- تىزىملاتقان
- 2013-10-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 932
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
  86.4%
|
بىزدىن بۇرۇن شۇنداق باشقىلار تالاشقىدەك ئالىملىرىمىز چىققان بوسا، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنىڭدەك ئالىملارنى ئۈزۈلدۈرمەي چىقىرىپ باقايلى قېنى،
شۇ چاغدا دائىم ئالىملار ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان يەردىن، شۇ ئالىملار چىقىۋاتقان مىللەتتىن يەنە ئالىم تالىشىپ ئالالامدىكىن قېنى؟!
شۇڭا بۇرۇنقىلار توغرۇلۇق تەتقىقاتمۇ ئۈزۈلمىسۇن!
كېيىنكىلەردىن ئالىملار داۋاملىق چىقىشمۇ ئۈزۈلمىسۇن!
شۇندىلا ئالىم كۆپ چىققان يەردىن ھىچكىم ھىچنىمىنى تارتىپ ئالالمايدۇ.
بەلكى بۇنداق ئالىملار كۆپ چىقىدىغان يەر بارغانسېرى كۆكلەيدۇ، زورىيىدۇ، ئۇ چاغدا ھىچكىم تالىشى ئەمەس، چىش يېرىپ گەپ قىلالمايدىغان بولدۇ.
شۇ چاغدىلا بۇ ئالىملار بىزدىن چىققان دەپ، ھەم چىقىدۇ، ھەم چىقىۋاتىدۇ دەپ، كۆكرەك كېرىپ دادىل سۆزلەپ يۈرەلەيمىز.
شۇڭا بۇرۇنقى ئالىملىرىمىزنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەنمىز، كېيىنكى ئالىملىرىمىزنىڭ داۋاملىق چىقىشىغا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك، ھەممە ئۇيغۇر بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، مائارىپقا، ھەر خىل ئىلىم-پەن بىلىملىرىگە چىڭ ئېسىلىشىمىز كېرەك. |
|