- تىزىملاتقان
- 2011-6-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5765
- نادىر
- 0
- يازما
- 288
ئۆسۈش
  15.3%
|
گەرچە ماقالىدا ئىلگىرى سۇرۇلمەكچى بولغان ئىدىيە توغرىدەك قىلسىمۇ،ئەمما مەنچە يەنىلا چوڭگو خەلقىنىڭ ئەمىلى ساپاسى چەتكە قايرىپ قويۇلغان.ھەقسىز داۋالىنىش ۋە يەنە باشقا ھەقسىزلەر جۇڭگو مۇھىتىغا راستىنلا ياراشمايدۇ.
سەۋەبى : جۇڭگو خەلقىنىڭ شۇ تاپتىكى رايىچە بولغاندا ھۆكۈمەتتىن قېيداش پىسخىكىسى ناھايىتى ئېغىر،شۇڭا ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەقسىز ،يولغا قويۇلىدىكەن ئۇزۇنغا بارماي تۇنجۇقىدۇ،ياكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولىدۇ.
نادانلارنى باشقۇرۇش ئوڭاي ھېساپلىنىپ،ئىلغارلار تۇرلۇك يوللار بىلەن تازىلىنىپ كەلگەن مۇھىتتىكى خەلق ئېغىر دەرىجىدىكى ئېتىقادسىزلىقنىڭ كاساپىتى تۈپەيلى تېخىچە ئېچىرقاش ھالىتىدە،شۇڭا بۇ ھەقسىزلەشتۇرۇش مۇقەررەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.
ھۆكۈمەت قايسى دەرىجىدە بېيىپ كېتىشىدىن قەتئىنەزەر خەلق ساپاسى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلمىگەن شارائىتتا، ھەقسىزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ھەقىقەتەنمۇ ماس كەلمەيدىغىنى ئېنىق،شۇڭا ناھايىتى زور مىقداردىكى بايلىق دۇنيا پايچىك بازىرىدا ،ياكى ئۆز خەلقىگە بەك كۆيۈنۈش سەۋەپلىك نامراتلىشىپ كەتكەن دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشقا ۋە ياكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ غوللۇق ئەرباپلىرىنى سېتىۋېلىشقا غازاڭ نەرقىدە خەجلەنمەكتە ۋە داۋاملىق خەجلىنىدۇ. چۈنكى خەلق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش پۇلنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تېزدىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس،بەلكى ئەسىرلەپ كۈچەشكە ۋە بەدەل تۆلەشكە تايىنىش كېرەك.
بۇ جەھەتتە ئۇنداق=مۇنداق تەتۈر تەشۋىقاتچىلارنىڭ داۋلى سۆزلىشىگە ئەمەس،بەلكى ئۇزۇن يىللىق پىلان ئاساسىدا قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق شارائىتنى يارىتىپ چىقىشقا كۈچۈش لازىم بولىدۇ.
ئەمما ئەھۋالدىن قارىغاندا يېققىنقى نەچچە ئون يىلدا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس،يەنە بىر جەھەتتىن شۇنچىلىك ۋاقىتتا يولغا قويمايمۇ ھەددى ئەمەستەك تۇيغۇ بېرىدۇ كىشىگە.
دىمەك شۇ يىللاردا يولداش شىجىنپىڭنىڭ ئورنىدا ئوتۇرۇپ جۇڭگونى سورىماق ئۇنچە ئازادە ئىش سانىلىپ كەتمەيدۇ جۇمۇ.
|
|