ئەسسالامۇئەلەيكۇم باغداشتىكى تورداشلار ، كەمىنە تۇرسۇنبەگدىن سالام ، گەرچە ئۇزۇندىن بىرى باغداش تورىنى كۆرۈپ كىلىۋاتقان بولساممۇ ، رەسمىي ئەزا سۈپىتىدە كىرىپ تىما يوللىمىغان ئىدىم ، بۈگۈن ئاخىرى نىسىپ بولۇپتۇ . ئاز بولسىمۇ قۇرۇق كەلمەي ‹چۇقان ›لىرىمدىن بىر پارچە سالام ئورنىدا ئېلىپ كەلدىم ، پىكىر-تەكلىپ بەرگەيسىلەر ، بەغداشتىمۇ مىھىر-مۇھەببەت بىلەن ياشاشقا نىسىپ قىلغاي ، رەھمەت .
...قىممەت توغۇرلۇق ئويلار تۇغۇلدى .
...
كىچىلىكلەر كۈندە بىردىن توغرا كەلگۈدەك بولۇپ كەتتى ، ناخشىچىلار ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان ناخشىنى سەھنىنىڭ ئوتتۇرىداقولىغا مىكرافۇن تۇتىۋېلىپ ،ئىنجىقلاپ تۇرۇپ قويۇپ بىرىپ ئۈچ مىنۇتتا نەچچە مىڭ سوم ھەق ئالدى ، مۇئەللىمنىڭ مۇنبەردە ئوتتۇز كۈن ئىنجىقلاپ تۇرۇپ قىلغان ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۇنىڭ ئۈچ مىنۇتلۇق ناخشىسىنىڭ ھەققىگە تەڭ كەلمىدى ، شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم مۇنبەردىن جاق تويدى ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزىنى سەھنىگە ئاتار بولدى .ساپساپچىلىق بىلەن ئىجدىھاتلىق ئەمگەكنىڭ قىممىتى شۇنداق بولار بولدى.
…
مۇھەببەت دەپ توۋلار بولۇندى ،يىگىتلەرنىڭ ھاراق سورۇنىدىمۇ مۇھەببەتنىڭ گىپى ، ئىككى قىز بىر يەرگە كەلسىمۇ شۇ گەپ ،باشلانغۇچتىكى باللار ساۋادى چىقىشتىن بۇرۇن مۇھەببەت تۇتىۋېلىشار بولۇشتى ، بۇرۇن ساداقىتى بىلەن پەخىرلىنىدىغان مۇھەببەت ئەمدى سانى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بولۇندى، ياشلىرىمىز مۇھەببەت دەپ شام كەبى ئىرىپ ، مۇز كەبى مۇزلاپ ، پوجاڭزا كەبى پارتىلاي دەپ قالغان قەلبىگە مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ناخشىچىنىڭ [مۇھەببەت ]تىمىسىدىكى ناخشىلىرىدىن داۋا تاپماقچى بولدى –يۇ دېڭىز سۈيى ئىچىۋالغاندەك ئۇسسۇزلۇق قانماس، مۇھەببەتلىك كۈنلەر تۈزى كام ئاشتەك تېتىمسىز بىلىنەربولدى .
…
كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىمسىزلىقىنى داڭلىق ماركىلىق كىيىم -كىچەك ، ھوقۇق-ئەمەل بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنار بولدى ، ئون يەتتە يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان سىتۇدېنتنىڭ سۈرلۈك سىمىز باشلىقنىڭ ئالدىدا موچەنلىك ئىناۋىتى بولماي ئاچچىقىدا دىپلومنى بۇلۇڭغا ئاتتى ، مانا بۇ دىپلومنىڭ قىممىتى بولدى.
...
جاھاننىڭ رەپتارىنى بىلگەن بىرسى شاپاشلاپ يۈرۈپ يامىشىپ باشلىق بولۇپ ئەمەل تۇتتى ، ئالىي مەكتەپتە كىتابخانىداشاپاشلىغانلار كىچىكىنە خىزمەت ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ غەمگە پاتتى .ھەممىسى شاپاشلىدىيۇ ئەمما ئىرىشكەن قىممىتى ئوخشاش بولمىدى. سىتۇدېنتنىڭ 20يىلغا يېقىن ئوقۇغىنىنىڭ قىممىتىنى باشلىقنىڭ قولىدىكى تامغا بەلگىلەر بولدى. … تۈنۈگۈن كەچتە شىرىن ۋەدە بىلەن ئېچىلغان ياتاققا قەدەم تەشىرىپ قىلغان قىز بۈگۈن ئەتىگەن [ئىككىنجى كۆزۈمگە كۆرۈنمە ، يوقال ] دىگەن جاۋابنى ئاڭلىدى ، دادىسى ئۇنىڭدىن تاندى، ئاپىسى ياقا يىرتىپ يىغلىدى ، ئاكىسى پىچاق كۆتۈرۈپ قوغلىدى ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆزى قىيماستىن بۇ شەھەرگەبىر قارىۋىتىپ يىگىرمىنجى قەۋەتتىن جىممىدە پەسكە ئۆزىنى قويىۋەتتى . مانا بۇ ئەڭ تىز تۆۋەنلەيدىغان قىممەت بولدى . ...
يېڭى توي قىلغان يىگىتنىڭ بېشى كۈندىن كۈنگە قاتار بولدى ، بەزىلەر 20 يىل كىيىن تۇغۇلۇپ قالغان بولسامچۇ دەپ ئارزۇ قىلسا ،ئۇ20 يىل بۇرۇن ئۆي ئەرزان ، خوتۇن ئەرزان ،ماي ئەرزان ...ۋاقىتلاردا تۇغۇلۇپ قالسامچۇ دەپ ھەسرەت چەكتى ، بەزىلەر تۇلۇم كەبى سەمرىپ پۇل خەجلەرگە جاي يوق بولار بولدى ، بەزىلەر قوي گۆشىنىڭ باھاسىغا بويلىشالماي كۈندە ئۆيدە جىدەل قاينار بولدى. ...
بىرلەرئىجارە ئۆينىڭ غېمىدىن قۇتۇلۇپ بولالماي بېشىغا ئاق كىرىپ كەتتى ، بىرلەر‹چەتئەلگە كۆچمەن بولۇش› رەسمىيتنىڭ بالدۇر پۈتمەيۋاتقىنىدىن ئىچى پۇشۇپ قالدى .
|