- تىزىملاتقان
- 2012-2-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1648
- نادىر
- 1
- يازما
- 83
ئۆسۈش
  64.8%
|
خەنزۇ مۇسۇلمان بوپتۇ، لېكىن ئۇيغۇرچۇ؟
بۇ شېئىرغا قاراپ بېقىڭلار:
چۈشۈمدە،
ئەزرائىلنىڭ سوتىدا،
ئېسىلغانمىش ئۇپۇق دارىغا
ئۆلمىگەننىڭ جازاسى ئۈچۈن،
قەبرىلەرنى گوللىغان قۇياش.
ئەرۋاھىمنى ئايلانسۇن دۇنيا
كېچىلەرنى يۈدۈپ،
ھالسىراپ،
ئېزىققانچە ئادەمدەك گويا،
تېپىۋالسۇن دەرۋىش قەبرىنى
ھالاكەتنىڭ ئوربىتاسىدا،
ئۆلۈكىگە دۇنيانىڭ
كۆيگەن ئىمىش مىڭ-مىليون يىللاپ!
شۇ چاغ،
ھۇجرىسىدا ئارمانلىرىمنىڭ
داڭ ئۇرارمۇ نۆلگە سائىتىم؟
كىم بولساڭ بول ئەي يېڭى خۇدا.
خائىنمەن، خائىن،
مىڭ تىرىلسەم مىڭ ئۆمۈر ساڭا. |
|