قەلىپ مەرغۇلى ئالىپشىر
تا يارالمىشتىن نۇرى رەھماندىمەن،
نۇردا جان تۇپراق بەدەن ئىنساندىمەن .
يار قىلىپ ئالەمگە مۇتلەق مەن شەرەپ،
گەۋھىرى ئالىي مەقام رىزۋاندىمەن.
لەۋزى ھەقنى رەت قىلىپ نەپسىم ئۈچۈن ،
مەشغۇلى ھەۋۋا بىلەن ئىسياندىمەن.
سۈرسە ھەق ئەتتى باغاش تۇپراق ئانام،
جان ئانامنىڭ باغرىدا سۇلتاندىمەن.
گاھ توپاندا مەن ئۈزۈپ ھەريان غېرىپ.
گاھ ياغاچ ساندۇقتا پاك ئوغلاندىمەن.
گاھ سەلىپكە مىخلىنىپ كەتسەم شەھىت ،
گاھ قۇدۇقتا گۈل يۈسۈپ كەنئاندىمەن.
چاچرىتىپ قاننى قىزىل يەرگە قوڭۇر،
گاھ شەھىدى كەربالا داستاندىمەن .
مەن ئۆلەي كەتسەم ئەگەر ھەقتىن ئېزىپ،
تايسا پۇت بولغۇم تىرىك ھايۋاندىمەن.
|