قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2200|ئىنكاس: 11

رەھبەرلەر كەلسە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

3

دوست

2362

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21691
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 748
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-19 15:30:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-19 18:23  

رەھبەرلەر كەلسە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

شىياۋ شىياڭجى

ئامىتا بۇددا ئۆمەك تەشكىللەپ تاڭ راھىبىنىڭ نوم ئالغاندىن كېيىنىكى ئەھۋالىنى ئىگەللەپ باقماقچى بۇلۇپتۇ. رەھبەرلەر كەلمەكچى ،قانداق قىلىش كېرەك؟
تاڭسېڭ شاگىرتلىرىنى يىغىپ مۇنداق دەپتۇ: رەھبەرلەرنىڭ  كېلىشى خىزمىتىمىزگە بولغان چەكسىز غەمخورلۇق ۋە يۈكسەك قوللىشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز غەرپكە نوم ئالغان ۋاقىتتىكى كوللىكتىزىملىق روھنى داۋاملىق جارى قىلىپ،بۇ قېتىمقى كۈتۈۋېلىش  ۋەزىپىسى بارلىق خىزمەتلەرنى بېسىپ چۇشىدۇ دىگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم.

شاسېڭ:مەن ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇزۇتۇش ئىشلىرىنى تەشكىللەي-ئەرىش ئەسكەرلىرىنى چاقىرىپ ساقچى ماشنىسىدا يوللارنى بوشاتقۇزاي.كۇچىدىكى كىشىلەرگە «بىر چەتكە تۇرۇڭلار، بىر چەتكە تۇرۇڭلار»دەپ ۋاقىراپ،رەھبەرلەرنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە مېھمانخانىغا ئارام ئېلىشىغا ئورۇنلاشتۇراي.رەھبەرلەرنىڭ ئەرىشتە ئۇياقتن بۇياققا ئۇچۇپ ،نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ رىيازەت چەككەنلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ،مەن ئاق ئەجدەرھا ئاتنى ھەشەمەتلىك ئۇزۇن داڭلىق ماشنىغا ئايلىنىپ ،ئۇلارنىڭ ئەل ئىچى زىيارىتىدە بۇلۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

باجىيې:مەن گاۋلاڭجۇاڭ كەنتىگە بېرىپ خانىمدىن بۇگۈنكى دەۋېردە ئەڭ يۈرۈشلەشكەن كۈڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتىدىن خەۋەردار بۇلۇپ كېلەي.گەرچە رەھبەرلەرنىڭ يېنىدا نازىنلار ئايلىنىپ تۇرسىمۇ،يەنىلا ھېرىپ چارچاشتىن خالى بۇلالمايدۇ. شۇڭا پاسىق سۈڭەك ئالۋاستى ،ئۆمۈچۈك ئالۋاستى قاتارلىق گۈزەللەر ھەمرا بولسۇنمىكىن، بىر تەرەپتىن زامانىۋى تولغىما ئۇسۇل ئورۇنلىسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇن يەڭلىك ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ ئۇسۇل ئويناپ ئۇلارنىڭ يۈرەك تارىسىنى چەكسۇن-شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ھاردۇقىدىن چىقىدۇ.

تاڭ سېڭ:مەن بارلىق ئېرىشكەن نەتىنجىلەرنى تۇنۇشتۇرىمەن.ئاۋال جىن ئالۋاستىلارنى يۇقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇيۇننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ،ئۇنى ئاۋام پۇقراغا سىڭدۈرگەنلىگىمنى،ئۇلارنىڭ كوڭلىنى ئۇتقانلىغىمنى دوكلات قىلىمەن.ئاندىن بۇتخانىلارنى ئاۋۇتۇپ،كۆلىمىنى زورايتىپ،يەر شارىغا ئەڭ يىراق كەنت قۇرۇپ چىققانلىغىمنى دەپ ئۈتىمەن.ئۇندىن كېيىن ئەخلاقتا نەمۇنىلىك كەنىت قۇرۇپ چىقىپ،ھەممە كىشى بۇتساتىۋا دەيدىغان،كۇچا كويلاردا ئىستىدات ئىگىلىرى بولغان ھالەت شەكىللەندۈرگەنلىگىمگە ئىشەندۈرىمەن. خۇددى،شەرق شامىلى چىقتى،ئۇرۇش دۇمباقلىرى ياڭرىدى،راست نوم قولغا تىگىپ،ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى، دىگەندەك.

ۋۇكۇڭ: ئۇستاز-نومنى ئۇقۇۋېرىپ زىرىكمەمسىز؟

تاڭسىڭ:ۋالاقتەككۈر مايمۇنەك،تۇلا بىلجىرلىما!دىگىنىمدەك قىلساڭلا بولدى.

