ مىنى كۆرۈپ قالدى . ئۇ يەنەكۆزىنى  بىر ئۇۋلاپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى . ئاستا كەينىگە مېڭىۋىدى ، مەن :
__ دادا ، بۇ مەن!! ،_دەپ ۋارقىرىدىم ،
  ئاۋازلىرىم ئىتتەك قاۋاپ ئاڭلاندى ، يەنە دادامغا گەپ قىلدىم  ، بۇ كاللامدىن چىققان ئاۋاز مىنىڭ بۇ نەس باسقۇر ئېغىزىمدىن ئىتقا ئوخشاش قاۋاپ چىقىۋاتاتتى ، ئاچچىقىم كەلدى ، تېخىمۇ ۋارقىرىدىم ، يەنە شۇ قاۋاشلار . ئاچچىقىم يۈزگەز ئۆرلىدى . جەھلىم بىلەن "قاۋاپ "كەتتىم .
" پاس "قىلىپ  بىر تاياقنىڭ تەگكىنىنى بىلىمەن ، ئاغرىق مىڭەمدىن چىقىپ كەتتى ، دادام بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى - دە، مىنى نەدىن تاپتىكىنتاڭ ،بىر چوڭ تاياق بىلەن ئۇرۇپ قوغلىغىلى تۇردى ، بۇ چاغدا ئانام بىلەن سىڭلىممۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي كۆزلىرىنى تاتلىشىپ چىقىشقان ئىدى . مەن ئانامنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم ، ئانام ئاشۇ مىھىرلىك كۆزلىرى مىنىڭ كۆزۈم بىلەن ئۇچراشتى ، دادام مىنى سىرتقا قوغلاۋاتاتتى ، مەن يۇلقۇنۇپ بېرىپ ئانامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم ، ئانام ئىھتىيات ئۈچۈن سىڭلىمنى قۇچاقلاپ ماڭا قاراپ تۇراتتى . ئانىنىڭ كۆزى يەنە باشقىچە مىھىرلىك  بولىدىكەن . لىكىن ئۇ يەنە مىنى تونۇمىدى .
     كوچىدا يېرىم كىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى ، پەقەت شۇ يورۇپ تۇرغان كوچا چىراقلىرى مىنىڭ بىردىنبىر ھەمراھىم ئىدى . دادام مىنى تىپىپ ، ئىتتىرىپ ،ئۇرۇپ ماڭا قاتتىق ئازار بەردى ، ئاناممۇ مىنى تونۇمىدى ،سىڭلىم ئاشۇ سەبى قورقۇنچاق كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ قالدى . كىچىك ئۇكام تېخى بۆشۈكتە بولغاچقا ئۆزىگە ئامراق ئاكىسىنىڭ كوچىدا بۇنچە سەرسان بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ -دە . مەن قاتتىق رەنجىدىم ، ئۆيگە قارىغۇممۇ كەلمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇل كوچىغا قاراپ نىشانسىز ھالدا پۇتلۇرۇمنى سۆرەپ مېڭىشقا باشلىدىم .
     بۇنداق ماڭسام كوچىنىڭ ئايىغى چىقماستا توڭلاپ قېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدىم . تۇنجى قار ئىدى ، بۇ سوغۇق شەھەر ئۈرۈمچىدە بۇنچە كىچىدە نەگىمۇ بارارمەن ؟ مېڭىۋاتىمەن ، ماڭغانسىرى تاپان ئالقانلىرىمدىن ئۆتىۋاتقان بۇ سوغۇق بەدىنىمگە ئاستا -ئاستا تارقاۋاتاتتى ،لىكىن يەنىلا ئىسسىق ئىدىم . بىر دالدا يەرنى تاپتىم ، ماشىنىلارنىڭ مىنى بىزار قىلغان ئاۋازى مىنى ئۇخلاتمايۋاتاتتى . ئۈرۈمچىدە توڭگۇزغا ئايلىنىپ قالغان قىزنىڭ گېپى بولغان ئىدى ، كىيىن يالغان دىيىشكەن بولسىمۇ كىشىلەرگە بىر خىل شۈركىنىش تۇيغۇسى بېرىپ كىشىلەرنىڭ خېلى ئادەم بولۇشىغا پايدىسى بولغان ئىدى .ئەمدى مەنچۇ ؟  مانا ئىتقا ئۆزگەرگنلىكىمنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلايمەن ، كىم يالغان دىيەلەيدۇ ؟ ئۇ قىزمۇ مەندەك ئايلانغان بولغۇيمىتى ؟ توۋا... جاھاندا ھەرخىل ئىشلار بار ، نىمىشقا مەن ئىتقا ئۆزگىرىمەن ؟ ئەجىبا مەنمۇ شۇنچىلىك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدۈممۇ ؟ ئەمدى ھېچكىم ماڭا ياردەم قىلمايدۇ ، ھېچكىم مىنى ئاۋارە قىلمايدۇ ، مەن ئالدى بىلەن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى بىر -بىرلەپ ئەسلەپ چىقىپ ئاللاھقا تەۋبە قىلاي . ھېلىمۇ مۇسۇلمان بولۇپ قالغىنىم ، تەۋبە قىىلسام ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشتىن ئۈمىد بار .بولمىسا بىر ئۆمۈر  ئىت بولۇپ ئۈمىدسىز ئۆتكەن بولاتتىم . .....
    مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتا يەنە ئوقۇمۇدۇم ، لىكىن دادام مىنى كەينىگە سېلىپ يۈرۈپ يۇرت چۆگىلىتىپ سودا قىلىشنى ئۆگەتتى . دادامنىڭ بىر ناچار قىلىقى ھاراقنى مەن نەدە دىمەي ئىچىپ قوياتتى ، لىكىن مىنىڭ ئىچىشىمنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چەكلەيتتى . رۇمكىنى قولۇمغا ئېلىپ سالساممۇ  ئۇراتتى . مەن ئويلايتتىم ، دادام ھەر قېتىم ھاراقنى شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىپ ئىچىدۇ ، لىكىن ماڭا يېقىن كەلتۈرمەيدۇ ، مەن يا ئوقۇۋاتقان يۇمشاق باش قىزىل گالاستۇك بولمىسام  ئىچسەم نىمە بوپتۇ ؟ مىنىڭ ئىچكۈم كىلەتتى .گەرچە پۇرىقى بىلەن خوشۇم بولمىسىمۇ ، بىر ئىچىۋېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى .
    بىر كۈنى بىر پۇرسەت كەلدى ، دادام مىنى قويۇپ باشقا شەھەرگە كەتتى ، ئۆيدە ئانام بار ئىدى ، لىكىن مەن ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپمۇ قويمايتتىم . ئۇنىڭ توسقىنىغا قارىماي دادامنىڭ ئۆيگە قويۇپ قويغان پۇلىنى ئالدىم -دە ، بىر نەچچە بىكارچى دوستۇمنى چاقىرىپ ئىچىشۇق . مىنىڭ ئاشۇ بىرىنجى قېتىم رۇمكىنى ئالغان ۋاقىتنى ھەرگىز ئۇنتالمايمەن. قورقۇپ تىترەپتۇرۇپ ئاران ئىچكەن ئىدىم . شۇنىڭدىن كىيىن شۇ بىكارچى دوستلار بىلەن ئۈلپەتمۇ بولۇپ قالدۇق ، دادام شۇ ۋاقىتلاردا نىمىشقىكىن مىنى يېنىغا ئالماي يۈردى ، بۇمۇ ماڭا پۇرسەت بولۇپ مەنمۇ ئىچىشكە بېرىلىپ كەتتىم . كوچىلاردا ماڭغاندا توپلىشىپ ماڭاتتۇق ، بىرەرسى بىزنى سوقۇۋەتسە ئۇنى قەستەن باھانە قىلىپ ئۇرۇپ ئاغزى -بۇرنىدىن قان ئېلىپ يولغا سېلىپ قوياتتۇق . دوستلىرىممۇ شۇنداق ئاقسا باللار ئىدى .  بىر كۈنى بىز بىر يەردە كىتىپ باراتتۇق ،بىر مېيىپ كىشىنىڭ يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كىتىپ بارغىنىنى كۆردۇق . بالىلاردىن بىرسىگە سوقۇلۇپ كىتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تىللاپ ئۇرۇپ كەتتۇق ، باشتا بۇنداق ئىشلاردىن قورقتۇم ،كىيىنچە يۈرەك يوغىنىدى ، تۈرمىنىمۇ نەچچە يوقلاپ چىقتىم ، لىكىن بۇرۇنقىدىن "باتۇر" بولۇپ كەتكەن ئىدىم . مۇشۇنداق بىكاردىن -بىكار بىرمۇنچە كىشىنى ساق مېيىپ دىمەي ئۇردۇق ، ھەممە كىشى بىزنى كۆرسە قورقاتتى . تۈنۈگۈن تېخى بىر توكۇر ،ياق ياق ،توكۇر ئەمەس مېيىپ كىشىنى مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتكەن  ئىدىم . مۇشۇ ئىشلار سەۋەبلىك  مەن ئىتقا ئۆزگىرىپ قالدىممۇ ؟  يەنە ئويلاي .
