- تىزىملاتقان
- 2012-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14163
- نادىر
- 1
- يازما
- 285
ئۆسۈش
10.41%
|
مىللى قەھرىمان-ماندېلا
نېلسون ماندېلا 20-ئەسىرگە مۆھۈرىنى باسقان مەشھۇر دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى.ئۇ، تەن رەڭگى ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىر دۆلەتتە دۇنياغا كەلدى ۋە بىر ئۆمۈر ھەممە كىشىنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھارماي-تالماي كۈرەش قىلدى.
تولۇق ئىسمى نېلسون رولىھلاھلا ماندېلا بولغان مىسلىسىز لىدەر، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىرانسكېي رايونىدا تېمبۇ قەبىلىسى رەئىسىنىڭ ئوغلى سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدى.كىچىك يېشىدىلا ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن دىققەت قوزغىغان ماندېلا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە سىياسەتكە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بولدى.
ئۇنىۋېرسىتېتتا قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇدى. ھۆكۈمەتكە قارشى ماقالە يازغانلىقى ۋە نامايىشلارغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتتىن قوغلاندى. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارتىۋېلىندى.
ئەركىنلىك جەڭچىسى ماندېلا، تىرانسكېيدىن ئايرىلىپ تىرانسۋائالغا كەتتى. بۇ يەردە بىر مەزگىل ئالماس كانلىرىدا مۇھاپىزەتچى بولۇپ ئىشلىدى.بۇ مەزگىلدە، يېرىم قالغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇشىنى مەكتۇپ ئارقىلىق داۋاملاشتۇردى.1942-يىلى قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك ئادۋۇكاتى بولدى.
جوھانېسبۇرگنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدە ئادۋۇكاتلىق قىلغان مەزگىللەردە دۇچ كەلگەن ئىرقچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس مۇستەملىكىچىلىك پىلانلىرى، ماندېلانىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.1944-يىلى يەرلىك خەلق تەرىپىدىن ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى بولدى.
ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مىللىي پارتىيە، 1948-يىلى ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغان چاغدا، ئەڭ كۆپ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردىن بىرى بولدى.شۇ يىلى ماندېلا ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كاتىپلىقىغا، 1950-يىلى باشلىقلىقىغا سايلاندى.ماندېلا، 1961-يىلى ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە «مىللىي قىلىچ» تەشكىلاتىنى قۇردى.
1962-يىلى چەتئەلنىڭ «مىللىي قىلىچ» تەشكىلاتىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە چەتئەلگە چىقتى. ئەنگىلىيە ۋە بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئايلاندى. بولۇپمۇ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ قورال-ياراغ ۋە پۇل جەھەتتىن ياردىمىنى قولغا كەلتۈردى. دۆلىتىگە قايتىشىدا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، رۇخسەتسىز چەتئەلگە چىقىپ كېلىش، خەلقنى كۈشكۈرتۈش، بۇزغۇنچىلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەمدە سۈيىقەست پىلانلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلاندى ۋە 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ماندېلا، روبىن ئايلىند ئارىلىدىكى تۈرمىدە يېتىۋاتقاندا، ساقچىلار 1963-يىلى ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەر ئاستى مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، «مىللىي قىلىچ» تەشكىلاتىغا ئائىت بىر قاتار ھۆججەتلەر بىلەن ھەرىكەت پىلانلىرىنى قولغا كىرگۈزدى.ماندېلا ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى، سوتقا تارتىلغاندىن كېيىن، «جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش تاشلاش ئۈچۈن مەخپى پىلان تۈزۈش ۋە قانۇنىي ئورگانلارغا قارشى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش» جىنايەتلىرى ن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.شۇندىن تارتىپ نېلسون ماندېلا، ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغان ئافرىقىلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.«دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر مەھكۇم» دەپ ئاتالغان ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرىشىنى پۈتكۈل دۇنيادا قانات يايدۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن دۇنياۋى قەھرىمانغا ئايلانغان ماندېلا، 1990-يىلى 11-فېۋرال كۈنى كېيپ تاۋن تۈرمىسىدىن چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشتى.
ماندېلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن چاغدا 71 ياشقا كىرىپ قالغانىدى. پەقەت قارا تەنلىكلەرلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ ماندېلانىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى.ماندېلا رەھبەرلىكىدىكى ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرىشى، 1992-يىلى 18-مارت كۈنى مېۋە بېرىشكە باشلىدى؛ خەلق رايىنى سىناشتا، قارا تەنلىكلەرگە تەڭ ھوقۇقلۇق پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىش نىشان قىلىنغان ۋە پىرېزىدېنت دې كىلېرك تەرىپىدىن پىلانلانغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قوبۇل قىلىندى.دائىم، «كۈرەش مېنىڭ ھاياتىم بولۇپ، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە قارا تەنلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىمەن» دەيدىغان ماندېلا، 1994-يىلى 10-ماي كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك پىرېزىدېنتى بولدى.پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، يېڭى بىر ئاساسىي قانۇن ھازىرلاتقان ماندېلا، قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغان «ھەقىقەتچىلىك ۋە مۇرەسسەلىشىش كومىتېتى» نىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق دۆلىتىدە ئىلگىرى يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ تۈكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
جەنۇبىي ئافرىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نوپۇزلۇق بىر ئەزاسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان ماندېلا، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينىدى.ئافرىقا خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەركىنلىك جەڭچىسى ماندېلا 40 يىل ئىچىدە 250 تىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشتى.جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يەرلىك تىللىرىدىن بىرى بولغان زوسا تىلىدا «مىللەتنىڭ ئاتىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان مادىبا تەخەللۇسى بىلەن ئاتىلىدىغان ماندېلا، ھازىرقى زامان سىياسىيونلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى سۈپىتىدە تارىختىن تېگىشلىك ئورۇن ئالدى. |
|