كەيپىياتنى كونتىرول قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى
جەمئىيىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تۇرمۇش رېتىمى كۈنسايىن تېزلەشمەكتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ، كىشىلەرنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسر كۆرسەتمەكتە. ئادەمنىڭ كەيپىياتى بۇزۇلۇپ، ئاچچىقلارنغان ۋاقتىدا چوڭ مىڭە ۋاقىتلىق كونتىروللىقىنى يوقىتىپ، بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. كەيپىيات بۇزۇلۇپ ئىچىڭىز تىتىلدىغاندا سىرتلارغا چىقىپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، مېڭىۋېتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغان چاغدا كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى پىسخىلوگىيەدىن مەسلىھەت بېرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىسخىك مەسلىھەتچىسى ۋاڭ يەنلىڭ كەيپىياتنى كونتىرول قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەردى.
كەيپىيات تۇراقسىز ئەھۋال ئاستىدا سوغاق سۇ ياكى مۇزدەك ئىچىملىك ئىچىش، شاماللىق جايلاردا تۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بەدەن تېمپىراتورىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئىچى تىتىلداش، ئىچى سىقىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا نىسبەتەن ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولىدۇ.
خۇشپۇراق چىقىرىدىغان نەرسىلەرنى(سۇس ئەتتىر، يالپۇز، ئەنبەر.....) يانغا سېلىۋېلىپ، كەيپىيات ناچار ۋاقىتلاردا پۇراپ بېرىش كېرەك.خۇشپۇراق نەرسىلەرنىڭ كەيپىياتنى ياخشىلاش، كۆڭۈلنى شاد قىلىش رولى كۆرىنەرلىك.
بەك ئاچچىقلانغان ياكى ئۇۋالچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا، يېقىن دوستىڭىز ياكى بىرە ئۇرۇق-تۇققنىڭىز، يېقىن سىردىشىڭىزغا تېلفون بېرىش، كۆرۈشۈش ئارقىلىق دەردىڭىزنى تۆكىۋالسىڭىز، ئىچىڭىز بوشاپ، يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
كەيپىياتنى ياخشى كونتىرول قىلىپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بەزى يۈز بېرىشكە تىگىشلىك بولمىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مەن بۇھەقتە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچى. سىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ ياخشى ئۇسۇللىرىڭىز بارمۇ؟ |