ناتسىىستلار شىنجاڭدىن ‹ھون› قىسمى تەشكىللىگەن
گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ لېيتناتى ئاندىرىس مېرىس ماددېن 1929-يىلى جۇڭگۇغا كېلىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىدە ئادەتتىكى مەسلىھەتچى بولغان، 1936-يىلغا كەلگەندە گومنداڭ 88-دېۋزىيەسىدە مەسلىھەتچى بولغان. ئۇ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش پارتىلاپ ئۇزاق ئۆتمەي، چۇڭچىڭغا كەلگەن ۋە 1940-يىلى فېۋرالدا گومنداڭ ھۆكىمىتىگە دوكىلات قىلمايلا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شىنجاڭغا كىرگەن. ئۇ شېڭ شىسەيگە "سوۋىت-گېرمانىيە ئىتىتپاق تۈزدى، گېرمانىيە شىجاڭدىن ئىشلەمچى قۇبۇل قىلشقا موھتاج" دېگەن. ئارسالدى بولۇپ قالغان شېڭ شىسەي ئۇنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلغان. ئۇ گومنداڭ ئارميەسنىڭ مايورلۇق فورمىسنى كىيىپ، ئىشلەمچىلەرنى تىزىملاشقا كىرىشكەن. 1940-يىلى نويابىردا 1100دىن ئارتۇق "جۇڭگۇلۇق ئىشلەمچى سوۋىت ئىتتىپاقى چېگرىسىدىن ئۆتكۈزلۈپ، ناتسىستلار كونتروللىقىدىكى پولشاغا يېتىپ بارغان. جۇڭگۇلۇقلار پولشانىڭ لىنگوف دېگەن يېرىگە بارغاندىلا ئالدانغانلىقنى بىلگەن. ئەسلىدە مېرىس ماددېن ئۇلارنى ناتسىستلار ئارميەسى تەركىبىگە كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان. ئۇلار پولشادا ئۈچ يىل ھەربىي تەلىم تەربىيەگە سېلىنغان. 1943-يىلى نويابىردا مېرىس ماددىن ھىلمېر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئېسئسچىلار تەركىبىدە «ھۇن» قىسىمى قۇرۇش تەكلپنى بەرگەن. ھىملېر ئۇنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنى دۆلەت مۇداپىيە مىنستىرلىكىدىن يۆتكەپ كىلىپ، ئۇنىڭغا «ھۇن باتاليونى» ھوقۇقى ۋە پولۋنىكلىق ھەربىي ئۇنۋانى بەرگەن. 1944-يىلى 4-يانۋارغا كەلگەندە، ئۇ«ھۇن پولكى» قۇرۇشنى پىلانلىغان. ئەسكەرلەر جۇڭگۇ –گېرمانيەدىن بولۇپ تەڭ يېرىمىدىن تەشكىل تاپقان. 1944يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرلىرىدا «ھۇن پولكى» نىڭ 3000 ئەسكىرى بولۇپ، تەركىبىدىكى جۇڭگۇلۇقلار ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگەلىگەن . بۇ پولىكنىڭ باشقا قىسىملاردىن پەرقلىندىغان يېرى شۇكى، «ھۇن پولكى» نىڭ قوراللىرى ناچار، كەيپىياتى تۆۋەن ئىدى. 1944-يىلى 28- مارت پولكنىڭ يادرولۇق قوماندانى مېرىس ماددېن مىنسكى ئەتراپىدا پارتىزانلارنىڭ ئوقى تېگىپ ئۆلگەن. يېڭىدىن پولىك كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن پولكوۋنىك بېلگىر دۇشمەن بىلەن ئالاقىلەشكەن دەپ گۇمان قىلىنغان جۇڭگۇلۇق 78 ئەسكەرنى ئېتىپ تاشلىغان. ھىملېر پولكوۋنىك بېلگىرنىڭ ھەركىتىدىن نارازى بولغانلىقىتىن، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان . 1944-يىلى ئاۋغۇستتا ھىملېر «ھۇن پولكى» نى ۋارشاۋاغا يۆتكەپ، ۋارشاۋا قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، لېكىن بۇ ئەسكەرلەر قوزغىلاڭڭچىلارنى باستۇرۇشتا «زىيادە يۇمشاق قوللۇق» قىلغاچقا، ئالدىنقى سەپتىن چىكىندۈرۈلگەن. 1944-يىلى 20- ئۆكتەبىر «ھۇن پولكى» چېخسلوۋاكىيەگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ چاغدا قىسىمدىكى جۇڭگۇلۇق ئەسكەرلەرنىڭ سانى 550 كە چۈشۈپ قالغان. 1945-يىلنىڭ باشلىرى «ئۈچىنچى ئمپېرىيە» نىڭ مەھشەر كۈنى يېقىنلاشقاندا، ئېسئېسچىلار 500دىن ئارتۇق جۇڭگۇلۇق ئەسكەرنى بىر باتالىيۇن قىلپ تەشكىلىگەن ۋە گېرمان تىلىنى بىلدىغان جۇڭگۇلۇق فەن شياۋنى باتاليونىڭ مايۇرلۇقىغا تەينلىگەن. ئۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەنلىكىدىن، فەن شياۋ قىسىمنى باشلاپ ئىتالىيەگە چېكىنىپ ،1945-يىلى مارتتا مىلاننىڭ ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى مېلاتقا يېتىپ، 26-ئاپىرىلدا شۇ يەردىكى پارتىزانلارنىڭ قوماندانى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كىلشىمى ئىمزالىغان، شۇنىڭ بىلەن «جۇڭگۇ باتالىيونى» شۇ يەردە تۇرۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى 1-بىرونېۋك دېۋزىيەسىنىڭ كېلشىنىن كۈتكەن ھەمدە ئۇلارغا تەسلىم بولغان ئۇرۇشتىن كىيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن قورققان «جۇڭگۇ باتاليونى» دىكى ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياۋرۇپادا تۇرۇپ قالغان، ئۇلار ئىتالىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقىلىپ، ياۋرۇپانىڭ ئۇرۇشتىن كېينكى قايتا قۇرلۇشىغا قاتناشقان.
مەنبە:«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى .
|