   دادامنىڭ تىجارىتىدىن زىيان كۆپ چىقىپ ئاخىرى ئۆينىڭ يېنىغا بىر دۇكان ئېچىپ باشقا شەھەرگە قاتنىماس بولدى ،مەن تېخىمۇ بىكار بولدۇم . بىر كۈنى بىر ئاغىنەم تىلىفۇن قىلدى ، ئۇ بىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوۋچىلىق قىلغىلى باردىغانلىقىمىزنى ئېيتىتى . مەن باردىم . ئۇلار مىنى ئۆزىمىزنىڭ داۋاملىق بىكارغا ھاراق ئىچىپ ئىگىسىنى  بوزەك قىلىدىغان دۇكان بولغان "كونا جاي" ىدا ساقلاپ تۇرغان . ئۇلار گەپ باشلاپ كەتتى .
__ ئاداش ، قىز بالا سېغىندىڭمۇ ؟__ دېدى بىرسى كۈلۈپ تۇرۇپ .
__ قىز بالا بولسا كىم سېغىنمايدۇ ؟ __ دېدىم مەن قايتۇرۇپ .
__ بىر پىلان بار ، بۇنى ساڭا دەپ بېرەي . ئالىي مەكتەپتە نۇرغۇن قىزلار بار ، خۇددى بايلىقنىڭ ئۆزى دىگىنە ، ئۇلار بەكمۇ ھاكاۋۇر ، ئاينىڭ بېشىدا دادىسى ئەۋەتكەن پۇللۇرىنى پۈتۈنلەي كىيىمگە خەجلەيدۇ ، كىينىكى كۈنلەردە شۇنىڭ بىلەن پۇلى قالمايدۇ ، ھەتتا بەزىللىرى ئاچمۇ قالىدۇ ، بىزنىڭ ئوۋ نىشانىمىز دەل شۇنداق قىزلار . ئۇلار پۇل يوق بولغاندىكىن ئۆيدىكىلەرگە پۇل دىيىشتىن قورقىدۇ ،پۇل كىمدە ؟  __ پۇل بىزدە  . ئۇلارنى بىر پۇرسەت بىلەن ئاشخانىغا تەكلىپ قىلىپ ئوبدان مىھمان قىلىمىز ، پۇل بېرىمىز ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا كۆزىمىزنىڭ قىرىدا قاراپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە باي غوجامدەك تەسىر بېرىمىز . ئىككى -ئۈچ قېتىم تەكلىپ قىلغاندىن كىينلا ئۇلارنى قىز دوستۇم دىسەڭ ياق دىمەيدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىز خالىغان يەرگە ئېلىپ بېرىپ كۆڭۈل ئاچىمىز ، زېرىككەندە ئۇنى ئۇرۇپ تىللاپ تاشلايمىز -دە ،يەنە ئازراق مەبلەغ سالساق بىر يېڭى "مال" قولغا كىلىدۇ . سىرتتا قىزبالىغا يېقىن بارساڭ كىسەل يۇقىدۇ ،لىكىن ماۋۇ مەكتەپنىڭ قۇچقاچلىرى شۇنداق بىخەتەر . خاتىرجەم بول .
__ ھەي ، بۇنداق نوچى پىلاننى نەدىن بىلدىڭ ؟ __ دېدىم مەن ھەيران بولۇپ.
__ ئاشۇ داشۆ سىڭ ئوغۇللار  پۇل بەرسەك  بىزگە دەپ بەرگەن ، شۇنىڭدىن كىيىن بۇ پىلاننى شۇنداق ئىسىل ئورۇنداپ كەلدۇق ، بۇ ئىشلارنى ساڭا دىمەي يۈرسەك ئوغۇلبالا بولمايمىز  شۇنداقمۇ ؟
__ رەھمەت ئاداشلار ،!! __ دېدىم خۇشال بولۇپ .
__ ئاداش ،سېنىڭ داداڭ مۇشۇ يەردىكى ئەڭ باي كىشى ، ئەمدى بىزمۇ سېنى ئۆزىمىزنىڭ ئاكا -ئىنىمىزدەك كۆرىمىز . سەنمۇ بىزگە ئازراق ياردەم قىلساڭ ، ھەممەيلەن ئوۋلىساق بولاتتى . __ دېدى داۋۇت پوكان دىگەن بىرى .
__ بۇ .. بولىدۇ ،مەن ئەتە ئەكىلەي _ دېدىم بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن  .
     