- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3121
- نادىر
- 0
- يازما
- 157
ئۆسۈش
  37.37%
|

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بالىسى ئوقۇلباغدا ئوقىۋاتقان ئەزىز ئاتا-ئانىلار ياخشىمۇ سىلەر؟مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بالامنى جاھانغا بېقىپ ،ئۆز تىلىغا،ئۆز تۇرمۇشىغا،ئۆرپ-ئادىتىگە يات بولغان ئوقۇلباغدا ،يات تىللىق كىشىلەر قولىدا تەربىيلەۋاتقانلاردىن.بەزىدە باللىرىمىزنىڭ يات تىلدا يات كىشىلەر بىلەن بىمالال پىكىرلىشۋاتقانلىقىنى ....كۆرگىنىمىزدە خۇشمۇ بولۇپ قالىمىز..بىزدەك تىل بىلمەسلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويغان ساۋاتسىزلاردىن بولۇپ قالمىغىدەك دەپ.... .بەزىدە بىزگىمۇ ئەبجەش سۆزلەشلىرىدىن ئەنسىرەپ قالىمىز.بەزىدە ئاڭلاپ قالىمىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئاغزىدىن "ئامىن"دەپ تاماقتىن كىيىن ،دۇئاغا قول كۆتەرسە،بالىسىنىڭ"ئامىتابا"دىگەنلىكىنى.....ئارپا كۇنى يەر بېشىغا چىقىپ ،ئاتا-بوۋىلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كىلەيلى دىسە "كۆيدۇردىغانغا كۈجە...ئالمامدۇق" دەپ پارقىراپ تۇرۇشلىرىنى...چاغاندا بىزمۇ پاراسلىغۇ (پوجاڭزا) ئېلىپ ،جىنلارنى قۇغلاش ئۇچۇن ئاتمامدۇق دىيىشلىرىنى .....ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز.تېخى بەزى خەن زۇۋان(مىكاۋخەن)لارنىڭ ئاغزىدىن "تەكبىر ئېتىپ سويغاندىكىن ئىت گۆشىنى يىسەك بولار..."دىگەنلىرىنى ئاڭلىغانلىرىمىزدا،تۆۋە دەپ ياقا تۇتتۇق،گاھىدا مىيىقىمىزدا كۇلۇپ قۇيدۇق خالاس.ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !!!
قىسقىسى ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانا سىز بالىڭىزنىڭ ئوقۇلباغدىكى ئوقۇ ئىشلىرىنى ،كۇندىلىك تاپشۇرۇقلىرىنى سۇرۇشتۇرىشتىن باشقا ،بالىڭىزنىڭ ئوقۇلباغدا نىمە يەۋاتقانلىقىنى،ئۇچۋاق تامىقىنى كىمنىڭ،گۆش-كوكتاتلارنى كىمنىڭ نەدىن ئېلۋاتقانلىقىنى سۇرۇشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇنداق دىگىنىم ئوقۇلباغ ئاشخانىلىرى ئىشەنچىلىك ئەمەس،باللىرىڭلار يىمىىسۇن....دىگەنلىك ئەمەس.بولسا ھەممىمىز ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇرۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ سەمىگە سەپ تۇرساق،پات-پات ئۇلارغا ئۆرپ-ئادىتىمىز،يىمەك-ئىچمەك پەرزلىرىمىزدىن چۇشەنچە بەرسەك....دىمەكچى.چۇنكى قوي -كالا گۆشى بولسىلا يىسەك بولىۋەرمەس شۇنداقمۇ؟؟؟؟
يەنە بىر مەسىلە"تۇغۇم كۈن"ئۆتكۇزۇش.
