بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alsuyer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-12 13:37
رەئىسلەر ھوزۇرىدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
(ئاپتور: سابىق دۆلەت كومىسسارى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمايىل ئەھمەت ھوزۇرىدا)
قەلەمكەش، خەلقسۆيەر رەھپىرىمىز تۆمۈر داۋامەتنىڭ تەرىپىنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ، كۆرۈشۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولماي كەلگەنىدىم. 2011 – يىلى 1 – نويابىر يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، ئەھۋاللىشىنى ئۇزاقتىن بۇيان ئويلاپ كەلگەن سابىق رەھبىرىمىز تۆمۈر داۋامەت ئەپەندى بىلەن ھەمداستخان بولۇپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم، بۇ مۆھتىرەمىمىزنىڭ مەن بىلەن «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ سالاملاشقاندىن تارتىپ تاكى مەن خۇشلاشقانغىچە بولغان سىماسى كۆز ئالدىمدىن مەڭگۈ كەتمىگۈدەك بىر سىمانى ھاسىل قىلغانىدى.
2011 – يىلى 22 – ئىيۇن مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنشيەن ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ ئەھۋاللاشتىم، بۇ مېنىڭ قىسقىغىنە بىر يىلدا ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىككى چوڭ رەھبەر بىلەن كۆرۈشىشىم ئىدى.
2013 - يىلى 2- نويابىر مەن ئۈچۈن يەنە بىر تولىمۇ ئەھمىيەتلىك كۈن بولدى. بۇ كۈنى مەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى، ياش يازغۇچى ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مۇخبىرى، رىياسەتچىسى توختىنياز ئىسمايىل نىدايى، ياش شائىر، يېتىلىۋاتقان رىياسەتچى ئابدۇۋەلى ئابدۇشۈكۈر قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدىكى رەئىسلەر قورۇسىغا كىرىپ ئىسمايىل ئەھمەت، ئابلەت ئابدۇرىشىت، ئىسمايىل تىلىۋالدى، مىجىت ناسىر قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنى يوقلاپ چىقتىم. (بىلىشىمچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بورھان شەھىدى 1 – نۆۋەتلىك، سەيپىدىن ئەزىزى 2 – نۆۋەتلىك، ئىسمايىل ئەھمەت 3 – نۆۋەتلىك، ئابلەت ئابدۇرىشىت 4 – نۆۋەتلىك، ئىسمايىل تىلىۋالدى 5 – نۆۋەتلىك رەئىس بولغان ئىدى) .
بىز ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، مۆھتەرەم جامائەت ئەربابى، قەلەم ساھىبى مىجىت ناسىر ئاكىنىڭ ئۆيىگ كىردۇق، ئۇ بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. شەخسەن مەن مىجىت ناسىر ئاكا بىلەن تونۇشۇپ مەسلەكداش بولغىلى 3 يىل ئەتراپىدا بولۇپ قالغانىدى، ھەر ھيىت – بايرام، خاتىرە كۈنلەردە ئۇنى تەبرىكلەشنى ئۇنتىمايتتىم، ئۇمۇ ماڭا دائىم «يازمىلىرىڭنى ئوقۇپ تۇرۇۋاتىمەن، ياخشى يېزىۋاتىسەن، تەپەككۇرۇڭ بارغانسېرى بېيىۋاتىدۇ» دەپ ئىلھام بېرىپ تۇرغانىدى. بۇ قېتىم بىز مىجىت ناسىر ئاكا بىلەن تۈرلۈك تېمىلاردا، جۈملىدىن ئەدەبىيات، سەنئەت، پائالىيەت تەشكىللەش، ئادىمىيلىك قاتارلىق تېمىلاردا كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتۇق. مىجىت ناسىر ئاكا: قۇللارنى ئازاد قىلغۇچى مەشھۇر ئەرباب ماندىلا «مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان كىشىلەر ئازابنى ئاز چېكىدۇ» دېگەنىكەن، دەپ سۆزىنى باشلىدى. دېمىسىمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان كىشىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا دارتمىلاشنىڭ ئورنىغا، شۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئازاب تۇيغۇسىدىن بۆسۈپ چىقاتتى. قارىماققا، مىجىت ناسىر ئاكىغا خېلىلا قېرىلىق يېتىپ قالغانىدى. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە: بۇ مۆھتەرەمىمىز ھەركۈنى رادىيو ئاڭلايدىكەن، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە چامىسىنىڭ يېتىشىچە قاتنىشىدىكەن. ئۇ پاراڭ ئارلىقىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاۋام ھەققىدە كۆپرەك توختالدى. غۇلجىدا تۇغۇلغان بۇ زاتىمىز ئىلگىرى كۇچا ناھىيەسىدە 15 يىل خىزمەت قىلغانىكەن. ئەمىلى ئۆسۈپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇئاۋىن باشلىق بولغان مەزگىللىرىدىمۇ يېزا – قىشلاقلارغا دائىم بېرىپ، ئاۋام ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپتىكەن. ئۇ بىزگە «چوڭلارنىڭ ياشلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ تۇرۇشى، رەھبەرلەرنىڭ ئاددى ئاۋام بىلەن ئەھۋاللىشىپ تۇرۇشى ئۆز - ئارا چۈشەنمەسلىكنى ئەڭ كىچىك دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، مەسلىلەرگە توغرا قارار چىقىرىشقا پايدىلىق» دېگەن سۆزنى قىلىۋېدى ھەممىزنىڭ كۆڭلى تاتلىق بولۇپ قالدى. شۇ دەمدە مەن بۇ مۆھتىرەم زاتنىڭ ئەمەلدارلىق تونىنى سېلىۋېتىپ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ نېمىشقا ئەل – ئاۋامنىڭ بۇنچە يۇقىرى دەرىجىدە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، چۈنكى ئەل غېمىنى يېگەنلەرنى ئەل ئۇنتىمايتتى.
