- تىزىملاتقان
- 2013-9-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 181
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
  60.33%
|
مەن دەل مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق شەھەر باشلىقى قىززىق لىنىيە تىلفونى بارمىدۇ دەپ ئىزدەپ يۈرەتتىم چۈنكى بۇ يەرگە يازغان بىلەن يەنىلا شۇ باشلىقلار دىققەت قىلىپ سۈرۈشتە قىلمىسا ئاپتۇبۇس شىركىتى دىققەت قىلىشى ناتايىن .بۇ دىيىلگەن مەسىلە يالغۇز تىما ئىگىسى ئوتتۇرغا قويۇلغان يوللاردا بولماستىن بەلكى يېڭى بازاردىن يۈەنفاڭ بازارغا قاتنايدىغان 16-يول ئاپتۇبۇسىدىمۇ ئەڭ ئىغىر بىكەتكە كىرىش ئارلىقى ئۇزۇن بولسىغۇ ساقلىساق كىلىدىكەن ئەمما ماۋۇ بالدۇر ئىشتىن چۈشۈپ كىتىشىگە قىشنىڭ كۈنىدە قەتئىي سەۋىر قىلغىلى بولمايدىكەن بالام پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىنىڭ يەسلىسىدە ئوقۇيدۇ ئۇنى ئۈرۈمچى ۋاختى بەشتىن كىيىن ئەپچىقىۋالىمەن ،توڭۇپ كەتمىسۇن دەپ ئاپتۇبۇس بىلەن كىرىپ يەسلىدىن ئەچىقىپلا ئۇدۇل ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كىلىپ ساقلاپ باقتىم 05:30بىلەن بىكەتكە كەپ بولغان بولساممۇ نۇرغۇن ئادەم ساقلاقلىق ئەمما 16-يول ئاپتۇبۇسى يوق 17-يول ئاپتۇبۇسى بولسا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كەپ تۇرىدۇ ئادەملەر تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلايدۇ .......تاكسى توسساق توختايدىمايدۇ (قىش كىرشى بىلەنلا قەشقەردە تاكسى توسماق شۇنچىلىك مۈشكۈل توختىسىمۇ شەھەر چېتىغىراق يەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىسىلا گاز قاچىلىغىلى باراتتىم ،ياكى 5يۈەنلىك يەرگە نومۇس قىلماي 20كوي بىرىڭلا دەيدىغان گەپ) قارا تاكسىلارمۇ ئاسماندا بىر باھانى دەيدۇ دەل شۇنداق ۋاقىتلاردا بىرەسى كەپ قالىدۇ ئاپتۇبۇستىن خۇش بوپ تۇرساق بىكەتكە كىرمەيلا توختاپ ئادەملەرنى چۈشۈرۋىتىپ ئىشتىن چۈشتۇق دەپ مېڭىپ كەتكەن ئادەمنىڭ شۇنداق غەزىۋى كەلسىمۇ ئامال يوق ،شەھەر رەھبەرلىرى كۆڭۈل بۆلۈپ ئەگەر ئاشۇرۋەتتى دەپ قالسا ئىسپاتى بىلەن ئاپراتقا ئېلىپ تەمىنلەشكە مەن رازى بىزدەك چوڭلارغۇ بىر ئامال قىلىمىزكەن ھەم سوغۇققا چىدا يدىكەنمىز ،ئەمما قۇچىقىدا بوۋىقى بار ھەم كىچىك بالا ئەگەشتۈرىۋالغانلارنى ئويلىسىڭىز چوقۇم يۈركىڭىز سۇ بوپ كىتىدۇ ،مەن ئامال قىلالمىغاندا 17-يول ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ قىزىل كۆۋرىكىدە چۈشۈپ 8-يول ئاپتۇبۇسىغا ئالمىشىپ يۈەنفاڭ بازىرىغا بېرىپ ئاندىن 8-ئولتۇراق رايۇنغا مېڭىپ كىلىمەن ئاشۇ ئىككى يولنىڭمۇ .ئوخشاش ئاپتۇبۇسقۇ؟شوپۇرلىرىمۇ ئوخشاش مۇئاش ئالىدىغاندۇ ھە؟ |
|