- تىزىملاتقان
- 2014-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 965
- نادىر
- 0
- يازما
- 80
ئۆسۈش
  93%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sulcuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-18 22:22
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ئەركىم ئەپەندىم سىلەردەك جان كۆيەرلەر بولغاچقا مەۋجۇتلىغىمىز قىسمەن بولسىمۇ ساقلىنىۋاتىدۇ. بىز خەقتىن ھەممە ئىقلىم تېپىلىدىكەن. ئىشقىلىپ باغداشقا تېما يوللاپ بىرەر ئېغىزمۇ سېسىق گەپ ئاڭلىمىغان ئاپتۇرنى بەكمۇ ئاز كۆردۈم. ھەممە تېمىلاردا جىدەل قايناپ تۇرۇدىكەن.
مەن ئۆتكەن يىلى خېنەن لوياڭلىق بىر خەلق ئىشچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە لوياڭدا ئابلەت مەمەت ئىسىملىك بىر خوتەن قارا قاشلىق كىشى بولۇپ 1940 يىللاردا ئاكا -ئىنى تۆتەيلەن ئىشەك مىنگەن پېتى يۇرتىدىن چىقىپ كىتىپ لوياڭدا ئولتۇراقلىشىپ قاپتىكەن. ھازىر ئۇلارنىڭ 600 دىن ئوشۇق نوپۇسى بولۇپ ئابلەت مەمەت باشلىق ياشانغانلار (بۇ كىشىنى 80 ياشلارغا كىرىپ قالدى دىدى) ئانا تىلىدا سۆزلىيەلەيدىكەن. پەرزەنتلىرى خەنزۇچە سۆزلەيدىكەن. ئابلەت مەمەتنىڭ 3 بالىسى ئالى مەلۇمەتلىق بولۇپ ۋۇخەندىكى قايسى بىر ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپتۇ. چوڭ ئوغلى لوياڭ شەھەرلىك كومتىتتا دەمدۇ ،ھۆكۈمەتتە دەمدۇ ئىشخانا مۇدىرىكەن.
ئەبلەت مەمەتنىڭ 4000 مو ئەتراپىدا يېرى ۋە 2 سۈت پىرمىسى بار ئىكەن. ئۇ بەزى ئاجىز يىتىم يورۇقلارنى يۆلىگەچكە ھەممەيلەن ئۇنى ھۆرمەت قىلىدىكەن.
قايسى بىر يىلى ئۇلارنىڭ مەسچىتى يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولغا توغرا كەپ قالغاندا ،ئابلەت مەمەت بېيجىڭغا بېرىپ 3 ئايدا مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەپتۇ. مەسچىت چېقىلماپتۇ ،يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ئىككى يول بۆلىكى مەسچىتنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ مەسچىت ئۇدۇلىغا ئىستىرولۇق كۆۋرۈك سېلىنىپتۇ.
خەنزۇلارغا ئوخشاش فامىلە قوللۇنۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەچكە ئۇلار باللىرىنىڭ ھەممىسىگە ئالدىغا «ئا» ھەرىپى كىلىدىغان ئىسىملارنى قوللۇنۇپتۇ. مەسىلەن: ئەبلەت، ئايشەم ،ئابلىز، ئيوپ........................ دىگەندەك.
ئاشۇ يەرلەردە نىمىشقا ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرى شۇنداق چېقىلمايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە بولسا قانداق بولاتتى.................. |
|