بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-8 15:12
باشقۇرغۇچى ئەركزات ئەپەندىمنىڭ بۇ تەشەببۇسى <<ھازىرقى باغداشقا كىچىككىنە تەكلىپ>> ./thread-20969-1-1.htmlخاتىمىسىگىچە سەۋىر قىلىنىپ تۇرۇپ ئاندىن خۇلاسىلانسا يەنىمۇ ئۆز ئورنىنى تاپقان بولىشى مۇمكىن ئىدى.
باشقىلار ئۇنى -دەپ بولغىچە بۇنى دەپ چىقىش ‹‹مۆتىدىل››لەشتۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ......
<<مۆتىدىل مۇنبەر>>دىگەن ئۇقۇمنى ئىشلىتشتىن ئىلگىرى مۇنبەردە <<ئاشقۇن>>لۇق مەۋجۈتمۇ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
باغداشنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى ئۇنىڭ <<ئاشقۇن>>لىقىدا ئەمەس بەلكى قانۇن-ئىنتىزامسىز ئەزالارنىڭ پۇرسەتپەرەسلىكىدە،شۇنداقلا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مۇئەييەن تەرەپلەردىكى مەسئۇللۇقىنى ئۆز ۋاختىدا ئادا قىلالمىغانلىقىدا .
ناۋادا ئەركزات ئەپەندىمگە ئوخشاش ئىقتىدارلىق بىر ئادەمنىڭ نەزىرىدە <<مۆتىدىل>>دىگەن ئۇقۇمنى ئۇيغۇر ئىنتىرنىت ساھەسىدە قوللىنىش مۇۋاپىق دەپ قارالسا كەلگۈسىدە <<تېرۇرچى مۇنبەر>>لەر تىزىملىكى ئېلان قىلىنىشىتەك غەلىتىلىكتىن تېخىمۇ ھەيران قېلىشىمىز مۇمكىن.....
ئۇ چاغدا ئەزەلدىن تىنىچلىقنى خالايدىغان يەنىمۇ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئىنتىرنىتقا يېقىن كېلەلەمدۇ؟ |