- تىزىملاتقان
- 2012-12-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1418
- نادىر
- 0
- يازما
- 98
ئۆسۈش
  41.8%
|

‹‹تېخىمۇ قىزىقارلىقى، ۋاڭ بۇلتۇر يېزىلىق پارتكومىنىڭ شۇجىسى چاغدا ئۆز پۇخرالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ دۇكاننى« سېلىڭ »دەپتۇ . ھازىر ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسىگە باشلىق بولۇپ يۆتكەلگەچكە ئۆز سىستېمىسىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ يەنە «چېقىڭ» دەپتۇ.تېخى ، گېزى كەلسە ۋاڭ تۈنۈگۈن شۇجىلىق سالاھىيىتى بىلەن دۇكان يوق قاتنىشى قولايسىز چەت كەنىتكە دۇكان سالدۇرۇپ ، دېھقان ئاممىسىغا قولايلىق ياراتتىم دەپ خونى ئالسا ؛ يەنە بۈگۈن قوپۇپ ئىدارە باشلىقىلىق سالاھىيىتى بىلەن سۇ ئىنشاھاتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇنچە ئۆي- دۇكاننى چاقتۇرۇپ، ئېتز-ئېرىق سۇ ئىنشاھاتى قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، سوتسىيالىستىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالدىم ، دەپ يەنە خونى ئېلىۋېرىدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قانداقلا دېسە ، قانداقلا قىلسا بولىۋېرىدۇ.ھەتتا تەتۈر ئىشلارمۇ ئوڭغا ئېقىۋېرىدۇ.ئەمما ، ئەڭ ئاخىردا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا قولىدا ھېچقانداق ھوقۇق يوق ، ھوقۇقلا ئەمەس ئاددىيسى تەڭرى بەرگەن ئەقەللىي سۆزلەش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان پۇخرالاردۇر .تېخى گېزى كەلسە بۇنداق قارا قورساقلار چوڭ-چوڭ تۈرلەردىكى تەكرار قۇرۇلۇشلاردىن دۆلەتكە مىسلىسىز زىيانلارنى كەلتۈرمەيدۇ ، دەپ ھېچكىم مەيدىسىگە مۇشىتلىيالمايدۇ.››
باغداشقا نۇرغۇن تورداشلار مۇشۇنداق ھەققانىي گەپلەرنى ئاڭلاشقا ،ئەقىل تېپىشقا كىرىدۇ،سىزدەكلەردىن تەلىم ئېلىپ كاللىمىزنى سەگىتىپ ،ئەقلىمىزنى ئېچىپ تۇرىمىز.
باغداشنى باغداش قىلىدىغىنى دەل سىزدەكلەر،شۇڭا ئېچىلمىسا تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغىنى بىزدەكلەر.
|
|