ۋۇكۇڭ:مەن ئەۋلىيا بولغاندىن كېيىن،كىنو ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىندىم،كەينىدىنلا ئېلان،ماركا ۋاكالەتچىسى بولدۇم. ساناپ تۈگەتكۈسىز كۈمۈشلەر يانچۇقۇمغا تۈكۈلۈش بىىلەن بىرگە يەنە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئاۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلالماي، چەمبىرەك ئەپسۇنى ئۇقۇمۇسىڭىزمۇ بېشىم ئاغرىپ يېرىلىپ كېتەي دەۋاتىدۇ،  نىمىشقا دىسىڭىز مېنىڭ شەخسى تاپاۋېتىمنى تەقسىملەشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمەن. ئۇستازىم دەيدۇ:ئوبدان مايمۇن،ئەينى چاغدا سېنى شاگىرتلىققا قۇبۇل قىلىپ،72خىل ئۆزگىرەلەيدىغان ،بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ 18مىڭ چاقىرىم يۈرەلەيدىغان ماھارەتنى ئۈگەتكەن ئىدىم.
ئەمدى بۇگۈنكى كۇنگە كەلگەندە يانچۇقلۇرۇڭ پۇلغا تۇلۇپ كەتتى،ئۇستازىڭنىڭ ساڭا قىلغان شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قالساڭ بولماس.شەرقى دېڭىز ئەجدەرھا شاھى دەيدۇ:ئەۋلىيانى بېيىپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق،مېنىڭ سىلىگە سوۋغا قىلغان 13مىڭ جىڭلىق ئالتۇن گۈرزىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلا؟ئۇ بولسا دەريا تاشقىنىنى تىزگىنلەيدىغان خىسلەتلىك تۈمۈر قۇزۇق ئىدى.بۇنچىۋالا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز سېلىنمىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۈر پايدىسى يەتمىسە بولماس؟ ئەرش پىشۋاسى دەيدۇ:ئاقىللار «بىر ياخشىلىقنى ئۇنۇتما،بىر يامانلىقنى»دەپتىكەن،سىلىنىڭ ئۇچقۇنداپ تۇرىدىغان بىر جۇپ ئالتۇن كۆزلىرىنى مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈسكۈنۈم ــــ سەككىز قۇرلۇق ئۇچىغىمدا يەتتە يەردە يەتتە 49كۈندە ئاران تاۋلاپ چىققان ئىدىم، ھىچ بولمىسا ئۈسكۈنە ئىجارە ھەققى بىلەن ئۇچاقتىكى ئوتنى يەلپۈگەن بالىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بولسىمۇ بەرسىلە بوپتىكەن. ھەر يولدىكى ئەۋلىيا مۇھەككىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى «ئۇمۇمنىڭ مۈلكى» دىيىشىپ،تاپقان-تەرگىنىمىنى ئۈزىنىڭ قىلىۋالسا بولمايدۇ دىيىشىۋاتىدۇ.ھەي،مەن بۇ ئىشلاردىن بۇرۇقتۇم بۇلۇپ، ئىچىم بەك سىقىلىپ كېتىپ بارىدۇ. رەھبەرلەر كەلسە ئۇلاردىن قانداق قىلىش تۇغرۇلۇق بىر تەلىم ئالمىسام بولمىغۇدەك.

باجىيې:مايمۇن ئاغا،ئەجەپ ئەمىلىيەتچىل بۇلۇپ قاپسىزغۇ؟

شاسېڭ:رەھبەرلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويساق بولماس.

ۋۇكۇڭ:ئۇنداقتا رەھبەرلەرنىڭ كەلگىنىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟

تاڭسېڭ:ئەھمىيىتى دىدىڭما؟ئۇ سۇن ياۋا مايمۇن ئويلىشىدىغان ئىش ئەمەس. ھازىر مەن رەھبەرلەنى كۈتۈۋېلىش گۇرۇپىسى قۇرۇلغانلىغىنى جاكارلايمەن!!
گۇرۇپا باشلىىقلىغىنى ئۈزەم ئۈستۈمگە ئالىمەن ھەم ھەقىقى نومنىڭ ئەمىلىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشقا مەسئۇل؛
مۇئاۋىن گۇرۇپا باشلىغى باجىيې-تاماق،ياتاق ۋە كۈڭۈل ئېچىش ئىشلىرىغا مەسئۇل؛ئەزالاردىن شاسېڭ،كىلىپ كېتىشتىكى بىخەتەرلىك قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل.ۋۇكۇڭ،ئەرىشتىكى ھەر قايسى ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنى تەكلىپ قىلىپ بىرگە بۇلۇشقا مەسئۇل.شۇنداق بولسۇن،تارقىلىڭلار......

مەنبە:«فېليەتۇنلار»ژورنىلى 2013-يىلى 11-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

22

تېما

0

دوست

9928

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2135
تۆھپە : 1610
توردىكى ۋاقتى: 1003
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-19 21:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ... قاملىشىپ كېتىپتىغۇ بۇ گەپلەر .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-19 21:41:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ھازىر تازا ئەۋجى ئىلىۋاتقان يامان ئىللەت قامچىلىنىپتۇ...

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

5744

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 1752
توردىكى ۋاقتى: 400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-19 22:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇكۇڭغا بەكمۇ ئۇۋال قىپتۇ ،بۇ تاڭ راھىپ..

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8810

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2596
توردىكى ۋاقتى: 1184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 09:19:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو جەمىئىيىتىنى ئاجايىپ جانلىق سۈرەتلەپ بېرىپتۇ ماۋۇ فېلىيەتون. ئەگەر ئاپتور بىزنىڭ جەنۇب تەرەپلەرنى بىر ھەپتە ئايلىنىپ چىققان بولسا تېخىمۇ جانلىق چىقاتتىكەن.

1

تېما

2

دوست

1914

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22881
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 430
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 19:26:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغىرىقلارمۇ ئۆلمەي تۇرسۇن باشلىق كىلىدۇ..........

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 23:55:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ قامچىلىسىمۇ يەنە شۇ، تۈگىمەيدۇ

خاتالىقنى بىلىپ

4

تېما

1

دوست

3567

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13216
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 433
تۆھپە : 801
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 22:02:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ئاپتور خەن بولغان بىلەن خېلى ۋىجدانلىق خەنكەن جۇمۇ! خۇددى بىزنىڭ يۇرتلارنى كۆزى بىلەن كۆرگەندەكلا يېزىپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )