- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2317
- نادىر
- 0
- يازما
- 148
ئۆسۈش
  10.57%
|
بۇ پىرىيانە يەكەندىكى ئازنا مەسچىت رىمۇنىت قىلىشقا، قوغداشقا ئىرىشىپ بولالمايلا ۋەيران بولۇپ كىتەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلىمەن، بۇنداق مەسچىت دۇنيا بويىچە بىردىن-بىر دېيىشكە ھەقلىقمەن، كىچىك چاغلىرىمىزدا چوڭلارغا ئەگىشىپ ھېيىت نامىزى ئوقۇشقا باراتتۇق، مىكروپۇن دېگەن نەرسە مەسچىتلىرىمىزگە كىرىشىنى چۈشۈمىزگىمۇ كىرمەيدىغان ئاشۇ زامانلاردا بۇ مەسچىتنىڭ قەيىرىدە ئولتۇرماڭ، ئىمامنىڭ ئاۋازى شۇنداق جاراڭلىق ئاڭلىناتتى، بۇ مەسچىتنى بەزىلەر 39 گۈمبەزلىك دېسە، بەزىلەر 41 گۈمبەزلىك دېيىشەتتى، مەن بېيجىڭدىكى نىۇجا مەسچىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇشۇ ئازنا مەسچىتكە ئازراق ئوخشاتتىميۇ، ئۇنىڭ ياغاچ قۇرۇلمىلىرىنى ئالاھىدە ئاسراپ، قوغداشلىرىنى، ئۇششاق، ئۇششاق بالىلارنىڭ چوڭلارغا بىخارامان ئەگىشىپ، ئەركىن مىڭىشلىرىنى، ھەر سۆلەتلىك يۇقۇرى دەرىجىلىك كادىرسىمان كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىز كىرىپ كىتىشلىرىنى كۆرۈپ، تەگسىز سۇئاللارغا دۇچ كەلدىميۇ، يەنىلا غەرىپ سىنىپ قالغان ئازنا مەسچىتنى ئېسىمدىن چىقىرالمىدىم، ئازنا مەسچىتتەك قەدەمىي، ئازنا مەسچىتتەك پەۋقۇل ئاددە بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى بېيجڭدىكى ئۇ مەسچىتكە تەڭ قىلالمىدىم. |
|