كىچىك ئىشلارنى سۆزلىسەم بولامدۇ؟
يېقىندا ئەر-ئايال ئىككىمىز خىزمەت يۆتكىلىش سەۋەبى بىلەن باشقا بىر شەھەردىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتۋالدۇق، ئۆينى تېخى زىننەتلىمىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىمىز كىچىك ،قاراپ بېرىدىغان ئادەم يوق بولغاچقا قېينىئاپاملارنىڭ ئۆيىدە بىرە ئاي تۇرۇشقا توغرا كىلىپ قالدى. مەنغۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئىشخانىدا تۇرۇپ، چوڭ ئۆيگە ئاندا-ساندا بېرىپ تۇردۇم. مۇشۇ بىرنەچچە ۋاقىت تۇرۇش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشقا دۇچ كەلدىم. ئايالىم بىلەن ئۇنىڭ سىڭلىسى (قېينىسىڭلىم) مىجەزى تازا چىقىشالمايدىكەن، بىركۈنى ئۇلار بىر كىچىك ئىش ئۈچۈن تالىشىپ قالدى، بۇ ئىشتا خاتالىق قېينىسىڭلىمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، قايىل بولماي ئاچىسى(ئايالىم) بىلەن تاكاللاشتى، قېينىسىڭلىمنىڭ ئاۋازى يۇقىرى چىقىپ كەتكەن چېغى، مەنمۇ زىدىيەتنى پەسەيتىشىنى ئويلاپ، ئاچچىقىمدا ئايالىمغا ۋارقىرىدىم. شۇنىڭ بىلەن قېينىسىڭلىم مېنى كۈيئوغولنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلىدىڭ دېگەنننى باھانە قىلىپ يىغلاپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۆينى بېشىغا كەيدى. مەن ئۆزەممۇ بىر قىسمىلا بۇلۇپ قالدىم. راست گەپنى دېسەم ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا بەك خىجىل بولدۇم. خىزمەت جەريانىدا خېلى نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز يولىدا ھەل قىلىپ كېتەلەيتىم، مۇشۇ تۇرمۇش ئىشىدا كىچىك ئىشلارنىمۇ ھەل قىلماق تەس ئىكەن. ئايالىم بەكمۇ ئىدىتلىق، ئېغىر-بېسىق، ئىچى كۈچلۈك ئايال، بولمىغۇر ئىشلارنى كۆرسە چىداپ تۇرالمايدۇ، شۇڭلاشقىمىكىن دائىم سىڭلىسى بىلەن گەپ تەگىشىپ قالىدۇ. مەنغۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئارلاشمايمەن، مۇشۇ قېتىم مۇشۇنداق بۇلۇپ قالدى. |