ئەتىسى دادامنىڭ ئادەتتە پۇل قويىدىغان يېرىدىن ئازىراق پۇل ئېلىپ ئېلىپ باردىم ، بۇ ئاينىڭ ئاخىرى بولغاچقا پىلان شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولدى ، ھەممەيلەن بىردىن قىزنى ئەيۋەشكە كەلتۈرىۋالدۇق . ئۇلارنى خالىغان يەرگە ئاپىرىپ ئويناتتۇق ، قىز بالا دىگەن ئەخمەق بولىدىكەن،كەلتۈرۈپلاۋالساڭ نىمە دىسەڭ گەپ سېنىڭ ئىكەن  ، شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە كۈن بىللە ئويناپ ئۇ قىزنى ئۇرۇپ تىللاپ ئايرىلىپ كەتتۇق ،توغرىسىنى دىگەندە يېڭىسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ  ۋاقتى كەلدى . بۇ بايقۇشلاردىن نەچچىنى ئويناپ تاشلىغىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن . مەن زادى نەچىچىنى تاشلىغاندىمەن ؟ مۇشۇ قىزلارنىڭ ئازاپلىرى ، ئۇۋالچىلىقلىرى مىنى تۇتقاندىمۇ ؟ لىكىن بۇلار مىنىڭ گۇناھىم بولمىسا يە ، كىم بۇلارنى ياخشى ئوقۇماي كىيىمگە بېرىلسۇن ،پۇلنى جايىدا خەجلىمەي  بۇنچە پۇلغا ئامراق بولسۇن دەپتىكەن؟
       بىر كۈنى داۋۇت پوكاننىڭ ئەمدى داشۆ نى پۈتتۈرگەن سىڭلسىنى بىرسى مەست قىلىپ نۇمۇسىغا تەگكەنلىك خەۋەرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق ، لىكىن شۇنچە ئىزدەپمۇ ئۇ ھارىمىنى تاپالمىدۇق ،يەنە بىر كۈنى ئارىمىزدىن بىرىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغۇل دوستى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ تاشلىۋىتىلگەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۋېلىپ ئۇنى راسا ئۇرۇپ قايتىپ كەلدۇق .   ئىشقىلىپ بىزنىڭ ئارىمىزدىن قىز تۇغقانلىرى بارلىرى ھەممىسى بىرەر قېتىمدىن مۇشۇنداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈردى ،بۇ دۇنيا ئۆتنىمۇ نىمە ؟ دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى ،لىكىن ھېچقايسىمىز ئەمەليەتنى ئۆزگەرتەلمەيمىز -دە ، دوستلىرىمىزنىڭ  ئارىسىدا بەزىللىرى تۆۋە قىلدى ،بەزىللىرى ئوۋچلىقنى توختاتمىدى . مەنمۇ توختاتمىغانلارنىڭ بىرسى ، ئەگەر بىرسى سىڭلىمنى ئاشۇنداق قىلسا قانداق قىلار بولغىيتىم ؟ تىنىم شۈركىنىشكە باشلىدى ،ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم  ، بەدىنىم بىر خىل تىترەك بىلەن تولدى . بۇنى نىمىشقا بۇرۇن ئويلىمىغاندىمەن؟ ، ئىسىت ، شۇ گۇناھلار مىنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولدىمۇ يە ؟ يەنە ئويلاي .
ئالدىنقى قېتىم بىر قىز ئاپتۇبۇستا بالىسىنى تۇتۇپ قىينىلىپ كەتكەن ئىدى ،يېنىدىكى ئەر ئورۇن بەرسە ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئىگەللىۋالغان ئىدىم ، شۇنىڭ سەۋەبىمۇ يا ؟
     دادامنى نەچچە قاقشىتىپ پۇللىرىنى ئوغۇرلاپ نەچچە ئۇرۇشقان ئىدىم ، مەن قېچىپ چىقىپ كەتسەم ئارىغا  چۈشۈپ مىنى قوغدىغان  ئانام ھەمىشە  تاياققا قالاتتى ، تاياق ئاۋازى ئىشىكتىن سىرتقا شۇنچىلىك ئاڭلانسىمۇ ، مىنى چىدىماي قايتىپ كىرسە تاياققا قالىدۇ دەپ بىر ئېغىز "ۋايجان" دىمەيتتى ، ھەمىشە كەچتە قايتىپ كىرسەم بۇ تاياقچى دادام ئانامنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويغان ھالەتتە كۆرەتتىم ، كىرگەندىن كىيىن تاياقنڭ ئاخىرىنى مەن يەيتتىم . بىچارە ئانام نەچچە كۈن يېتىپ ئاران ئورنىدىن تۇراتتى ، لىكىن مىنىڭ شۇ نەشە ۋە قىزلارغا بولغان خۇمارىمنىڭ سەۋەبىدىن مەن ئامالسىز يەنە شۇنداق ئانامنى تاياققا قوياتتىم . مۇشۇ سەۋەبتىنمىدۇ ؟
