- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5145
- نادىر
- 8
- يازما
- 333
ئۆسۈش
  100%
|
yultuz3 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 17:08 
يۇقارقى ئىلمىي ماقالىنى كۈرۈپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم . ئۇ ...
سالام يۇلتۇز،
ئوغلىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تىپىپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەپسۇسلاندىم. مېڭە يىتىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۇغۇت جەريانىدا مېڭىگە ئوكسىگېن يىتىشمەسلىكتىن كىلىپ چىققان بولسا، ئەسلىدا تۇغۇتتن كىيىنلا داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك ئىدى. بالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا مېڭىسىنىڭ ئالدى مېڭە قىسمىدىكى نېرۋا ھۆجەيرىلىرى مەڭگۈلۈك زەخمىگە ئۇچرىغان شۇڭا بۇنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ.
1. شۆھرەتكامنىڭ تەتقىقاتىنىڭ مىدىتسىنادا ئىشلىتىلىتىشكە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كىيىنمۇ يەنە 10 يىل ئەتراپىدا كىلىنىكىلىق سىناقلارنى ئىلىپ بارغاندىن كىيىن ئاندىن دوختۇرخانىلارغا كىرىپ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. ئوغلىڭىزنىڭ كېسىلىگە ئىشلىتىلەمدۇ دىگەندە بۇنى سىناق قىلىپ باقماي تۇرۇپ بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقاتى پاركىنسون كېسىلى (مېڭە ھۆجەيرىلىرى ئۆلۈپ كىتىدىغان كېسەل) گە ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەپ قارالماقتا. شۇنىڭغا قارىغاندا ئوغلىڭىزنىڭىكىدەك كېسەللىكى بار بىمارلارغا ئىشلەتكىلى بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى. ئەمما ھازىرچە كېسىپ ئېيتىقىلى بولمايدۇ.
2. ئامېرىكىدا بۇنداق كېسەللەرنى ئادەتتە بالا تۇغۇلۇپ 3 كۈن ئىچىدە جىددىي داۋالايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق زەخمىنىڭ تەسىرى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىلىدۇ. ئەمما 3 كۈندىن كىيىن قالغان بولسا ھازىرچە ساقايتىش ئۇسۇلى بارلىققا كەلمىدى.
ئەگەر بۇ جەھەتتە بىرەر بۆسۈش بارلىققا كەلسە سىزگە ئۇچۇرىنى بىرىمەن. ئوغلىڭىزغا شىپالىق تىلەيمەن. |
|