- تىزىملاتقان
- 2013-4-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4052
- نادىر
- 0
- يازما
- 383
ئۆسۈش
  68.4%
|
بىر قىتىم ئاپتۇبۇستا چىققان چىغىمدا ئادەم بەك كۆپ ئىدى ، تىلىفۇنۇمنى ئوغرىغا بەرمەي يەنە قاراپ قوياي دەپ قارىسام يوق تىلفۇن !! دەرھال دوستۇمنىڭ تىلىفۇنىنى ئېلىپ تىلىفۇن قىلسام ،ئالدى تىلىفۇننى !! ئېلىپلا مانا مەن كېلەي دىدىم دەيدۇ ، ئاڭلىسام شۇ مەن چىققان ئاپتۇبۇستىكەن ،ئۇ چاققىچە ئاپتۇبۇس توختىدى ، بىر مۇنچە ئادەم چۈشۈپ قالدى ئاپتۇبۇستىن ،قايسىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم ، مەنمۇ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ سوراي قايسىڭ ئالدىڭ دەپ كەينى ئىشىككە بىرىپ بولغۇچە ئاپتۇبۇس كىتىپ قالدى ، تىلىفۇن قىلسام ئالمىدى ،ئاخىر بىچچارە تىلىفۇننىڭ توكى تۈگەپ ئېتىلىپ قالدى ......بوپتۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى شۇنداقكەن ، بىرنى ئېلىۋالغان خۇدا يەنە بىرنى بەلكىم بۇنىڭدىن ياخشىراقىنى بىرەر دېۋىدىم ، ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ ئوخشاش ماركىلىق ئۆزۈمنىڭكىدىن كۆپ ئەرزان تىلىفۇندىن بىرنى تىپىۋالدىم ، بىر توپ كىشىلەر يىغىلىشىۋېلىپ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزىۋىتىپتىكەن چىملىقتا شۇلارنىڭكىدەك قىلدى ، تىلىفۇنۇڭلا چۈشۈپ قاپتۇ قايسىڭلارنىڭ دەپ شۇنچە گگپ قىلسام ماندا قاراپ قويۇپ پەرۋايىغا ئالمىدى ، ۋارقىراۋىرىپ گاللىرىم ئاغرىپ كەتتى ، بىرسى مىنىڭ دېمەيدۇ ، ۋاي بولدىلا ھەر قايسىڭغا لازىم ئەمەس ئوخشايدۇ ماڭا تىلىفۇندىن بىرى لازىمتى تازا خۇدايىم بەدى دەپ ئىشلىتىپ تۇردۇم ، يەنە ھەپتىدىن كىيىن تىخىمۇ نچى تىلىفۇندىن بىرنى تىپىۋالدىم ، ھازىرچە ئىشلىتىپ تۇرۇشقا تىلىفۇن بار تۇرسا ، بولدى تۇرسۇن جايىدا دەپ ئالمىدىم ، يەنە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن دادام ئالمىدىن بىرنى تېپىۋاپتۇ ،ئىگىسىنى تاپالماپتۇ شۇنچە قىلىپ ...... تىلىفۇنۇمنىڭ يۈتكىنى ئەسلى مەن ۋە دادام ئۈچۈن بىر سىناقكەن دەپ ئويلىدىم ! |
|