قاتتىق يىغلاپ تۆۋە قىلىشقا باشلىدىم ، بۇنداق ئىشلارنى ئىككىنجى قىلماسلىققا ۋەدە بەردىم ،ئۆزۈمنىڭ چىن كۆڭلۈمدىن پۇشايمان قىلغانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتاتتىم .
   _ قاراڭلار بۇ ئىت ئۆلىمۇ نىمە؟ كاسسىغا بىلەن بىرنى ئۇرە بۇنىڭ ئاندىن ئورنىدىن تۇرىدۇ ،
    بۇ ئاۋازلاردىن ئويغۇنۇپ كەتتىم، ئاخشام ياتقان يېرىمدە ئۇخلاپ قالغان ئىدىم ، قارىسام كىچىك بالىلار مىنى ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ ، ئاچچىقىم كىلىپ بىر ۋارقىرىدىم ، ئۇلار قورقۇپ قېچىپ كىتىشتى . قورساقلىرىم ئېچىپ كەتتى ، بەدەنلىرىم شۇنداق سوغۇق ، ئاچلىقتا مېڭىشمۇ خوشياقمايتتى ، ئانامنىڭ ئاشۇ ئىسسىق سەھەرلىك چېيىنى ، ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى بىلەن ئىتىپ بەرگەن ئەتكەن چېينىنى ھەجەپ سېغىندىم . " شارت" قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن قولۇمنىڭ تۈۋدىن بىر ۋېلسىپىت ئۆتۈپ بىلىكىمنى تىتىپ قان قىلىۋەتتى ، يىقىلىپ كەتكىنى ئاران قالسىمۇ كەينىگە قاراپ مىنى تىللا ۋاتاتتى ، " ھۇ لالما ئىت ، يولدا پوق بارمۇ بۇنىڭغا ،..." ئۇنىڭ بۇ ھاقارەتلىرىگە بىرنى چىشلەي دىدىميۇ ، يۈگۈرەشكە،قاۋاشقا  ماجالىم يەتمىدى . مەن يا بۇرۇندىن ئىت بولمىسام نىمە تېپىپ يەيمەن بۇ يولدا ، ئاپئاق قاردىن ۋە قېلىن كىيىنىشىپ جىددى مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەردىن بۆلەك ھېچنىمە يوق ئىدى .ماڭدىم ،ماڭدىم ،ئاخىرى ماڭالماي يىقىلىپ قالدىم .
   __ كىلە جانۋار كىلە ، ماۋۇنى يىگىن ، قارا قورسۇقۇڭ نىمانچە ئېچىپ كەتتى ؟ قىززىق ئىچىۋالغىن بۇنى ،
كۆزۈمنى ئاچتىم ، قارىغىنىمدا ھېلىقى مەن تۈنۈگۈن ياقىسىدىن تارتىپ ئۇرغان توكۇر ،ياق مېيىپ  كىشى ئىدى . چۆچۈپ كەتتىم ، كۆز ئالدىمدا بىر قاچا ئىسسىق تاماق تۇراتتى ، ئۇ مىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىلىپ كونا كۆپە بىلەن مىنى ئىسسىتىپ قويغان ئىدى ، مەن خىجىل بولۇپ يىغلىغان ھالدا ئاشۇ بىر قاچا ئاشنى ئىچىۋەتتىم ، ئۇ يەنە بىر قاچا ئەكىلىپ بەردى ، مەن يەنە يىغلاپ تۇرۇپ ئىچىۋەتتىم ، ئۇ ماڭا خۇددى بالىسىدەك مىھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى ، مەن بىر كوچىدىكى لالما ئىتقۇ ؟ ئۇ ماڭا نىچۈن بۇنچە قىلىدۇ . ئۇ مىنىڭ يارلانغان يېرىمنى تېڭىپ قويدى .
