ئۇيغۇر ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدا يەنە بىر خۇش خەۋەر تارقالدى
ئامېرىكا ۋاقىت گېزىتىنىڭ 17-مارتتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئانا تىنىدە مەلۇم بىر گېننىڭ كەمتۈكلىكى تۈپەيلىدىن، تۇغۇلغان بوۋاق گىرىپتار بولۇپ قالىدىغان تۇغما ھالەتتىلا زېھنى كۈچى زەئىپلىشىش ۋە تۇغما ئەما بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل كېسەللىكنىڭ ئۈنۈملۈك داۋاسىنى تىپىپ چىققان.
سىتاتېستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدا ھەر 4000 نەپەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئىچىدە بىر بوۋاق دەل ئانىسىنىڭ تىنىدە مەلۇم خىل گېننىڭ كەمتۈك بولغانلىقى تۈپەيلىدىن يۇقارقى كېسەللىككە ئوخشاش تۇغما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.
بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان شۇ پەيتتىن تارتىپ خەلقىمىز يەنە بىر قېتىم بۇ ئۇيغۇر ئالىمىمىزدىن چەكسىز پەخىرلەندۇق، بىز ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئاسانلىق ۋە ئۇتۇق-نەتىجىلەرنى تىلەيمىز!
|