بىز مىجىت ناسىر ئاكا بىلەن بىر يېرىم سائەت پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق. ئىسمائىل تىلىۋالدى بىزنى تولىمۇ قىزغىن كۈتۈۋالدى، مەن ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ مېھمانخا ئۆيىگە كىرىپ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويۇلغان بوغدا ئابدۇللا ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن ئەھۋاللىشىۋاتقاندىكى خاتىرە سۈرىتىگە دىققەت قىلدىم، ئاندىن ئۆينىڭ يەنە بىر تېمىغا تۈرلۈك چوڭ يىغىنلاردا خاتىرە قالدۇرۇلغان دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن چۈشكەندىكى رەسىملىرى ئېسىلغان ئىدى. بىز رەئىسنىڭ ھوزۇردا بولغان بىرەر سائەت ۋاقىت ئىچىدە قىلچە تارتىنماي ئۆزىمىز ئويلىغان تېمىلاردا ئەركىن-ئازادە پاراڭلاشتۇق. ئىسمائىل تىلىۋالدىمۇ خۇددى بىر قىممەتلىك مېھمان بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك بىز بىلەن تولىمۇ ئەستايىدىل، سەمىمىي ۋە قىزغىن زىكرى-سۆھبەتلەردە بولدى. ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بىلگەنلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭىدىغان، يانچۇقىدا كىچىك خاتىرىنى ئايرىمايدىغان ئادىتى بىزنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ خاتىرىسىگە تۈرلۈك ئۇچۇر، ماتېرىياللارنى سان – سىفىرلار بىلەن، ئۇرۇن، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ناھايىتى ئىخچام خاتىرلەيدىكەن، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا يازغان خاتىرىسىدىن تارتىپ قەشقەر، خوتەن يېزىلىرىدا يازغان خاتىرلىرىگىچە خېلى كۆپ خاتىرلەرنى بىزگە كۆرسىتىپ، بىزنى ھەيران قالدۇردى. يەنە بىرى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ «مەن تاكى ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى –سىرتىدا بىرەر ئۇرۇن ياكى شەخسكە بېغىشلىما يېزىپ بەرسەم ئۇيغۇرچە بېغىشلىما يېزىپ بېرىمەن، چۈنكى ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىز قەدىرلىشىمىز كېرەك» دېگەن گېپى بىزگە چۇڭقۇر تەسىر قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان خۇشخەتلىرىنى كۆرۈپ، ئاپىرىن ئېيتتۇق. رەئىسنىڭ بىز بىلەن قەدىناس دوستلاردەك ئەھۋاللىشىشىدىن، كەمتەر، چىقىشقاقلىقىدىن سۆيۈندۇق. بىز رەئىسنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن پارىڭىمىزنى قىسقارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۈرەتكە چۈشتۇق. ئىسمائىل تىلىۋالدى ئاكا بىزنى ئىشىكىنىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى.
بىز ئىسمائىل تىلىۋالدى ئاكىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. ئابلەت ئابدۇرېشىت بىزنى تولىمۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈتۈۋالدى ھەمدە بىز بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى. ئابلەت ئابدۇرېشىت بىزگە ئۆزىنىڭ بىر دېھقان بالىسىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، كېيىن دۆلەت رەھبىرى بولغۇچە ئارىلىقتىكى بەزى قىزىقارلىق ئىشلارنى، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىلغان «سالچىلار» ناملىق روماننىڭ بارلىق كېلىپ جەريانىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىس بولغاندا مەرھۇم رەھبەر سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى ئىشلارنى، ئادىل ھوشۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ بىزنىڭ ئۆيىگە پات-پات كېلىپ ھەمسۆھبەتتە بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، سابىق دۆلەت كومىسسارى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. ئىسمائىل ئەھمەدمۇ خۇددى يۇقىرىدىكى رەھبەرلەرگە ئوخشاشلا بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىسمائىل ئەھمەد بىزگە ئۆزىنىڭ بالىلىق، ياشلىق چاغلىرىدىكى ئوقۇش ھاياتى، جاپالىق شارائىتلار، خوتەنلىكلەرنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى، ئۇيغۇر سەنئىتى، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. بىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى خۇددى قىممەتلىك بىر سائەتلىك دەرس ئاڭلىغاندەك دىققەت بىلەن ئاڭلىدۇق. بۇ جەرياندا بىز بۇ مۆھتىرەم رەھبەرنىڭ قانداق قىلىپ خوتەندىكى چىر ناھىيەسىنىڭ يېزىسىدىن ھالقىپ، دۆلەت كوممىسارلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغان جەريانىدىكى ئىش - ۋەقەلەرنى ھېس قىلغاندەك بولدۇق، چۈنكى بۇ رەھبەردە كىبىر – تەمماننا ئاز ئىدى، بىراق كەڭ نەزەر – دائىرە ۋە بىلىم بار ئىدى. بىز ئىسمائىل ئەھمەد بىلەن تۈرلۈك تېمىلاردا كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، بۇ تۆت مۆھتىرەم رەھبەرلەر ھوزۇرىدىكى ئۇنتۇلماس دەملىرىمىزنى تاماملىدۇق.
( 2013 – يىل 10 – نويابىر ئۈرۈمچىدە قىسقىچە قەلەمگە ئېلىندى)
|