__ قارا ئاپىسى مۇشۇ ئىتنىڭ ئورنىدا بىز بولغان بولساق قانداق قىلاتتۇق ؟ بۇ ئۆلۈپ كەتكىنى تاس قاپتۇ ،بىچارە .__ ئۇمۇشۇنداق دەپ ھاسىللىرىنى بىر ياقتا قويۇپ بېشىمنى سىلاشقا باشلىدى .
__ پۈتۈن ئۈرۈمچىدە سىلىدەك مىھربان كىشى چىقارمۇ دادىسى ؟ سىلى ھايۋان ، ئادەم ، تونۇش ياكى ناتونۇش بولسۇن ياردەم قولللىرىنى سۇنىلا ، ئاللاھ ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن .__ دېدى ئىچكىرىدىن چىقىۋاتقان مۇلايىم ئايال .
     ئۇ كۈلۈپ قويدى ، مۇشۇ تاپتا ئۆلۈۋالغىدەك بولۇپ كىتىپ باراتتىم ،  ئۇ كۆزۈمگە خىزىردەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى ، ئارلىقتا يانا ئىككى ئىت قاۋاشقا باشلىدى ، ئاڭلاپ باقسام "تاماق ،تاماق " دەۋاتاتتى . بوۋاي دەرۋازىنى ئېچىپ ئۇلارغا تاماق ئېلىپ چىقىپ بەردى . ئۇنىڭ بۇ بىر قەۋەتلىك ئۆيى كۆزۈمگە خۇددى كىنودىكى ئوردا- سارايدىنمۇ  چىرايلىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى . ھېلىقى دوستلىرىمنى ئەسلىدىم . ئۇلار بۈگۈن چوقۇم يەنە ستيۇدىنت قىزلارنى ئازدۇرغىلى ماڭدى ، ياق ، مەن ئۇلارنى توسۇشۇم كىرەك .
    مەن ھېلىقى خىزىر سۈپەت ئاكىمىزنىڭ ھاسىللىرىنى بىردىن سۆيۈپ قويدۇم -دە چېپىپ كەتتىم ، توختماي يۈگرۈپ ئاخىرى  بىزنىڭ كونا جايغا كەلدىم ، ئۇلار مېڭىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن . مەن دەرھال بېرىپ ئىشىكنىڭ تۈۋىدە پۈتۈن ئاچچىقىم بىلەن ۋارقىراشقا  باشلىدىم . بۇ قاۋاشلارنى كۆرۈپ ئۇلار ئىشىكتىن چىقالمىدى ، مەن ئاشۇ يەردە تۇرىۋالدىم ، ئۇلار كىلىشىپ قويغان تاكسى شوپۇرى ساقلاپ بولالماي كىتىپ قالدى .ئۇلار ئامال قىلالماي ساقچىغا مەلۇم قىلدى ،لىكىن ساقچىلار نىمىشقىكىن كەلمىدى ، مىنىڭ مۇشۇنداق ھەيۋە قىلىۋىرىشىم نەتىجىسىدە ئۇلار نىڭ " بولدى ،ماۋۇ غالجىر ئىت كەتكەندە چىقىپ ئۆيگە قايتايلى " دىگەن گېپىنى ئاڭلىدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم .
  قارىسام ئۇلارنىڭ قېشىدا بىر كۈن تۇرۇپتىمەن ، قورساقلار ئاچ ،ئۆيۈمگە ئاستا كىرىپ ئۆيدە ھېچكىم يوقلۇقىنى بايقىدىم -دە ، كارۋىتىمغا چىقىپ يېتىۋالدىم . "پاھ......! ماۋۇ راھەتچىلىكنى "
   __ بالام !!!" قاچان كەلدىڭ ؟ !!
     ۋارقىراپ قىلغان بۇ ئاۋاز مىنى چۆچىتىۋەتتى ، قارىسام كارۋىتىم ئۈستىدە ياتىمەن ، پۇتلىرىم ، قوللىرىم ،ھەممىسى ئەسلىگە كەلگەن ئىدى ، يىغلاپ تاشلىدىم ، يۈزلىرىمنى قېنىپ -قېنىپ سىلىۋالدىم ، قوللۇرۇمنى سۆيۈپ كەتتىم . بۇلارنىڭ چۈشۈم ياكى ئوڭۇم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ، ئۆزۈمنى چىمداپ باقتىم ،ئاغرىدى . دىمەك بۇ ئوڭۇمكەن . ئانام ئەتكەنچاينى ئېتىپ تەييار قىلىپ تۇرغان ئىكەن . راھەتلىنىپ ئىچتىم -دە ، ھېلىقى مېيىپ تاغامنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشقا ماڭدىم ، ئۇنىڭدىن كىيىنچۇ ؟ مەن ئەمدى دوستلىرىمنى توسىمەن ،نەشىنى تاشلايمەن ،ھاراقنى تاشلايمەن ، ئاشۇ قىزلارغىمۇ تەربىيە قىلىمەن ،مەيلى ئاڭلىسۇن ئاڭلىمىسۇن .
  بىلىكىمنىڭ ئاغرىغىنىنى سەزدىم ، قارىسام بىر يارا تۇراتتى .چۆچۈپ كىتىپ "  بىسمىللاھ " دېدىم -دە ،قەدەملىرىمنى قار ئۈستىدە  تېخىمۇ مەزمۇت ئېلىپ تىز - تىز مېڭىپ يولغا ئاتلاندىم .
     
