ياپونىيەدە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى قانداق
ياپۇنىيەدە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ يوقىرى - تۆۋەنلىكىگە قارىتا ھەر خىل قاراش مەۋجۈت . ياپونىيەدە ئائىلە ئىقتىسادىنى ئاياللار باشقۇرىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى تۆۋەن ، دەپ قارىمايدۇ . ياپونىيەدە ئەرلەرنىڭ ئىشى ناھايىتى جاپالىق . ئادەتتە قەھۋەخانىلاردا ئەرلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ ، قەھۋە ئىچكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار .
ب د ت 2007 - يىلى " جىنسى پەرقنىڭ خىزمەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى" نى تەرەققى قىلدۇرۇش دوكىلاتىنى ئېلان قىلغان . پىلانغا كىرگۈزۈلگەن دۆلەتلەر ئىچىدە ياپونىيە 42 - ئورۇندا بولۇپ ، تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىسىغا تىزىلغان . بۇ ئەر - ئاياللار خىزمەت باراۋەرلىكى جەھەتتە ياپونىيەنىڭ تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرئىچىدە ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن .
ياپۇنىيەدە ئاياللىرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى نېمە ئۈچۈن تۆۋەن ؟ بۇنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاغلاشقا بولىدۇ .
بىرىنچىدىن ، ياپونىيە جەمئيىتىدە ئەر - ئاياللار يەنىلا قويۇق ئەنئەنىۋى قاراشنى ساقلاپ قالغان . ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى " ئەرلەر ھۆكۈمرانلىق جەمئىيىتى" دۇر ؛ ئىككىنچىدىن ، ياپونىيەدە ئاياللارنىڭ بالا تەربىيەلەش بىلەن خىزمەتنى بىللە قىلىشقا ياردەم قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس . ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن خىزمەت ئورنىغا قايتسا ئۆستۈرۈلمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ياپونىيەدە بالا باقىدىغان ئورۇنلارنىڭ كەم بولۇشى ئاياللارنى خىزمەت قىلىشتىن توسۇپ قويغان ؛ ئۈچىنچىدىن ، ھۆكۆمەت باج ، پاراۋانلىق قاتارلىق جەھەتلەردە توي قىلغان ئاياللارنى كۈتۈنگۈچى قاتارىغا ئايرىۋەتكەن ، ئەگەر ئۇلارنىڭ خىزمىتى بولمىسا ياكى مائاشى تۆۋەن بولسا ، ئېرىنىڭ مائاشىغا مەلۇم نىسبەتتە تۇلۇقلىما قوشۇپ بېرىلىدىكەن .
" شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى" دىن ئېلىندى |