- تىزىملاتقان
- 2013-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2363
- نادىر
- 1
- يازما
- 172
ئۆسۈش
12.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ebrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-10 16:51
ئاپتورنىڭ نىيىتىنى مەن چۈشىنىمەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، لىكىن بۇنداق تېمىلارنى كۆپ يوللىمىغان ياخشى ئىدى.
چۈنكى: بىرىنچىدىن، ھەدىس بىۋاستە ئوتتۇرىغا تاشلاپ قويۇلسا، ئۇنىڭغا قاراپلا ھۆكۈم چىقىرىش فىقھى پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ. غەيىب توغرىلىق كەلگەن ھەدىسلەردە تېخىمۇ شۇنداق. ھەر بىر تېمىغا ئائىت ھەدىسلەرنىڭ ھەممىنى توپلاپ، ئۇنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىلىرىنى ئايرىپ بولغاندىن كىيىن، ھەر قايسى ھەدىسلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە باغلىنىشىنى ھەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئاخىرقى يەكۈننى چىقىرىش مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ تەتقىقات پىرىنسىپى. ئەمما بىزدە بۇ سالاھىيەت بولمىغىنى ئۈچۈن بۇ ھەدىسلەر ھەققىدە ئاسانلا بىر تەرەپلىمە ياكى خاتا چۈشەنچىگە ئىگە بوپ قېلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن: بىرىنچى ھەدىستىكى «قەلبىدە قىچا ئۇرۇقىچىلىك ئىمان بار كىشى» دىگەن ئىبارىنىڭ كىمنىڭ كۆزدە تۇتىدىغانلىقى مەسىلىسىدە.
ئىككىنچىدىن، بېرىلگەن ھەدىسلەرنىڭ مەنا يېقىنلىقى جەھەتتىكى مۇناسىۋىتى كىشىگە قىيامەت ۋە قىيامەت يۈز بەرگەندىن كىيىنكى كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە سېستىمىلىق ۋە ئومۇمىي چۈشەنچە ئاتا قلالماي قالسا، ئاسانلا زىيادە قورقۇپ كېتىش، ياكى ئۈمىدسىز بوپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى، ياكى دەئۋەت ئىشلىرىدا ئاخىرەت قورقۇنچىسىنى ئىبادەتنىڭ مەقسىتى دەپ قارىۋىلىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىش بىر ۋاقىتتا مۇشۇ ھەدىسلەرنىڭ ئىنسان روھىي ھالىتىگە بولغان تەسىرى ۋە قوللىنىلىشى ھەققىدە ئەتراپلىق ئويلىشىش زۆرۈر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ رەببىگە بولغان پوزىتسىيىسى ھەم ئازابىدىن ئەندىشە قىلىش ھەم رەھمىتىدىن خاتىرجەم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل نىسپىيلىكنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كىرەك. بولمىسا ئېتىقادى چۈشەنچىسىدە ئاسانلا ئېزىپ كېتىش كېلىپ چىقىدۇ.
خىرىستىئانلار دەئۋەت ئىشلىرىدا ئىنجىلنىڭ«خۇدانىڭ سۆيگۈسى»، «خۇدانىڭ رەھمىتى» ھەققىدىكى «ئايەتلىرى»نى كۆپرەك تەشۋىق قىلىدۇ دە، باشقىلارغا خىرىستىئان دىنى ھەقىقەتەن مۇھەببەت، كۆيۈنۈش ۋە رەھىمدىللىق بىلەن تولغان دىن ئىكەن دىگەن تەسىرنى بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىمۇ ئاسانلا خىرىستىئانلارغا مايىل بوپقالىدۇ. ئەمما ئىنجىلدىكى «مىنىڭ بۇرچىم ئاسايىشلىق بەرپا قىلىش بولماستىن، بەلكى قىلىچ ئارقىلىق تەڭرىنىڭ يولىنى ئېچىش» دىگەندەك بايانلار تىلغا ئېلىنمايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ بۇ قىلغىنى سەمىمىيەتسىزلىك بولسىمۇ، بۇلار ئۆز دىنىي تەلىملىرىدىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، قايسى سۆزنى كىمگە دىيىش ھەققىدە بەك ئىزدىنىدۇ. بۇ ھەقتە بىزمۇ ئۇلاردىن ئۆگىنىپ باقساق ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى ھەدىس قۇددۇسىيدا ئاللاھ تائالا «مىنىڭ رەھمىتىم قەھرىم ئۈستىدىن غالىب كەلدى» دەپتىكەن، دىمەك ئىسلامدىكى رەھىمدىللىك ئەلۋەتتە خىرىستىئانلارنىڭ سۆزىدىكىدىنمۇ راستراق ۋە كەڭراق رەھىمدىللىكتۇر. يەنە كىلىپ، ھازىر باشقىلارنى ئايەت ئوقۇپ قورقىتىپ ئىبادەتكە چاقىرىشنىڭ ۋاقتى ئاللىبۇرۇن ئۆتتى، قەلىبنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتالمىغان دەئۋەت مەغلۇپ بولىدۇ. شۇڭا بۇ ھەدىسلەرنىڭ ئورنىغا ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بەندىلەرنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىغا ئائىت، ئاللاھ تائالانىڭ مەغفىرىتىنىڭ كەڭلىكىگە ئائىت ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ خۇش-بىشارەتلىرىگە ئائىت ھەدىسلەرنى كۆپرەك تارقىتىپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە قېزىقتۇرۇش ۋە ئاللاھ ھەققىدە ئۈمىدۋار قىلىش بەكرەك ئۈنۈملۈك دەئۋەت ئۇسۇلى دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ كىشىلەرنى ئىسلامغا چاقىرغان دەسلەپكى دەۋرىدە «كىمكى چىن قەلبىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ كەلىمە شاھادەت ئېيتسا جەننەتكە كىرىدۇ» دىگەنلىكىنى ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ. ئاۋۋال باشقىلار ئىسلامنى ئاسانچىلىق ھېس قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئىسلامىي چۈشەنچىسى سەل چىڭايغاندىن كىيىن، ئاندىن باشقا ئىبادەتلەرنى تىلغا ئاساقمۇ كىچىكمەيمىز.مانا بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە ئۇستازلىرىمىزنىڭ دەئۋەت ئۇسۇلى. شۇڭا ھازىرقى ۋەزىيەتتە قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ھەققىدە ئۈمىدلەندۈرىدىغان ۋە تىرىشىپ ئۆزلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ھەدىسلەرنى بەكرەك تەكىتلىسەك دەپ قارايمەن.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت، بولسا مۇشۇ نۇقتىلارنى ئويلىنىپ باققان بولسا. بۇندىن باشقا بىزنىڭ مەخسۇس ھەدىسكە ئائىت ئىسلامىي تور بەتلىرىمىزمۇ بار، بولسا كۆپرەك شۇلارغا مۇراجىئەت قىلساق. |
|