                                                                                                                                                                                                   2013-12-14
                                                                                                                                                                                                    تىيەنجىن


  




      


خوجە

0

تېما

5

دوست

1783

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   78.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 209
تۆھپە : 415
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 19:52:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ياخشى ھېكايە بوپتۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

1

دوست

3359

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 20:33:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ تەسىرلەندىم ،ھازىرقى ئىجتىمائىي رىئاللىققا نىسبەتەن رولى ،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ، زور ئەسەر بوپتۇ ،ئىنىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ،قەلەم تۇلپارىڭىز توختاپ قالمىسۇن .
  بىز ئۇلۇق بىر خەلق ،جاھان مىللەتلىرىگە ئۆلگە بولغىدەك ئەنئەنىمىز ،گۈزەل ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز ، تولىمۇ پاساھەتلىك ،گۈزەل تىل -يېزىقىمىز ،ئەگەر بىرلىشىپلا قالساق ھېچكىم ۋە ھېچنىمە تەڭ كېلەلمەيدىغان كۈچ -قۇدرىتىمىز ...با بولغان قەۋۇم بىز ،جەمئىيەتتىكى بىزدىن چوڭ قىزلار بىزنىڭ ئاچىمىز ،بىزدىن كىچىكلەر بىزنىڭ سىڭلىمىز ،بولالىغاندا ،بىزنىڭ ھۆرمىتىمىز ،ئىززەت -غورۇرىمىز تېخىمۇ نامايان بولغان بولاتتى ،بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ جەمئىيەتتىكى يولدىن ئازغان ،ئېزىۋاتقان  قېرىنداشلىرىمغا تەسىر قىلىشىغا ،ئۇلارنى ئويلاندۇرۇشىغا ئىشىنىمەن ،ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ،ھىدايەت ئاتا قىلسۇن .

5

تېما

4

دوست

2770

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 826
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 21:30:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2

تېما

0

دوست

504

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23780
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 23:42:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن

1

تېما

4

دوست

2062

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10177
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 298
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 00:08:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ھىكايىلەر سەلبى رولمۇ ئويناپ قالىدۇ. قارىسا باش پىرسۇناژنىڭ ۋىجدانى ئۇنى قىيناپ توغرا يولغا مېڭىشقا باشلىدى.

ئەمما سېتودېنىت قىزلار ھەققىدىكى بايانلار ئېنىقكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ كۆڭلىگە گۇمان تاشلىدى.

0

تېما

0

دوست

120

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23971
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 12:35:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم !

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24015
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 15:09:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ھېكايە بوپتۇ،،،بەزىبىر ئىشلار ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدۇ،،ياخشى يېزىپسەن ئۇكام~~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )