- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 953
- نادىر
- 0
- يازما
- 74
ئۆسۈش
  90.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-30 15:21
بىزگە دىندىن،مىللەتتىن،دۆلەتتىن ۋە مەدىيەتتىن ھالقىغان ئىككىنچى مۇ ئىمپېرىيىسى قۇرۇش چىقىش پۇرسىتى يېتىپ كېلىۋاتىدۇ.قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتنىشىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىشى نەتىجىسىدە، 3مىليارد نوپۇس ( 1يېرىم مىليارد شەرقى ئاسىيالىق + 1يېرىم مىليارد مۇسۇلمان )قا باغلىنىشلىق سالاھىتىمىز، 6خىل مەدىيەت (جۇڭخۋا مەدىنىيىتى،ھىندى مەدەنىيىتى،تۈرك مەدەنىيىتى،ئەرەب مەدەنىيىتى،پارىس مەدەنىيىتى ،رۇس مەدەنىيىتى) كە باغلىنىشلىق جۇغراپىيىلىك مۇھىتىمىز بىزگە 4 مىليارد نوپۇس(ئىنسانىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %60 ئى) ۋە 40مىليون كۇۋادرات كېلومېتىرلىق پائالىيەت سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى! بىزدىن باشقا ھېچ قانداق مىللەت بۇنداق ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە ئەمەس. بىپايان روسىيە ياكى چەكسىز بايلىق كۆمۈلۈپ ياتقان سەئۇدى ۋە ياكى يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل فرانسىيە زېمىنىۇ ئەۋزەللىك جەھەتتە بىزنىڭ مۇشۇ قاقاس دىيارىمىزغا يەتمەيدۇ. بۇ بىپايان سەھنىدە پائالىيەت قىلىش،چاقناش ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇش بۇ ئاللاھ بىزگە نېسىپ قىلغان پۇرسەت شۇنداقلا يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت. بىز ئۇلۇغ ئاللاھقا بولغان تەقۋالىقىمىزنى مانا مۇشۇ سەھنىدە نامايەندە قىلىشىمىز، تەرىقەتچىلىك،مەزھەبچىلىك، تار مىللەتچىلىك ۋە يۇرتۋازلىق ئاڭلىرىنىڭ ئاسارىتىنى چېقىپ تاشلاپ،ھىدايەت يولىدىن تايمايدىغان، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان،باشقىلارنىۇ ھۆرمەتلەيدىغان،ئىلىم -پەننى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى سۆيىدىغان ئاڭ يېتىلدۈرۈپ،چېگرىسىز ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىقىپ،ئۆزىمىز ھەم باشقىلارنىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىق بەخىت -سائادىتى ئۈچۈن تىنماي ئەجىر سىڭدۈرىشىمىز كېرەك.
|
|