- تىزىملاتقان
- 2012-9-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 876
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
  75.2%
|
ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەمەس . ئەمگەك بىلەن تەربىلەش .
بۇ ئىككىسى ئىككى خىل جازا تۈزىمى . ئەمگەك بىلەن تەربىلەش مەمۇرى جازا دەپ قارىلدۇ . ئۆزگەرتىش بولسا جىنايى جازا بۇلۇپ ئىككىسى پەرىقلىق .
دىيارىمىزدا 11 ئۇرۇندا ئەمگەك بىلەن تەربىلەش ئۇرنى بار بۇلۇپ بۇ قاملاشمىغان تۈزۈمنىڭ ئەمەلدىن قالغىنى بەك ياخشى بۇلۇپتۇ ، ئەمگەك بىلەن تەربىلەشنى يۇقۇتۇش دۆلتىمىزنىڭ سوتسيالىزىم لاگىردىن چىكىنىپ چىققىننىڭ ئەڭ زور ئەمىلى قەدىمى دەپ چۈشەندىم .
ئاڭلىشمچە ئەمگەك بىلەن تەربىلەش ئەڭ بۇرۇن سابىق سوۋىت ئىتپاقىدا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ . سوۋىت ئىتپاقى ئۇرۇشتىن كىيىن ئەينى دەۋىردە جەڭ قىلغان ئەسكەرلىرگە ھىچ قانداق كۆڭۈل بۆلمىگەن ، ئەسكەرلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشتىن كىيىن قېرىپ قىينچىلقتا قالغان، بۇ قېرى ئەسكەرلەر نىڭ تۇرمىشىنى قامداش ئۈچۈن جىنايەت يۇلغا ماڭغانلىرمۇ كۆپ بولغان ، بۇلاڭچى ، ئوغرى ، ھەتتا كۆپى بويتاق بۇلغاچ باسقۇنچىلىق يۇلغمۇ ماڭغان ، ئۇلانى جازالاشمۇ قىيىن بىر مەسلگە ئايلانغان ، چۈنكى ئۇ قېرى ئەسكەرلەرنىڭ كۆپنچىسى ئەينى دەۋىردكى ئۇرۇش قەھىرمانلىرى بۇلۇپ، سوت مەيداندا ئۇلارنىڭ كۆكىركىدكى ئوردىنلىرى چاقناپ تۇراتتى ،مانا مۇشۇ تارىخى شارائىت ئارقىسدا « لاۋ جاۋ» ئەمگەك بىلەن تەربىلەشتىن ئىبارەت سوت ئېچىلمايدىغان جازا مەيدانى بارلىققا كەلگەن،
دىيارىمىزدكى ئەمگەك بىلەن تەربىيلە ش ئورندىكلەرنىڭ كۆپنچىسى . زەھەر چەككەنلەر ، ساتقانلار ، پاھىشۋازلار ، يانچۇقچى ، كىچىك ئوغۇرلار ،يەنە قىسمەن خاتا سۆزلەپ قويغان سىياسى جىنايەتچىلەرمۇ بار بۇلۇپ ، ھىچ قايسغا سوت ئېچىلمغان ، ئەڭ ئۈكندىغنىم 12 ياشلىق باللارمۇ ئەمگەك بىلەن تەربىلەش ئورندا جازا ئۈتەيدۇ ، بۇ مەمۇرى جازا بۇلغاچ . بىر كىشى خاتالشىپ ئىككى يىل ئەمگەك بىلەن تەربيىلەنسە مۇددىتى تۇشۇپ قايتىپ چىققاندىن كىيىن يەنە ئەسلى خىزمەت ئۇرنغا قايتىپ كىلەلەيدۇ ، بۇ جازانىڭ ئەڭ ئۇزۇن مۇددىتى ئۈچ يىل ، ئادەتتە بىر يىلدىن ، بىر يىل ئۈچ ئاي ، ئالتە ئاي . ئىككى يىل ، ئىككى يىل ئۈچ ئاي ، ئالتە ئاي ، ئۈچ يىل دىگەن مۇددەتتە جازا ئۈتەيدۇ . |
|