- تىزىملاتقان
- 2012-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8829
- نادىر
- 0
- يازما
- 718
ئۆسۈش
  76.58%
|
ئۈستىدىكىسى موللا مۇسا سايرامىنىڭ قەبرىسىمۇ؟ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بارغىنىمدا كېسەكتىن ياسالغان قەبرىسى بەكلا كونىراپ كېتىپتىكەن. غازاڭ ۋە ئەخلەت پرچىلىرى مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى تېخىمۇ غېرىپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. بولمىسا شۇ ئەتىراپتا ئۇيغۇر ئۆيلىرى بار، مەكتەپمۇ بار. لېكىن شۇنچىۋالا بوپكەتكۈچە ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغىنىغا تولىمۇ ئەپسۇسلغنغانتىم. دەرەخ شاخلىرىنى سۈپۈرگە قىلىپ پاكىز سۈپۈرىۋېتىپ دۇئا قىلىپ قايتقانتىم.
نىمشېھىتنىڭ قەبرىسى بولسا ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە خېلىلا ھەشەمەتلىك ياسىلىپتۇ ۋە تاش ئابىدىلەر تىكلىنىپ ئۇنىڭ شېئىرلىرى يېزىلىپتۇ. ئەتراپى تۆمۈر رىشاتكا بىلەن قاشالىنىپ دەرۋازا بېكىتىلىپتۇ. مەخسۇس قارىغۇچىسى باركەن تېخى. ئۇ يەردىمۇ دۇئا قىلىپ خىيال كېمەمنى تارىخ دېڭىزىدا ھەيدىگىنىمچە كېتىپ قالغانتىم. |
|