- تىزىملاتقان
- 2013-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6146
- نادىر
- 0
- يازما
- 649
ئۆسۈش
  22.92%
|

ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە ئۇزۇندىن بۇيان تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەپسىلى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى تۇنۇشتۇرىدىغان تىمىلارنىڭ بەك كەمچىل بولغانلىقى، ئۆزەمنىڭ بىلىدىغانلېرىمنىڭ چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرجىمانلېرىمىز ۋە كەسىپلەردە تەربىيە ئالغان ئىختىساسلىق خادىملېرىمىزنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشىغا تۈرىتكە بۇلۇش مەقسىدىدە، بۇ ئىلتىماسنى يازدىم.
ھەرقايسى ساھەلەردىن نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىليونغىچە دەسمايە سىلىپ، زاۋۇت قۇرغىلى بۇلىدىغان تۈرلەرنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ يىزىلغان تىمىلارنى مەن شەخسەن مۇكاپاتلايمەن، گەرچە ئىقتىسادى ئەھۋالىم ياخشى بولمىسىمۇ ئەڭ تۈۋەن مۇكاپات 100 يۈەندىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
مال مەنبەسىنى سىز ئۆزىڭىزلا بىلىپ قالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ئامال بار فىلىمىنى يوللاڭ، خام ماتىريال ئەرزان ، پايدىسى كۆپ بولسۇن، خام ماتىريالنى رايونىمىزدا تەييارلىغىلى بولسا تىخى ياخشى. ئۇنىڭدىن باشقا پايدىسى بەك كۆپ بولمىسىمۇ خەتىرى ئاز، كۆپ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بۇلىدىغان تۈرلەر بولسىمۇ بۇلىدۇ.
سىز بۇنىڭدا مەندىن ئالىدىغان مۇكاپات ئەلۋەتتە ھىچنىمە ئەمەس، ئەمما تۈرىڭىزگە قىزىقىدىغان ئادەم چىقسا سىز ئۈسكىنىلەرنى سىتىۋىلىشتا ئۇتتۇرىدىن پايدىغا ئېرىشىسىز، شىرىكلىشىپ كارخانا قۇرسىڭىز تىخىمۇ كۆپ پايدا، ياكى شۇ زاۋۇتتا ئىشلىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
ئىمكان بار مۇقىم ئالاقىلىشىش ئۇسولىڭىزنى قالدۇرۇڭ.
ئابلىمىت مەمەت
يانفون؛18999695431
تىلفون؛09958332070
|
|