گەپكە كەلسەك بىر سىنىپتا 30-40 بالا بار.ئۇيغۇر،خەنزۇ،قازاق،خۇيزۇ...ئارلاش ئوقۇيدۇ.بۇقىلمىش بىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىزگە يات ئىدى.ئاستا-ئاستا ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۇرۇپ كەتتۇق .يەنە بالىمىز ئوقۇۋاتقان ،بىز قوشقۇللاپ ئاپىرىپ بەرگەن مۇھىت شۇنداق تۇرسا.....شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ بالىمىزنىڭ ھەربىر تۇغۇم كۇنىدە مۇسۇلمانچە پۇشرۇقخانىلاردىن تۇغۇم كەسمە(تورت) سېتىۋېلىپ ئاپىرىپ بىردىغان بولدۇق.لېكىن سېنىپنىڭ تەڭدىن تولىسى خەنزۇ ياكى بولمىسا مۇسۇلمان ئەمەسلەرچۇ؟.ئۇلارچۇ تۇغۇمكەسمە ئالغاندا "ماۋۇ سىنىپتا مۇسۇلماننىڭ باللىرى بار .قالايماقان يەردىن ئالماي،ئۇيغۇرلاردىن ياكى بولمىسا مۇسۇلمانچە پۇشرۇقخانىلاردىن ئالاي ....دىمەيدۇ.دىسىمۇ ناھايتى ئاز. شۇنىڭ بىلەن ھالال-ھارام ئايرىماي ئالىدۇ ،ئاپىرىپ بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ،قاردەك ئاپپاق،سەبىي دىللار بۇلغۇندۇ،ئۆزىمىزنىڭ بۇلغانغانلىقى ئازدەك .
مەن نەچچە قېتىم تىللىۋالدىم ،ئۇرۇپمۇۋالدىم بالامنى .نىمىشقا يەيسەن ئۇلارنىڭ نەرسىسىنى..بىز يىسەك بولمايدۇ دەپ،بالام دىدى:سىنىپتىكى ھەممە بالا يىدىغۇ..ئۇيغۇر بالىلارمۇ يىدى مەن يىسەم نىمە بولغىدەك...گەپ قىلالمىدىم ....نىمىشقا؟؟؟نەچچە قېتىم مۇئەللىمى بىلەن كۆرۇشتۇم :بۇندىن كىيىن بالامغا تۇغۇم كەسمە يۇگۇزمە ...مۇسۇلمانچە بولمىسا بىز يىسەك بولمايدۇ...دەپ.مۇئەللىم دىدى:سەنلا شۇنداق دەمسەن؟ باشقا ئاتا-ئانىلار بۇنساق دەپ باقمىدىغۇ...سېنىڭ قائىدەڭ بەك جىقكەن.....گەپ قىلالمىدىم نىمىشقا؟؟؟ بالامنى مۇشۇلارنىڭو ئالدىغا ئەكىلىپ بەرگەن ئۆزەم بولغاندىكىن ،خوپ بوپتۇ....ئۆزەڭنىڭ شورى دەڭلار.
ئەي سۆيۇملۇك قېرىندىشىم بالىلىرىمىزنىڭ دىلى بۇلغانمىسۇن،ئەقلى بۇلغانمىسۇن دىگىنىم خاتامۇ يە؟؟؟بولسا سىلەرمۇ دەڭلار ..بالىلىرىمىزنىڭ يىمەك -ئىچمىكى توغۇرلۇق سىلەرمۇ پىكىر قىلىڭلار.پىكىر قىلىش بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز.دۆلەت بەرگەن قانونى ھوقۇقىمىز.بولسا سىرتتىن كىرگەن ھەرقانداق يىمەكلىككە بولغان نازارەتمى كۇچەيتسە،"مۇسۇلمانچە"يىمەكلىك دىگەننى ئالدىنقى شەرت قىلسا......قانداق قېرىنداشلىرىم شۇنداق قىلساق بولار.باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ...باشقا دىندىكىلەرگە "مۇسۇلمانچە"يىسە بولمايدۇ دىگەن گەپ بولمىغاندىكىن .ھەممىمىز مەكتەپ يىغىنلىرىدا پىكىرىمىزنى ئوپچە ئوتتۇرغا قويساق ،ھەل بولمايدىغان يېرى يوق .
بولدى گەپ تامام،قالغىنى ئاللاغا ئامانەت.
مەنبەسى:ئۆزۇم
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۇنى
قۇمۇل شەھرى |
|