بالىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرسەك، بالىنىڭ بېلىكىنى سۆڭەك ئۆسمىسى كېسىلى بىلەن غۇلجىدىكى دوختۇرخانىدا كېسىپتىكەن. كېيىن كەسكەن جاي يىرىڭلاپ كېتىپ، ئۈرۈمچىدە داۋالىنىشقا بۇيرۇپ بېرىلىپتۇ. ھازىر جىددىي داۋالىمىسا بالىنىڭ ھاياتىنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدىكەن.بىر يىلدىن ئېشىپتۇ، ئاتا-ئانا يۈرك پارىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق كېسەل بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ، يىللاپ كېسەل داۋالىتىش ئاددىي پۇقرالار ئۈچۈن ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. قانداق قېلىمىز ئەمدى، بۇرۇنمۇ قاراپ تۇرمىغان، ئەلۋەتتە ھازىرمۇ قاراپ تۇرمايمىز، يۇقارقى كارتا نۇمىرىنى خاتىرلىۋىلىپ، دەرتلىرىمىزنى تەڭ تارتىشىپ بېرەيلى!
|