ئەندىزىلىك توختام ۋە زوراۋان ماددىلار
يېقىندىن كاللامدا ئەندىزىلىك توختام ۋە ئۇنىڭ زىينىغا ئۇچىرىغاندا ئۆزىنى قانداق قوغداش توغرىسىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ،ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئويى پەيدا بولۇپ قالدى،شۇ سەۋەب بۇ يەردە ئۆز چۈشەنچەمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن،تورداشلار كۆپىرەك پىكىرلەشسەك ،پىكىر بېرىشسەك....
ئەندىزىلىك توختام-ئادەتتە ئۆزگەرمەس توختام،قېلىپلاشقان توختام،ئەگەشمە توختام دەپمۇ ئاتىلىدۇ،ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش قانۇنىدا ئەندىزىلىك توختام دەپ ئېلىنىدۇ.بۇ توختام ئادەتتە ئەندىزىلىك ماددىلاردىن تۈزىلىدۇ،توختام قانۇنىدا بۇنىڭغا مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن،ئەندىزىلىك توختام دېگىنىمىز ئالاقىدار تەرەپ تەكرار ئىشلىتىش يۈزىسىدىن ئالدىن تۈزۈۋېلىنىدىغان ،ھەم توختام تۇرغۇزۇلغاندا قارشى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلەشمەيدىغان ماددىلاردىن تۈزۈلگەن توختام شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.يەنە بەزىلەر مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ،يەنى"بىر تەرەپ ئالاقىدار ياكى ھۆكىمەت ئورگانلىرى ،ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئالدىن تۈزۈۋالغان ھەمدە بېسىپ تەكرار ئىشلىتىشكە تەمىنلىدىغان توختامدۇر".بۇ توختام بەلگىلىك جەمئىيەت ئىقتىسادى تەرەققىيات ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە ئومۇمى يۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا مەلۇم بىر كەسىپنىڭ مونوپوللىششى،تەكرار سودا،سودىلاشقان ئىككى تەرەپنىڭ قولايلىق بولۇش ،ۋاقىت تېجەشلىك بولۇشنى ئىزدەش تەقەززاسى قاتارلىق ئوبىكتىپ ئامىللار ئەندىزىلىك توختامنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ۋە سودا ساھەسىدە ئومۇمى يۈزلۈك ئىشلىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇنداق تەكرار ئىشلىتىدىغان ،قارشى تەرەپ بىلەن ئالدىن كېلىشمەيدىغان ماددىلاردىن تۈزۈلگەن توختامنى خالىغانچە ماددىلارنى قوشۇپ تۈزۈشكە بولمايدۇ ،بۇنداق توختام شەكلىنى ئىشلىتىپ تۈزۈلگەن ماددىلار قانۇنى جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە چەكلىمىلەرگە ئۇچىرايدۇ:
بىرىنجىدىن ،بۇنداق توختام تۈزۈلگەندە ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيتى چوقۇم باراۋەرلىك پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىلگەن بولۇشى كېرەك.ئەقىلگە مۇۋاپىق ئاساستا قارشى تەرەپنىڭ مەجبۇرىيتى ۋە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ قويىدىغان ماددىلار قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە مۇۋاپىق چەشەنچە بېرىش كېرەك.
ئىككىنجىدىن،توختامنى تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتنى يەڭگىلىتىپ ،قارشى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ،قارشى تەرەپنىڭ ئاساسى ھوقۇقىنى چەتكە قېقىش خاھىشى بولغان ماددىلارنى كىرگۈزىۋالسا ،قانۇن بويىچە بۇنداق ماددىلار ئىناۋەتسىزدۇر.
ئۈچىنجىدىن،توختامنى شەرىھلەش ھوقۇقى تۈزگۈزچى تەرەپكىلا تەۋە دېيىلگەن ماددا ئىناۋەتسىزدۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ 24-ماددىسدا مۇنداق بەلگىلەنگەن ،"تىجارەتچى تەرەپ ئەندىزىلىك توختام،ئوقتۇرۇش،بايانات، دۇككان بىلدۈرگىسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باراۋەر بولمىغان،ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا بولمايدۇ ".
ئەندىزىلىك توختامدىكى ئاتالمىش"زوراۋان ماددا"دېگىنىمىز ،بەزى تىجارەتچىلەرقانۇنى مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان ياكى ئۆز مەسئۇلىيتىنى يەڭگىللىتىدىغان باراۋەرسىز ئەندىزىلىك ماددىلار ،ئوقتۇرۇش،بايانات،دۇككان بىلدۈرگىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلىۋېلىپ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى چەكلەپ ،ئاممىنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بەلگىلىمىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن:
"بۇ رېستۇرانغا سىرىتتىن ئىچىملىك ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ"(ئىستىمالچىلارنىڭ تىجارەت سورۇنىدا ئەركىن تاللاش ھوقۇقىنى چەكلىگەن دۇككان بىلدۈرگىسىغا تەۋە)
"ئەڭ تۆۋەن چېكى بەلگىلەنگەن ئىستىمال ئۇقتۇرىشى"(بۇ سورۇننىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىستىمالى 500يۇەن ،ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئىستىمال قلىشقا بولمايدۇ،بۇمۇ توختام قانۇنىغا خىلاپ )
"سودا سارىيىمىزدىن سېتىۋېلىنغان ماللار بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ"....دېگەندەك .
تورداشلار ئۆزى ئىستىمال قىلىش ۋە مۇلازىمەت قوبۇل قىلىش جەريانىدا يۇقارقىدەك زوراۋان ماددىلارغا ۋە بىلدۈرگىلەرگە كۆپ ئۇچىرىغان بولىشى مومكىن ،بۇنداق ئەھۋالدا توختام قانۇنى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغدىشى زۆرۈر.
تورداشلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنە قانداق زوراۋان ماددىلارنىڭ باراۋەرسىز چەكلىشىگە ئۇچىرىدى ،بېشىدىن ئۆتكىنىنى ،ئۇچىرىغىنى ئېيتىپ باقسا ،پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق....
|