- تىزىملاتقان
- 2013-12-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 82
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
  27.33%
|
بۇ نەرسىلەرنى مەن ئىزدىشىپ بەرسەممۇ بۇلىدۇ.
رەھمەت ! ئابلىمىتجان. مەن يەكەندىن . كەسپىم ھۈنەرۋەن، ئۆزۈم كۆپ نەرسىلەرگە قىزىقىمەن2011-يىلى تۆتەيلەن بىرلىشىپ جىياڭسۇ ئۆلكىسىدىن تام سىرى(رۇجىاۋچى)ئىشلەش زاۋۇتى ئېلىپ چىقىپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئىدۇق ، تۇنجى يىلى زىيان تارتتۇق ، شۇنداقتىمۇ شېرىكلەر مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قايتا-قايتا تېخنىكا يېڭىلاش ئارقىلىق ئاللاھقا كۆپلەپ شۈكرىلەر بولسۇنكى زاۋۇتىمىز 2-يىلىدىن باشلاپ پايدىغا قاراپ يۈزلەندى. مەھسۇلاتلىرىمىزنى قاچىلايدىغان سۇلياۋچېلەكلەرنى ئۈرۈمچىدە بىر خەنزۇغا بۇيرۇتۇپ ياسىتاتتۇق 2012-يىلى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە سىز تونۇشتۇرغان بۇبېسىملىق قۇيۇش ماشىنىسىغا قىزىقىپ قېلىپ باھاسىنى سورىسام 240000.00يۈەن دىگەن ئىدى ، يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ باھا بويىچە ئۈسكۈنە ، قېلىپ، توك ، خام ماتېرىيال قاتارلىقلارنى تەخمىنى ھېساپلاپ 450000.00يۈەندىن 500000.00يۈەنگىچە مەبلەغ بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرگىلى بولىدىكەن دەپ ئويلاپ ئۈچەيلەن بىرگە مەبلەغ سېلىشنى كېلىشىپ بۇئۈسكۈنىنى ئېلىپ كەلسەك قويىدىغان ئورۇننى تەييارلاپ بولۇپ ساتقۇچى تەرەپ بىلەن تېلىفوندا ئاقىلاشساق بۇنىڭ باھاسىنى 600000.00يۈەن قېلىپنىڭ ھەربىرىنى 50000.00يۈەندىن دېدى ، بۇ بويىچە بولغاندا كېتەرلىك ئومومىي مەبلەغ 1000000.00(بىرمىليون)يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن ، بۇنى تەييارلاشقا بىز ئاجىزلىق قىلدۇق . مەن مۇشۇ ئالدىمىزدىكى 2~3-ئايلاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرىپ ئۈسكۈنىنى ئەمىلىي كۆرۈپ ،باھاسىنى يۈزتۇرانە دىيىشىپ بېقىشنى نىيەت قىلغان ئىدىم ،
سىزدىن سورايدىغىنىم ؛
1- مەن قايسى ئۆلكىگە بېرىشىم كېرك،
2- ئۈسكۈنەنىڭ قايسى تىپلىقى ياخشىراق،
3- ئۈسكۈنەنى سېتىۋالغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك،
4- قېلىپنى بىزنىڭ بۇدىيارىمىزدا ياساش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، رەھمەت! |
|