- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11330
- نادىر
- 23
- يازما
- 363
ئۆسۈش
  100%
|
قارا ئۆڭكۈر پۈركۈگۈچ ئېغىر زەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن
تاشپولات روزى
بۇ ماقالە 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ تەتقىقات ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، قارا ئۆڭكۈرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېزلىك پۈركۈگۈچىسىدىن چىقىرىلغان ماددىلاردا، تومۇر قاتارلىقلاردا بولىدىغان ئېغىر زەرىجىلەرنىڭ بارلىقى مۇقۇملاشتۇرۇلغان.
ئاسترونومىيە ئالىملىرى مۇشۇ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى، ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھادىسىلەردىن بولغان قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن پۈركۈلۈپ چىققان ماددىلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىقىپ كەلگەن ئىدى. ئالىملار ھازىرغىچە قارا ئۆڭكۈرنىڭ پۈركۈگۈچىسىدىن كېلىپ چىققان ماددىلار ئېلېكترونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ناھايىتى تۆۋەن ماسسىلىق زەرىجىلەردىن تەركىب تاپقان دەپ قاراپ كەلگەن.
بۇ قارا ئۆڭكۈر پۈركۈگۈچىسى مىنۇس زەرەتلىگۈچى زەرىجىلەردىن ئىبارەت ئېلېكترونلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، بۇ يەردىكى سىر پۈتۈن پۈركۈگۈچ مىنۇس زەرەتلىگۈچىدىن تەركىب تاپمىغانلىقىدىن بولغان. بۇ دېگەنلىك مىنۇس زەرەتلىگۈچلەرنىڭ ئۆزئارا يېيىشىپ كېتىشى ئۈچۈن پىلۇس زەرەتلەنگەن قانداقتۇر بىرنېمىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
يۇقىرىدىكى پەرەزگە ئاساسەن ئاۋسترالىيە تەتقىقات گۇرۇپپىدىكىلەر ياۋروپا ئالەم تەتقىقات ئورگىنىڭ X نۇر ئۆلچەش سۈنئىي ھەمراھى بىلەن شەرقى ئاۋسترالىيەدىكى ئېلىكتىر دولقۇن ئارىلىشىش ئۆلچىگۈچىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ، يۇقىرىدا دېيىلگەن نەرسىنىڭ تۆمۈر قاتارلىقلاردا بولىدىغان زەرىجىلەردىن ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان.
بۇ بايقاشنىڭ مۇھىملىقى بولسا قارا ئۆڭكۈرنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچىلا بولماستىن، ئۇنۇڭ يارىتىش كۈچىنىڭمۇ بارلىقىدىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى قارا ئۆڭكۈر ماددىلارنى ھەم ئېنېرگىيىنى ئالەم بوشلۇقىدا قايتا پەيدا قىلىدۇ دېگەنلىك. ئۇنۇڭ پۈركۈگۈچىسى سامان يول سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ قاچان قەيەردە پەيدا بۆلىشىنى بېكىتىشكىمۇ ياردەم قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۈپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
http://www.astronomy.com/news/20 ... ck-a-powerful-punch
|
|