- تىزىملاتقان
- 2011-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-25
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 22583
- نادىر
- 0
- يازما
- 958
  
ئۆسۈش
  100%
|
مەن ئالدى بىلەن باغداش مۇنبىرى ھەم باشقۇرغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ، باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ بولالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بارلىق قېرىنداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن !
يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزگە inaqliq ھەم baghdash نامىدا ئىككى ئەزا (ئىككىسى بىركىشى بولۇشى مۇمكىن) تىزىملىتىپ كىرىپ ، مۇنبەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تېما ھەم ئىنكاسلارنى يوللاپ ، باغداش مۇنبىرىنىڭ بارلىق ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بەردى . مەن بۇنداق ئەزالارنىڭ ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىنمىغانلىق ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن يەنە بىرقېتىم كەچۈرۈم سورايمەن .
مەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى ھەم بۇ ئىككى ئەزانىڭ يوللىغان تېما ئىنكاسلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئىككىسىنى بىر كىشى ئىكەن دەپ جەزىملەشتۈردۈم . ھەم بۈگۈن بۇ ئىككى ئەزاغا چارە كۆرۈلۈپ ، بارلىق تېما ئىنكاسلىرى ئۆچۈرۈلدى . تورداشلارنىڭ بۇئىككىسىنى تىللىغان ئىنكاسلىرى بولسا تەھرىرلىۋېتىشىنى ئۆتۈنىمەن. شۇ ۋەجىدىن بەزى ئىنكاسلار تەھرىرلىنىۋاتىدۇ ھەم بەزىلىرى ئۆچۈرۈلدى تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ بۇئىللىق ئائىلىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ مەنىۋى ئوزۇق ئېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
ھۆرمەت بىلەن : ئەلقوندى
2011.5.22 |
|